قىسقىچە تەرجىمھالى تەھرىرلەش

ئىسىم-فامىلىسى رادىل ئابلا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1968.8.17
يۇرتى ئۈرۈمچى
تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى
مەدەنىيەت سەۋىيەسى دوكتور
ۋەزىپىسى باش دىرېكتور

رادىل ئابلا 1968-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى شىنجاڭ ئارمان سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. ھازىر شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داڭلىق مىللىي كارخانىچى ھېسابلىنىدۇ.

رادىل ئابلا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 10-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يەككە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى 2-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى EMBA كۇلۇبى كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يەككە-خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن.

  • == شەخس تارىخى ==

1990-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1990-يىلى 7-ئايدا، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، بىيولوگىيە ئىلمى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1995-يىلى، شىنجاڭ ئارمان سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى 1-ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت ياش كارخانىچىغا ئايلانغان.

1997-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭ ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.

2000-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2001-يىلى، 21-ئەسىر خەلقئارا تېببىي پەنلەر چوڭ يىغىنىدا ب د ت تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى تارقاتقان ب د ت خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئوزۇقشۇناسلىق پەنلىرىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلدىن 2006-يىلغىچە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا EMBA ئوقۇپ، سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ھەمدە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى EMBA كۇلۇبى كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

2009-يىلى 1-ئايدا، شىركەتنى شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن.

خەلقئارالىق شەرەپلەر: 2001-يىلى، 21-ئەسىر خەلقئارا تېببىي پەنلەر چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغان ئىلمىي ماقالىسى «تېببىي پەنلەر ساھەسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىلىم-پەن مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن؛ 2001-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق فوندى جەمئىيىتى تارقاتقان «ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپلەر: 2008-يىلى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياش كارخانىچىلارنىڭ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا، 2007-يىلى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن 18-نۆۋەتلىك «جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش نامزات مۇكاپاتى» غا، 2006-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى» شەرىپىگە، 2006-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە EMBA دە ئوقۇغان ئون داڭدار شەخس» مۇكاپاتىغا، 2005-يىلى «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى «مەملىكەت بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلغان پۇقراۋى كارخانىچى» شەرىپىگە، 2004-يىلى جۇڭگو «شەرەپلىك ئىشلار چولپىنى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىچىسى» شەرىپىگە، 2002-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە ياشلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەرەپلەر: 2007-يىلى «شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى» شەرىپىگە؛ 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» مۇكاپاتىغا؛ 2003-يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتى» غا؛ 2002-يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە 5-نۆۋەتلىك ئون كۆزگە كۆرۈنگەن ياش مۇكاپاتى» غا؛ 2001-يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى مۇكاپاتى» غا؛ 2000-يىلى «شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئون چوڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

شەھەر دەرىجىلىك شەرەپلەر: 2005-يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە جۇڭگو سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى» نامىغا؛ 2007-يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياش خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى» نامىغا ئېرىشكەن.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، رادىل ئابلا شىركەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، «يېشىل يېمەكلىك» خام ئەشيا بازىسى قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭدىكى 20 مىڭغا يېقىن دېھقاننى يەرلىك مەھسۇلات تېرىشقا يېتەكلىگەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقانلار ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. گۇرۇھ شىركەت ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان، رادىل ئابلا ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. 2001-يىلى گۇرۇھ شىركەت مەبلەغ چىقىرىپ، كۈنەس ناھىيەسى ۋە ئالتاي شەھىرىدىكى ئىككى دۆلەت كارخانىسىنى سېتىۋالغان ھەمدە كارخانىنىڭ 80 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتكەن. رادىل ئابلا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. 1998-يىلدىن ھازىرغىچە مائارىپ ئىشلىرى، جەمئىيەت پاراۋانلىقى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈش، ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىش قاتارلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردەم قىلغان.

مەنبە: تەھرىرلەش

http://www.karwan.cn/xahis/karhaniqilar/2015/0622/6647.html