دۇنيا تىياتىر بايرىمى

يىگىرمە يەتتىنچى مارت دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى

- يىلى باھار ئايلىرىدا، پارىژدا خەلقئارا تىياتىر ئىنستىتۇتى قۇرۇلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا تىياتىر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ھەر يىلى 27- مارت كۈنى، «دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ چىقىلغان. ھەر يىلى بۇ ئىنستىتۇتقا ئەزا دۆلەتلەردە، 27- مارت كۈنى دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى سۈپىتىدە قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ. تۈركىيىمۇ خەلقئارا تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئەزا دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيىدە ھەر يىلى 27- مارت كۈنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېىلىپ بېرىلىدۇ. دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى تۇنجى قېتىم 1960- يىلى تەبرىكلەنگەن. 27- مارت دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنىدە، سەھنىلەردە دىكىلماتسىيە قىلىنىش مەقسىتىدە، دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر تىياتىر سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن تىياتىرغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە تەييارلىنىدۇ. پۈتۈن خەلقئاراغا خىتاب قىلىنغان ماقالە، خەلقئارا تىياتىر ئىنستىتۇتى تۈركىيە تارمىقى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، بارلىق تىياتىر سەنئەتچىلىرىگە، سەنئەت بېغىدىكى كەسىپداشلارغا، ئاخبارات ئورگانلىرىغا ئەۋەتىلىپ، سەھنىلەردە دىكىلماتسىيە قىلىنىدۇ. ھەريىلى 27- مارت كۈنى تىياتىرلار ھەقىسىز قويۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تىياتىرغا بولغان تونۇشىنى ۋە قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال تا 1977- يىلىغىچە داۋام قىلىدۇ. 1977- يىلىغا كەلگەندە ستوكھولۇمدا بىر يەرگە جەم بولغان خەلقئارا تىياتىر ئىنستىتۇتى كېڭىشى، دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنىدە دېكىلماتسىيە قىلىنىشى ئەنئەنىگە ئايلانغان ماقالىنىڭ، تۈركىيىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ھەر دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىياتىر سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. 1978- يىلى 27- مارتتا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنىگە ئائىت ماقالىنى، ئۆزىنى تۈرك تىياتىرىغا بېغىشلىغان مۇھسىن ئەرتۇغرۇل قەلەمگە ئالىدۇ.

ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان تىياتىر سەنئىتى، بارلىق سەنئەت تۈرلىرىدىن تەركىپ تاپقان سەھنە سەنئىتى. تىياتىر پەقەت مۇزىكىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئەقلىگىمۇ خىتاب قىلىدۇ. ئەدەبىياتقا ئوخشاش پەقەتلا تىل ياكى سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى كونكرىتلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنساندىن ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ئۆز نىداسىنى ئىنسان ئارقىلىق روياپقا چىقىرىدۇ.

تىياتىر، ئىنساننى، ئىنسانغا ئىنسان ئارقىلىق چۈشەندۇرۇدىغان بىر خىل سەنئەت تۈرى بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن، پۈتۈن دۇنيا تىياتىرغا نىسبەتەن بىر سەھنىدىن ئىبارەت. يەنى دۇنيا تىياتىرنىڭ دەل ئۆزى ھېساپلىنىدۇ. تىياتىرنىڭ مۇشۇنداق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشنى پەقەتلا ھەزىم قىلالماي كەلگەن بىر قىسىم كىشلەر تىياتىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بۇ دۇنيادىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقاچان مەقسىتىگە يېتەلمىدى ۋە يېتەلمەيدۇ. قەدىمىي دەۋىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تىياتىر ئىجادىيەتلىرى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى دەۋىرىمىزدىكىدەك كىچىك بولغان تىياتىر زاللىرى ئۆز ۋاقتىدا يوق ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ دەۋىرلەردە ئىنتايىن چوڭ بولغان تىياتىر زاللىرى بىنا قىلىناتتى. 25000 ۋە 30000 كىشىلىك تىياتىر زاللىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.. مەسىلەن، قانچە مىڭلىغان ئويۇنلار قويۇلغان بۇ ھەيۋەتلىك تىياتىرخانىلاردا...ئوچۇقراقى، ئىزمىر سەلچۇقتىكى ئەفەس قەدىمىي تىياتىرخانىسى، ئانتاليادىكى ئاسپەندوس تىياتىرخانىسى، سىدە ۋە بەرگاما تىياتىرخانىسى...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تاماشىنبىلار بىلەن تولۇپ تاشاتتى. بۇ تىياتىرخانىلار تاماشىبىنلار گاھ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتسە، گاھ قاققلاپ كۈلۈپ كېتىشەتتى. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلار ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنى تىياتىرغا قىزىقتۇرۇشىقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلەتتى. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى تىياتىر ئويۇنلىرىمۇ بۇرۇنقى تىياتىرلارغا ئوخشاش كىشىنى ئويلاندۇرىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەلۋەتتە. تىياتىرنى ھەم ھاياتقا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقى ئۈچۈن قىزغىن سۆيىمىز. رېئاللىق بىلەن چۈشنى پەرقلەندۈرۈشتە تېڭىرقاپ قالغانلىقىمىزدىن، چاخچاق بىلەن راست گەپنى بىر دەپ، چۈشىنىپ قالغانلىقكىمىزدىن ۋە توغرا بىلەن يالغاننى بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن تىياتىرنى قىزغىن سۆيىمىز. چۈنكى تىياتىر ھاياتنىڭ دەل ئۆزى ياكى سەنئەتچىنىڭ خىيالى. تىياتىر ئارقىلىق رېئالىقتىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر بىلەن يۈزلىشىشنى، بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلارغا تاقابىل تۇرۇشنى، بۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشنىمۇ ئۆگىنىۋالالايمىز، خۇددى تۇرمۇشتا باشتىن كەچۈرۋاتقىنىمىزدەك....

بۈگۈن 27 – مارت دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى....بۈگۈن بۇ بايرامنىڭ 48 – قېتىملىقى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە. بۈگۈن، «دۇنيا تىياتىر بايرىمى كۈنى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا تىياتىر سەھنىلىرىدە ئالاھىدە ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. بۈگۈن پەردە شۇنداق ئېچىلىدۇكى، پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭ سۆيگۈ ۋە مېھرى – شەپقەت سادالىرى ھەممە ياقتا ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ. سەنئەتچىلەرمۇ چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە ناھايىتى روھلۇق ھالدا ھەر خىل تىياتىر نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدۇ. ئۇنداقتا تاماشابىنلارچۇ؟ ئويۇن، سەنئەتچى ۋە تاماشىبىن بىر – بىرىدىن ئەسلا ئايرىلالمايدۇ سۆيۈملۈك دوستلار. ئۇلار بۈگۈنمۇ بار، ئەتىمۇ بولىدۇ، توغرىراقى ئۇلار ھەمىشە ھەممە يەردە بولىدۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ ئويۇنلارنى، ئويۇنچىلارنى، تىياتىرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. تىياتىرغا ئەمگەك سىڭدۈرگەن ۋە تىياتىرنى قىزغىن سۆيىدىغانلارنىڭ تومۇرى مانا بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە تىياتىر ئۈچۈن سوقىدۇ. تىياتىر ھەققىدە، ئويۇنلار ھەققىدە، سەنئەتچىلەر ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھالبۇكى تىياتىرلار بۈگۈن پەردىلىرىنى ھەقسىز ئاچىدۇ. بۈگۈن تىياتىر زاللىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. ئالقىش سادالىرى پەلەككە يېتىپ، ناتىۋان يۈرەكلەر چەكسزى شات – خۇراملىققا چۆمىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=672f855c-9abb-4216-b9e4-c18cd723d4a0