ئىلتۇتمۇش قىزى رازىيە بېگىم
تۇغۇلۇشھ. 602 / م. 1205، دېھلى سۇلتانلىقى
ۋاپاتىھ. 637 / م. 1240، دېھلى سۇلتانلىقى
مىللىتىتۈرك


سۇلتان ئىلتۇتمۇش قىزى رازىيە سۇلتان (رضية سلطانة بنت إلتـُتـْمـِش / 1205 - 1240) ئىسلام تارىخىدا يەمەن سۇلەيھىي سۇلتانەسى ئەرۋا بىنت ئەھمەددىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ رەسمىي سەلتەنەت سۈرگەن ئايال سۇلتان.

رازىيەدىن قالسا مىسىردا شەجەرەتۇددۇر (تېگى خارەزملىك تۈرك) پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ئۈچىنچى ئايال بولۇپ، ئۇ (ھ. 648 / م. 1250 – يىلى) مىسىردىكى مەملۇكىيلەر دۆلىتىنىڭ تۇنجى سۇلتانى بولغان[1] ۋە 60 كۈن ھاكىمىيەتتە ئولتۇرغان.

ھاياتى تەھرىرلەش

ھ. 634 / م. 1236 - يىلى سۇلتان ئىلتۇتمۇش ۋاپات بولدى ۋە ئورنىدا ئوغلى رۇكنىددىن فىرۇزنى قالدۇردى. لېكىن، ئۇ ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئۆزبېشىمچى ئانىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىقلار ئۇلغايدى. ئاخىرىدا، كۆپلىگەن ئەمىرلەر ئىلتۇتمۇشنىڭ قىزى رازىيەگە بەيئەت قىلدى ۋە ئۇنى سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. رازىيە (رازىيەتۇددىن) ئەقلى ئۆتكۈر، شىجائەتلىك ۋە ناھايىتى زېرەك، قۇرئان يادلىغان ۋە ئىسلام فىقھىنى ئوبدان بىلىدىغان قىز ئىدى. ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن ئاكىلىرىنىڭ ئورنىغا ۋەلىئەھدى قىلىشنىمۇ ئويلىغان ئىدى. لېكىن، باشقىلارنىڭ ئېتىرازىدىن ئەنسىرەپ قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا دادىسىنىڭ راۋا كۆرگىنى ئەمەلگە ئاشتى. رازىيە سۇلتانلىقنى قولغا ئېلىپلا، ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە باتۇرلۇقىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ھىندىستان تارىخچىلىرى ئۇنىڭغا «جاھان قاشقىسى مەلىكە» دېگەن نامنى قوللانغان.[1]

ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى تەھرىرلەش

رازىيە دېھلى سۇلتانلىقى تەختىدە (ھ. 634 – 637 / م. 1236 – 1240) تۆت يىلچە ئولتۇرغان ۋە بار كۈچىنى ئاكىسىنىڭ بۇزۇپ - چېچىشى تۈپەيلى خەزىنىلىرى قۇرۇقدىلىنىپ كەتكەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە سەرپ قىلغان ھەمدە ئادىل ۋە ھېكمەتلىك سىياسەت تۇتۇشتا ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭغان. لېكىن، ئۇ قىرىق كىشىلىك مەجلىسنى تەشكىل قىلىدىغان، ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزىۋالغان چوڭ ئەمىرلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. مەلىكە تىرىشىپ، ئۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۆزىگە سەركەشلىك قىلغانلارنى تەقىب قىلىدۇ.[1]

ئۇ ئەرەنچە قىياپەتتە كۆرۈنەتتى ۋە تەختتە ئۈستىگە يەكتەك، بېشىغا بۆك كىيىپ ئولتۇراتتى. جەڭلەردە پىلغا مىنىۋېلىپ، قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلاتتى.[1]

ئۇ مەملىكەتنىڭ ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى رەتلەشكە كىرىشتى، دۆلەتكە يېڭى ۋەزىر تەيىنلىدى ۋە قوشۇن ئىشىنى سەيفىددىن ئايبەگ ئىسىملىك ئەڭ قابىل سەركەردىلىرىنىڭ بىرىگە تاپشۇردى. رازىيەنىڭ قوشۇنلىرى رىنتىھبور قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەدىكى قامال قىلىنغان مۇسۇلمانلارنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزدى. ھىندىلار رازىيەنىڭ دادىسى سۇلتان ئىلتۇتمۇشنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قەلئەنى قامال قىلىۋالغان ئىدى.[1]

بىراق، بۇ سىياسەت ئۆزلىرىگە بىر ئايالنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى ياقتۇرمىغان مەملۇكلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇلتاننىڭ جامالىددىن ياقۇت دەيدىغان بىر پارس ئەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتقانلىقى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى. بۇ ئەر چەۋەندازلارنىڭ سەركەردىسى مەنسىپىگە ئېرىشكەن ئىدى. سۇلتان ئاخىرىقى قېتىم ئۆزىگە قارشى قوزغالغان ئىسيان ھەرىكەتلىرىنى جىمىقتۇرالمىدى. نەتىجىدە، مەملۇكلەر ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ، توپىلاڭ قوزغىدى. رازىيە باتۇرلارچە توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولدى. ئاخىرى، ئىش ھ. 637 - يىلى رەبىئۇلئەۋۋەلنىڭ 25 - كۈنى (م. 1239 - يىلى 25 - ئۆكتەبر) ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە قېرىندىشى سۇلتان مۇئىززۇددىن چىقتى.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 1.4 1.5 ئەھمەد تەممام، ھىندىستاننىڭ ئايال سۇلتانى رازىيە، ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 26-11-2020 ئۇلىنىشى. أحمد بخش الهروي – المسلمون في الهند – ترجمة أحمد عبد القادر الشاذلي – الهيئة العامة للكتاب – القاهرة – 1995. عبد المنعم النمر – تاريخ الإسلام في الهند – المؤسسة الجامعية للدراسات والنشر – بيروت – 1401هـ=1981م. ابن بطوطة – تحفة النظار في غرائب الأمصار وعجائب الأسفار (رحلة ابن بطوطة) – المطبعة الخيرية – القاهرة – 1322هـ.