Open main menu

روزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى- ئۆزىنى بىر نەرسىدىن مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى - تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك- ئىچمەك ۋە جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش دېمەكتۇر.

روزىنىڭ ھەقىقىتى: روزىنىڭ ھەقىقىتى - ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مەنئى قىلغان: جىدەل- ماجرا قىلىش، يالغان سۆزلەش، غەيبەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە باشقىلارغا ئازار قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنىڭ غايىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يېتىشلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار (بۇئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يۈكسىلىشىڭلار ) ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى» (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ھەقىقىتى- ئەزالارنى ۋە تىلنى ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان بارلىق يامان ئىشلاردىن ساقلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« روزا كىشىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، گۇناھ ئىشلىمىسۇن، يامان سۆز قىلمىسۇن، سۆزلىگەندە ئاۋازىنى يوقۇرى كۆتۈرمىسۇن. بىرەرسى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلماقچى بولسا مەن روزىدارمەن، مەن روزىدارمەن دىسۇن. ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ ئارتۇق خوشپۇراقلىقتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ خوشالىق باردۇر: بىرى، ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقى، يەنە بىرى، ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقىدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا راۋا كۆرمەيدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق روزىسىنى بىكار قىلىۋېتىپ، روزا تۇتتۇم دەپ بىھۇدە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككىنىگە ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ناھايىتى زۈرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخىل كىشىلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:« بەزى كىشىلەر روزا تۇتتۇق دەپ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ئاچ قويغان بولۇپ، تۇتقان روزىسىدىن ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدۇ» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

يەنە بىر ھەدىستە: « روزا تۇتتۇم دەپ يالغان سۆز قىلىشنى، كىشىلەرنى ئالداشنى تەرك قىلالمىغان كىشىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى تەرك ئەتكىنىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوقتۇر» (بۇخارى رىۋايىتى).

يەنى: روزىدا يالغان سۆزلەش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە مۇندىن باشقا ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن تۇسالماي تۇرۇپ، يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسالغانلىق روزا تۇتقانغا ياتمەيدۇ ۋە بۇنداق روزىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

روزا كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش- ھەرقانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى: مۇسۇلمان بولۇش، ئاقىل ۋە بالىغ بولۇشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا كاپىرلار ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشقا لايىق ئەمەس، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە چاھارپايلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا مۇنداق باھا بېرىدۇ:« ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كاپىرلىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىمان ئىيتمايدىغانلاردۇر» (ئەنفال سۈرىسى 55- ئايەت) . ھەقىقەتەن، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇمىغانلار ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقلاردۇر.ئەمما ئاقىل، بالىغ بولمىغانلارغا كەلسەك، بۇلار شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىدىن ئەپۇ قىلىنغانلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇمەنانى مۇنداق ئىپادىلىگەن:«ئۆچ خىل كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى (يەنى ئۇلارغا گۇناھ ياكى ساۋاب يېزىلمايدۇ): ئۇخلىغان كىشىدىن تاكى ئۇ ئويغانغىچىلىك، نارىسىدە بالىلاردىن تاكى ئۇلار بالاغەت يېشىغا يەتكىچىلىك، ئەقلى يوقالغان كىشىدىن تاكى ئۇ، ئەقلىگە كەلگىچىلىك» (ئەھمەد رىۋايىتى) .

روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى:

روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: تېنى ساق بولۇش، مۇقىم (سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق)، ئاياللارنىڭ ھەيز (ئايلىق ئادىتى) ۋە نەپاس (تۇغۇتلۇق ھالى) دىن پاك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئايال كىشى ئەگەر ھەيز ياكى نەپاسنىڭ قانلىرىدىن پاك بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر روزا تۇتسىمۇ، تۇتقان روزىسى مەقبۇل ئەمەستۇر. ئايال كىشىلەر رامىزاندا ھەيز ياكى نەپاس سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان روزىسىنى رامىزاندىن باشقا قايسى بىرئايدا، تۇتالمىغان بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ تۇتىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، ھەيز كۆرگەن كۈنلىرىمىزدە تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما (ھەيز ۋە نەپاس سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان) نامازلىرىمىزنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق » (بۇخارى رىۋايىتى).

روزىنىڭ پەرزلىرى:

روزىنىڭ پەرزلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر :

1 - يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش.

2 - پەرز روزا ئۈچۈن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىش.

بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

روزىنىڭ بىرىنچى پەرزى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ۋاقىت ئىچىدە، يېيىش- ئىچىش ۋە چىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن تۇسۇلۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت). ئاللاھ تائالا بۇئايەتتە، مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقىچىلىك، يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزلىرىنى مەنئى قىلىشلىرىغا ئەمىر قىلغان.مۇلاھىزە: رامىزان روزىسى پەرز قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكتىن، رامىزان كېچىلىرى ئاياللىرىغا يېقىنلاشمايتتى. بەزى كىشىلەر سەۋر قىلالماي رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىغا يېقىنلىشىپ قويىدۇ. ئۇمۇمى مۇسۇلمانلارغا بىرئاي جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۇزاقلىشىش قىيىن تۇيۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا كەڭچىلىك ۋە ئاسانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا رۇخسەت قىلىپ، مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: « روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئەر- ئايال ئارىلىشىپ ياشايسىلەر، كىيىم بەدەننى ئىسسىق- سۇغۇقتىن ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنى گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلايسىلەر، خۇددى كىيىم سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنىڭ ئېيىپلىرىنى ياپىسىلەر). ئاللاھ تائالا ئۆزۇڭلارنى ئۆزۇڭلارنىڭ ئالدىغالىقىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تائالا تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يۇرۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

روزىنىڭ ئىككىنجى پەرزى، تاڭ ئاقىرىشتىن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىنمىغان روزا ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەر بىلەن بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە يېتىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن (بۇخارى رىۋايىتى).نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. پەقەت دىلدا روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، ئەمما دىلدىكى نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەۋزەلدۇر. نىيەتنىڭ ھەقىقىتى- ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەخسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە شۇمەقسىتىگە بىنائەن ئاغزىنى ياپقان كىشى ھەقىقىي روزىدار كىشىدۇر.

روزىدا نىيەتنىڭ پەرز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى- ئىبادەتنى ئادەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنسان گاھىدا پەرھىز سەۋەبى بىلەن ياكى تاپالمىغانلىقتىن ياكى ئىشى ئالدىراش بولۇپ، ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىنمۇ بەزىدە كۈن بويى يېمەك- ئىچمەكتىن توسۇلىدۇ. بوھالەتتە ئۇنى روزىدار دىيىشكە بولمايدۇ. نىيەت پۈتۈن ئەمەل- ئىبادەتلەر ئۈچۈن تەلەب قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ رامىزان روزىسىدا نىيەت مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ » (تىرمىزى رىۋايىتى).

يوقىرىدا ئېتقانلىرىمىز، رامىزان روزىسى، قازا ۋە كاپارەت روزىلىرى ئۈچۈندۇر. ئەمما نەپلى (ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇتۇدىغان) روزىنىڭ نىيىتىنى شۇ كۈننىڭ پىشىن ۋاقتىگىچىلىك قىلسا بولىدۇ. بۇھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيۈمگە كىردى ۋە- يەيدىغان بىر نەرسە بارمۇ؟ -دەپ سورىدى، مەن- يوق- دىۋىدىم، رەسۇلۇللا- ئۇنداقتا، مەن روزا تۇتتۇم-دېدى» (مۇسلىم رىۋايىتى).

نىيەتتە روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش مەسىلىسى:

رامىزان ئېىنىڭ روزىسى ياكى نەپلى روزىلار ئۈچۈن نىيەت قىلىشتا، روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش شەرت ئەمەس، يەنى « بۈگۈنكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم » ياكى « نەپلى روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ، تۇتماقچى بولغان روزىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلەش تەلەب قىلىنمايدۇ. بەلكى « ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر. چۈنكى رامىزان ئېيىدا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزا تۇتۇلمايدۇ.

بۇئايدا تۇتۇلغان قانداقلا روزا ئۆزلىكىدىن رامىزان روزىسىغا كىرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تۈرىنى ئوچۇقلاشقا ھاجەت قالمايدۇ. ئەمدى، نەپلى روزىلارغا كەلسەك، نەپلى روزىلارنى تۇتۇشنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوقتۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا نىيەت قىلىشتا، مۇتلەق روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر. ئەمما رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى، كاپارەتنىڭ روزىسىنى ۋە نەپلى ئۈچۈن تۇتۇپ، بۇزىۋاتقان روزىسىنىڭ بەدىلىنى تۇتماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا تۇتماقچى بولغان روزىسىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلىشى شەرتتۇر.

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار:

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازا ۋە كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار. ئىككىنجىسى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار.بىرىنچى، قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار:

روزا تۇتقان كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتگۈزۈشى، يېيىشى، ئىچىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدۇ. كاپارەت- ماددىي جازا دېمەكتۇر. ئۆزۈرسىز ھالدا رامىزان روزىسىنى قەستەن بۇزغان كىشىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا بۇ گۇناھىنى يۇيۇشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدىلى كاپارەت دەپ ئاتىلىدۇ. كاپارەتتىن ئىبارەت بۇجازا- بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا-ئارقىدىن، ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىگە بىرقېتىم تاماق بېرىش بىلەن ئادا تاپىدۇ.قازا- ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان ئىبادەتلەرنى باشقا بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ قازاسى بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش بىلەن ئادا تاپىدۇ. روزىسنى بۇزغان كىشىگە قازانىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، رامىزان كۈندۈزىدە روزىسىنى بۇزغان كىشى، بۇ بىر كۈنلۈك روزىنى يوققا چىقارغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىنىڭ رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە ئۆزىنىڭ بۇزغان روزىسىنىڭ بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ روزا تۇتۇشى ئۇنىڭ رامىزاندا بۇزغان روزىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن »(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).

چۈنكى روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزىۋەتكەن كىشى روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر. شۇڭا بۇنداق كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما مۇنداق كىشىگە كاپارەتنىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، روزا تۇتقان كىشى رامىزان كۈندۈزىدە، ھېچ بىر زورلانماستىن، بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ھالدا روزىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتنى بۇزغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق كىشىگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىگەن جازاسى ئېغىر بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇزغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن ئۈزمەي روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككى ئاي ئىچىدە بىرەر كۈننى روزىسىز ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشنىڭ تۇتقان بارلىق روزىسى بېكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ كىشى ئىككى ئايلىق بۇ روزىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالمايدىغان كىشى يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىنى ئۆزى يەيدىغان نورمال تاماق بىلەن بىرقېتىم غىزالاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ كاپارەتنى ئادا قىلىدۇ.