رابىيە قادىر (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Rabiye Qadir ) بولسا ئۇيغۇرلار ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچى, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى ۋە سابىق رەئىسى. خەلقارا جەمىئەت ئىتراپ قىلغان ئىنسان كىشلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسى،ھازىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ۋە بىرقىسىم تەقدىرى ئۇيغۇرلابىلەن ئوخشاش ئىزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل خادىمى.

رابىيە قادىر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ ئالىي رەھبىرى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2017-يىلى 12-نويابىر
رەئىس دولقۇن ئەيسا
مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن ئەكرەم،
پەرھات مۇھەممەد
سابىق رەئىس ئەركىن ئالپتەكىن
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1946-يىلى 15-نويابىر (72ياش)

ئالتاي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇرار جايى ۋاشىنگتون، ئامېرىكا
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى
ۋەزىپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى [1]
تور بەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

سىياسىي ھاياتى تەھرىرلەش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە بۇ ئورۇنلارنى تاقاشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان باستۇرۇش ۋە غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىپ، ئۇلاردىكى ئاتالمىش «رادىكاللىق» ۋە «خاتا ئىدىيەلەر» نى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم بولمىسىمۇ، بىراق ئاز كەم بىر مىليون، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

ئاچلىق ئېلان قىلىشى تەھرىرلەش

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى‏- ئابچ پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. [2] |-

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە، ئۇنىڭ بۇ قىيىن يولنى تاللاش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قاراتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئابچ نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 37 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يالغۇز مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمنىلا ئەمەس، بەلكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ناتسىستلارنىڭ ئۇسۇلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا» دېگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش پىكىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىر» ئىغا بۇرالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى ئىككى كۈن ئاۋۋال بېيجىڭدا «تۈمەنلىگەن» ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەنە پات يېقىندا ئاۋسترالىيەنى يەنە زىيارەت قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر-ئاۋسترالىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قايسى ئورۇندا ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. ئابچ نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتمەكتەئىكەن.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "د ئۇ ق نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى(2017-يىلىدىن 11-ئايدىن بېرى)". Archived from the original on 2018-05-07. Retrieved 2018-05-02.
  2. "ئاۋسترالىيە ئاخباراتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى". Archived from the original on 2018-04-26. Retrieved 2018-05-02.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى