رانى 1978- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۇنى ( Rani Mukherjee ) بىنگالدىكى بىر سەنئەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سەنئەتكار ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا راندا تۇغما ئويۇن قويۇش تالانتى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىك بار.

دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۇنى
خەنزۇچە نامى 拉尼·穆克赫吉
ئۇيغۇرچە ئىسمى رانى
باشقا نامى رانى مۇكارجى
يۇرتى ھىندىستان
كەسپى ئارتىس، ئاكتىيور

شەخسى ئارخىپ تەھرىرلەش

رانى 1978- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۇنى Rani Mukherjee بىنگالدىكى بىر سەنئەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى پىنسىيىگە چققان كىنو رېجسورى، ئانىسى ناخشىچ، ئاكىلىرى ھەم تاغىلىرىمۇ كىنو ئىشلىگۈچىلەر، ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى كاجول (kajol ) مۇ ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى. سەنئەتكار ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا راندا تۇغما ئويۇن قويۇش تالانتى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەللىك بار، شۇڭا ئۇ بۇلاردىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى مىجەزى ۋە ئۆزىدە بار بولغان تىرىشچانلىق ئۇنى تېخىمۇ پارلاق بىر كەلگۈسىگە باشلاپ كىرگەن.

رانى ئادەتتە ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ كەلگەن بۇلۇپ، ئائىلىدە پەقەت كۆك پۇرچاق ئۇمىچى بىلەن گۈرۈچ تامىقى، سالات ۋە شورپىنىلا ئىستىمال قىلىدۇ. ئۇ ئاپىسى ئەتكەن بېلىق قورۇمىسىن يېيېشكە بەكلا ئامراق بۇلۇپ، تېز تاماقنى ئۆزىگە يېقىن يۇلاتمايدۇ، تېز تاماققا قارىغاندا سۇ ئىچكەننى ئەۋزەل دەپ بىلىدۇ.

سەنئەت ھاياتى تەھرىرلەش

رانى مۇكارجىنىڭ كىنو ساھەسىدىكى يولى ناھايتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ كەلگەن. رانىنىڭ بىرخىل تەبئىي پۈتۈپ قالغان ئاۋازى بار بۇلۇپ، بۇ بىر ئارتىسقا نىسبەتەن بۇ بىر پايدىسىز ئەھۋال ھېسابلىناتتى.

رانىنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتىرلىشىدە ، 2004-يىلى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ھېسابلىندۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ‹مەن ۋە سەن › ناملىق فىلىمدە ئالغان رولى ناھايتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.ھەمدە flimfare.نىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹yuva› ناملىق فىلىمدىن كېيىن ئەڭ مۇنەۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .2005-يىلى ‹قاراڭغۇلۇق ›ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. (فىلىمدە بىر گاس ، گاچا ،ئەما قىزنىڭ رولىنى ئالغان )بۇ كىنولار باھالىغىچىلارنىڭ ۋە كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . شۇنداقلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى چولپانلىق سالاھىتىگە سەۋەبچى بولدى.

ئاساسلىق ئەسىرى تەھرىرلەش

ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن ‹Bichnoo ›، <ياخشىمۇسىلەر قېرىنداشلار›، ‹مەن ۋە سەن›، ‹باندى ۋە بابولى› قاتارلىقلار بار.

شان-شەرەپلىرى تەھرىرلەش

2004-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ھىندىستانلىق ۋەكىل سۈپىتىدە مەشئەل يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ رول ئالغان فىلىمى ‹GHULARM› ۋە ‹دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر› ناھايتى چوڭ ئۇتۇق قازانغان. ‹دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر ›ناملىق فىلىمدە رانى نەۋرە ئاچىسى كاجول دېۋاگان ۋە شاھرۇلخان بىلەن بىرلىكتە رولغا چىققان . ھەمدە FLIMFARE.نىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداشما ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ھىندىستان كىنو ئوسكار مۇكاپاتى دېيىلدىغان FLIMFARE.دا 13 قېتىم مۇنەۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.، دۇنيا كىنو ساھەسىدە ئۈچ قېتىم مۇنەۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

رانى رول ئالغان فىلىملەر تەھرىرلەش

1996-يىلى: raja ki a ayegi baraat.

1998-يىلى: غۇلام, ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئامىرخان؛

1998-يىلى: دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر، ھەمكارلاشقان ئارتىس شاھرۇلخان، كاجول، سالمانخان؛

2000-يىلى: ھەي رام؛

2000-يىلى: ناخشىچىنىڭ تەقدىرى,ھەمكارلاشقان ئارتىس: سالمانخان، پېرىتى زىنتا؛

2000-يىلى: سىزگە دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم بار، ھەمكارلاشقان ئارتىس: سالمانخان؛

2001-يىلى: ئەخمەق، ھەمكارلاشقان ئارتىس: يانى كاپور؛

2001-يىلى: پەرزەنت ئىشقى, ھەمكارلاشقان ئارتىس: سالمانخان، پېرىتى زىنتا؛

2001-يىلى: شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ، ھەمكارلاشقان ئارتىس: شاھرۇلخان، ئامىتاب باچچان، كاجول؛

2002-يىلى: دوستلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ھېرتىك روشەن، كارىننا، كاپور؛

2002-يىلى: توي؛

2003-يىلى: سىرلىق پوچتا يوللانمىسى، ھەمكارلاشقان ئارتىس: رانى كاپور؛

2003-يىلى: كونتىرول قىلىش لېنىيىسى؛

2003-يىلى: تەقدىر، ھەمكارلاشقان ئارتىس: شاھرۇلخان؛

2004-يىلى: ۋېر-زارا، ھەمكارلاشقان ئارتىس پېرىتى زىنتا, شاھرۇلخان، ئامىتاب باچچان؛

2004-يىلى: مەن ۋە سەن، ھەمكارلاشقان ئارتىس:سەئىد ئەلىخان؛

2004-يىل: ياشلىق, ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئابىشخېك باچچان؛

2005-يىلى: باندى ۋە بابىلو، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئابىشخېك باچچان؛

2005-يىلى: قارا بوران، ھەنكارلاشقان ئارتىس: ئامىتاب باچچان؛

2005-يىلى: تېپىشماق، ھەمكارلاشقان ئارتىس: شاھرۇلخان؛

2005-يىلى: قەھرىمان، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئامىرخان؛

2006-يىلى: مەڭگۈ خوشلاشمايمىز, ھەمكارلاشقان ئارتىس شاھرۇلخان, ئابىشخېك باچچان,پېرىتى زىنتا, ئامىتاب باچچان

2006-يىلى: دادا, ھەمكارلاشقان ئارتىس: سالمانخان, ئامىتاب باچچان؛

2007-يىلى: ماشىنا مەستانىللىرى, ھەمكارلاشقان ئارتىس: سەئىد ئەلىخان؛

2007-يىلى: ئايال ساياھىتى، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئابىشخېك باچچان؛

2008-يىلى: مۇھەببەتنىڭ سېھرى, ھەمكارلاشقان ئارتىس: سەئىد ئەلىخان؛

2009-يىلى: ھېچكىم جېشكانى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ھەمكارلاشقان ئارتىس: ۋېدىيا باران؛

2009-يىلى: مۇھەببەت تورى، ھەمكارلاشقان ئارتىس: شىاشىدې كاپور؛

2012-يىلى: ئېزىپ قېلىش, ھەمكارلاشقان ئارتىس: ئامىرخان؛

2012-يىلى: مۇھەببەتنى تۇنۇش؛

2013-يىلى: بومباي ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى، رېژىسور: كاران چاخار؛