دۆلەتباغ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى)

دۆلەتباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.55 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 14 مىڭ بۇلۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %97.7 كە يەتكەن. جەنۇبىي رايونىدا ئېقىنلاردىن قىزىل دەرياسى، شىمالدا تۈمەن دەرياسى جەنۇبقا قاراپ قىزىل دەرياسىغا ئېقىپ كىردۇ. «314» دۆلەت يولىنىڭ چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەتباغ يېزىسىدا قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن ئارسلانخان مازىرى بار.

دۆلەتباغ يېزىسى

多来特巴格乡.Döletbagh town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 56 مىڭ
يەر مەيدانى 30 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر

تەھرىرلەش

دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ :

  • ئارسلانخان كەنتى (艾尔斯兰汗村)،
  • ئاقيار بېشى كەنتى (阿克亚贝希村)،
  • ئاياغ سوزاق كەنتى (阿亚克苏扎克村)،
  • ئەسلىكۆل كەنتى (艾斯里库勒村)،
  • ئەگرىيار كەنتى (艾格日亚村)،
  • باغچى كەنتى (巴格其村)،
  • تاربوغۇز كەنتى (塔吾古孜村)،
  • توقاي كەنتى (托喀依村)،
  • تۇرپان كوچىسى كەنتى (吐鲁番库恰村)،
  • تۆۋەنكى ھويلا كەنتى (托万克霍依拉村)،
  • تىل سۇزاق كەنتى (提勒苏扎克村)
  • چوڭ كۆلبېشى كەنتى (琼库勒贝希村)،
  • سوپىلار كەنتى (苏皮拉村)،
  • قەدىمىيجاي كەنتى (喀迪木加依村)،
  • كۆۋرۈكبېشى كەنتى (科瑞克贝希村)،
  • لەڭگەر كەنتى (兰杆村)،
  • ياركۆلبېشى كەنتى (亚尔库勒贝希村)،
  • يانبۇلاق كەنتى (央不拉克村) قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى

تەھرىرلەش

ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات رايونى بار. باقمىچىلىقتا كالا، قوي بورداش ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ياغاچ ماتېرىياللىرى توپ سېتىش سودا بازىرى تەسىس قىلىنغان. بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، ترانسپورت، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، پىلاستىك ماتېرىيال (سۇلياۋ)، پار قازان ياساش قاتارلىق يېزا-بازار كارخانىلىرى بار.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش