دەلىلچىلىك پەلسەپىسى

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى پەنلەر پەلسەپىسىدىن بىرى ھىسابلىنىدۇ. دەلىلچلىك پەلسەپىسىدە ئۇچۇرلار لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش ۋە ماتېماتىكىلىق ھىېسابلاشلار ئارقىلىق ئىرىشىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە سان-سىفىرلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىلىدۇ. دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە يەنە تەجرىبىنىڭ ئورنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. سىناشلاردىن ۋە تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن ھەقىقەتلا ئاندىن توغرا بىلىم ھىسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە تۇيغۇغا تايانغان ھىسسىي بىلىملەر بىردەك ئىنكار قىلىنىدۇ.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ قانۇنىيتىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قانۇنىيەتكە پەقەت كۈزىتىش، تەجرىبە قىلىش ۋە لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. دەلىلچىك پەلسەپىسى ئىتراپ قىلىدىغان بىلىم ھەرگىزمۇ شەخسىنىڭ ھىسسىي ياكى تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىگە تايانغان بولمايدۇ. دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە ئىرىشىلمەكچى بولغان قانۇنىيەت ياكى بىلىم تەكرار سىناقلاردىن ئۆتكەن بولۇشى كىرەك.

ۋەھالەنكى، دەلىلچىلىك پەلسەپىسى يىقىنقى زامان پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور رول ئوينىدى. جۈملىدىن، دەلىلچىلىك چۈشەنچىسى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدا يىڭى بىر خىل سىلكىنىش ئاتا قىلدى. چۈنكى، دەلىلچىلىك پەلسەپىسى ئوتتۇرىغا قويغان بىلىش ئوسۇللىرى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىش ئۇسۇلىغا تۈپتىن قارشى ئىدى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە بىلىم ياكى توغرىلىق ھۈكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسىگە تايانغان ياكى مىتافىزىك شەكىلدە ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، كىشىلەر مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتى ھەققىدە كۆپ بىر نەرسىلەرنى بىلمەيتتى. بىز تەبىئىي پەن تارىخىغا قارايدىغان بولساق، نىيوتۇننىڭ ھەرىكەت نەزەرىيەسىدىن باشلانغان بۈيۈك پەن ئىنقىلابىنىڭ كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى غايەت زور غىدىقلىغانلىقىنى بىلىمىز.

ئىنسانىيەتنىڭ يىقىنقى ئىككى-ئۈچ ئەسىردە غايەت زور يىڭىلىقلارغا ئىرىشىشنىڭ سەۋەبى بىر نوقتىدا ھادىسىلەرنى ئوبىكىتىپ مەيدان ۋە بىر قەدەر ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشقا تايانغانلىقىدىن بولسا كىرەك. بۇ سەۋەپتىن، دەلىلچىلىك پەلسەپىسى ئالدى بىلەن تەبىئىي پەن پەلسەپىسىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، تەبىئىي پەنلەردە ئاساسەن دەلىلچىلىك پەلسەپىسىنىڭ لوگىكىلىق ئوسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسىنىڭ تارىخىنى خىلى ئوزۇنغا سۈرگىلى بولىدۇ. دەلىلچىلىك پەلسەپىسى 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ياۋرۇپادا بارلىققا كەلدى. ئانا ۋەتەنى فىرانسىيە ئىدى.[1] دەلىلچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە گەپ بۇلۇنغان ھامان ئاۋگۇست كومت ئەقلىمىزگە كىلىدۇ. چۈنكى، كومت دەلىلچىلىك پەلسەپىسىنى تەرەققى قىلدۇرغان ئاۋانگارتلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.

دەلىلچىلىلىك(positivism) فىرانسۇزچە positivismeدىن كەلگەن ئىدى. دەلىلچىلىك پەلسەپىسى 1848-يىلدىكى ئىنقىلاپتىن كىيىن فىرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بۇرژۇئالاردا بۈيۈك بىر تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىدى.[2] ئىنقىلاپتىن كىيىن ھۇقۇق تۇتقان فىرانسىيە بۇرژۇئازىيەسى ئۈچۈن ماتېرىيالىزىم قورقۇنۇچلۇق ئېقىم سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىدى. بۇ دەلىلچىلىكىنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئىدى. ئىشچى ھەرىكەتلىرى تەرەققى قىلغان ۋاقىتتا، بۇرژۇئازىيە ئىشچىلارنىڭ دىيالىكتىك ماتېرىيالىزىم قارىشىغا زىت ھالدا دەلىلچىكىتىن پايدىلىنىشقا باشلىدى.[3] مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيەنى مەركەز قىلغان ئىشچىلار ھەرىكىتى ھەدەپ بۇرژۇئانىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى ئىدى. ئىشچىلار كارل ماركسىنىڭ دىئالىكتىك ماتېرىيالىزىملىق قارىشىنى ئاساس قىلاتتى. فىرانسىيە بۇرژۇئازىيەسى ئەكىسچە ھالدا، جەمئىيەتتنىڭ بارغانىسىرى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيتىنى بىلگىلى بۇلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئاۋگۇست كومت تەدرىجىي تەرەققى قىلىش پىكىرنى قوللاش تەرەپدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇرژۇئازىيەگە يىقىن ئىدى.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى كىيىنچە ئەنگىلىيەگە تارقالدى. جەمئىيەتشۇناسلاردىن خېربېرت سپېنسىر قاتارلىقلار بۇ خىل پەلسەپىسىنىڭ ياقىلىغۇچىلىرىغا ئايلاندى. 20-ئەسىر پەن تارىخىدا دەلىلچى پەلسەپە ئاساسلىق پەن پەلسەپىسىگە ئايلاندى. گەرچە، 20-ئەسىر تارىخىدا دەلىلچى پەلسەپىسىگە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما، دەلىلچىلىك پەنلەر تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق پەلسەپىلەرنىڭ بىرى ھىسابلاندى.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى ھەقىقىي بىلىم ئىلمىي بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل پەلسەپىدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى ئۆلچىگىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئىجتىمائىي دۇنيادىكى ھادىسىلەرنىمۇ ئۆلچىگىلى ۋە بۇ ئارقىلىق قانۇنىيتىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە سان-سىفىرلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، دەلىلچىلىك پەلسەپىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ھادىسىلەرنى ئۆلچەش مەسىلىسى خىلى بورۇنلا بىر قىسىم ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنى بىئارام قىلغان. ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى قاتارلىق پەنلەر دەلىلچىلىك پەلسەپىسىگە تۈپتىن قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىنسانشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان مەلۇم كۆز-قاراشلارغا، ئەركىن ئىرادىگە ساھىپ بولۇپ، تەبىئىي پەندە ماددىلارنى ئۆلچىگەندەك ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيتى ھەققىدە قېلىپلاشقان قانۇنىيەتنى تېپىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ قىلالايدىغىنى ئوبىكىتىپ ھادىسىنى تەسۋېرلەش ۋە چۈشىنىشتىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي دۇنيادىكى ھادىسىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھادىسىلەرگە ئوخشاش ئۆلچىنىشتىن تۇلىمۇ يىراق.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان يەنە بىر خۇسۇسىيەت شۇكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر قانۇنىيەت ئارقىلىق ھادىسىلەرنى ئېچىپ بەرگىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى جانلىقلارنىڭ توغۇلۇپ ئۈلىشىدىن، ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇپ يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەت. قىسقىسى، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردە مەلۇم بىر ھادىسىدىن كىلىپ چىققان لوگىكا ۋە قانۇنىيەت ئارقىلىق يەنە باشقا بىر ھادىسىنى ئېچىپ بىرىش، پەنلەر ئارىسىدا ئىخچاملىنىش(reductionism)نى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم دۇنياسىدا دەلىلچىلىك پەلسەپىسىگە بولغان كۆز-قاراشلارمۇ خىلمۇ-خىل. جۈملىدىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ دەلىلچىلىك پەلسەپىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكىدا ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئاساسەن سان-سىفرلارغا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەن، ۋە مەيلى تەبىئەت پەن بولسۇن، سان-سىفىرلار ھەقىقەتنى سۆزلىسۇن، دەيدۇ. بۇ دىگەنلىك، تەتقىقاتتا تەجرىبە قىلىش، كۈزىتىش ۋە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئوسۇللار ئارقىلىق ئىرىشىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى مەلۇم سان-سىفرلار ۋە فورمۇلالار ئارقىلىق ئەكىس ئىتىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتتىن كىلىپ چىققان سان-سىفرلار ئەمەلىيەتنىڭ ئۈزىگە تەڭ بولىدۇ. تەتقىقاتچىمۇ چىققان نەتىجە ئەھمىيەت بىرىدۇ.

دەلىلچىلەر تەجرىبە ۋە دەلىللەرگە تاينىدىغان بولغاچقا، ئاۋگۇست كومت دەۋرىدىن باشلاپلا دىننى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. كومتنىڭ نەزىرىدە دىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىلىش شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنسانلار دىن نىمە دېسە شۇنى قوبۇل قىلاتتى. كومت ئىنساننىڭ تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن بولۇپ، دىن ۋە روھقا مۇناسىۋەتلىك باسقۇچ ئىنساننىڭ گۈدەكلىك دەۋرنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

دەلىلچىلىك دىننى ئىنكار قىلىدىغان بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەننىڭ رۇلىغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان كىشىلەر دىننى پەن نوقتىسىدىن ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دەلىلچىلىك پەلسەپىسىنىڭ قىلالايدىغىنى ئۆزى كۈزىتەلەيدىغان، بىلەلەيدىغان ھادىسىلەرنى كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش بولۇپ، نورۇغۇن كەمچىلىكىلىرى بار. مەسىلەن، مىكروپ قەدىمدىن تارتىپلا بار نەرسە. ئەمما، مىكروسكوپ ۋە زامانىۋى كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئىجاد قىلىنغاندىن كىيىن ئاندىن كىشىلەر مىكروپ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەزەلدىن بار بولسىمۇ، بۇ خىل پەلسەپىنىڭ مېتودىغا تايىنىپ بىلىنمىگەن نەرسىلەرنى بىر يۇلى بىلەن يوق دەپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تاشقى پىلانتلاردا جانلىق بارمۇ دىگەن سۇئال ئىنسانلارنىڭ تاشقى پىلانتلارنى كۈزىتىش ۋە ئالاقە قىلىش تېخنىكىسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلى جاۋابسىز قالدى. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ تاشقى پىلانتلاردا جانلىق يوقلىقىنى ياكى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئىلمىيلكىنىڭ نورغۇن كەمچىلىكى بار. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۆلچىيەلمەيدىغان، كۈرەلمەيدىغان، كۈزىتەلمەيدىغان نورۇغۇن نەرسىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشايمىز. مەسىلەن، ھاۋانىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلسىمۇ ئۇنى كۈرەلمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەلىلچىلىك پەلسەپىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان بەزى ”ئىلمىيلىك“لەر بۈگۈنكى كۈندە بەزى پەلسەپىچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن سۆكۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەلىلچىلىك پەلسەپىسىنىڭ كىيىنكى دەلىچىلىك(post positivism) دىگەندەك تۈرلىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد پىكىرلەرنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان.

[1] Positivizm, İ.S.Narski, positivizimin ortaya çıkışı ve gelişimi, Evrensel basım yayınları, 2013, s.60

[2] Positivizm, İ.S.Narski, positivizimin ortaya çıkışı ve gelişimi, Evrensel basım yayınları, 2013, s.60

[3] Positivizm, İ.S.Narski, positivizimin ortaya çıkışı ve gelişimi, Evrensel basım yayınları, 2013, s.61