رۇمەيسە بىنت مىلھان

رۇمەيسە بىنت مىلھان تەھرىرلەش

ئىسلام دىنى مەدىنىگە تارقىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، رۇمەيسە ئۆزىنىڭ ياخشى مىجەزى، ئۆتكۈر زېھنى ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغانلىقى، پىكىرىنىڭ ئوچۇقلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. باشقىلار ئۇنى رۇمەيسە، غۇمەيسە... قاتارلىق نۇرغۇن ئىسىملار بىلەن چاقىراتتى، ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەقىمىدىنلا ئىبارەت ئىدى. بىر تارىخچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىسمى سەھلە بولۇپ، كېيىنچە ئۇممۇ سۇلەيم دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيم دەسلەپتە مالىك ئىبنى نەزىرگە نىكاھلانغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنەس ئىبنى مالىك ـ دەل ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ مالىك ئىبنى نەزىردىن بولغان ئوغلى ئىدى.

ئۇممۇ سۇلەيم مەدىنىدىكى ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى. ئۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە تۇنجى تەشۋىقاتچى ياكى ئىسلام ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ـ بىلىملىك، ئىسلام دەۋىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان، ئۇستا ناتىق مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىنكى ئىش ئىدى. بىرىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە مەدىنىلىك 12 ئادەم مەككىنىڭ سىرتىدىكى ئەقەبەگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش يولىدىكى چوڭ ئىش ئىدى.

ئۇممۇ سۇلەيم ئېرى مالىك ئىبنى نەزىرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. مالىك ئۇ چاغدا مەدىنىدە يوق بولۇپ، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئائىلىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى سېزىپ، ئايالىدىن:

— ياشىرىپ كەتكەندەك كۆرىنىسەنغۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، — دېدى ئۇممۇ سۇلەيم، — مەن ھازىر بۇ ئادەمگە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ئىمان ئېيتتىم.

مالىك بۇنىڭدىن خۇشال بولمىدى، بولۇپمۇ ئايالى كىشىلەرنىڭ ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغىنىدا، ئوغلى ئەنەسكە يېڭى ئىماننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگەتكىنىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتى. ئۇممۇ سۇلەيم ئوغلىغا «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېيىشنى ئۆگەتتى. كىچىك ئەنەس ئىماننىڭ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك ئېلانىنى ئېنىق ۋە قەتئىي ھالدا تەكرارلايتتى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يولدىشى غەزەپتىن ئۆزىنى باسالماستىن، ئايالىغا:

— ئوغلۇمنى بۇزما! — دەپ ۋارقىرىدى.

— مەن ئۇنى بۇزمىدىم!— دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ يولدا بىر دۈشمىنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇممۇ سۇلەيم ئازراق بىئارام بولدى، ئەمما بەك قايغۇرۇپمۇ كەتمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بارلىقىنى ئوغلى ئەنەسنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئاتىدى. ھەتتا تارىخچىلار ئۇنىڭ ئەنەسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قايتا توي قىلمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشىدۇ.

ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ تۇل قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئەبۇ تەلھە دەپ ئاتالغان زەيد ئىبنى سەھل ئۇنىڭغا باشقىلاردىن بۇرۇنراق توي قىلىش تەكلىپى قويۇش قارارىغا كەلدى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۇنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئىشەنچى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈچلۈك، جاسارەتلىك، ناھايىتى باي، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھەشەمەتلىك ئۆيلىرى بار ئادەم بولۇپ، ماھىر چەۋەنداز، ئۇستا مەرگەن ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇممۇ سۇلەيمگە ئوخشاشلا، بەنۇ نەججار جەمەتىدىن ئىدى.

ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يولدا كېتىۋېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئەسلىدى. «ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟— دېدى ئۇ ئۆز ـ ئۆزىگە —ئۇنىڭ يولدىشىمۇ كونا دىننىڭ سادىق مۇرىتى، مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى چىققان ئادەم ئەمەسمىدى؟» ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئىشىكنى چەكتى، ئۇممۇ سۇلەيم كىرىشكە ئىجازەت بەردى، ئۆيدە ئوغلى ئەنەسمۇ بار ئىدى. ئەبۇ تەلھە ئۆزىنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويدى.


— ئى ئەبۇ تەلھە! سىزگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلمايمەن، ئەمما سىز كاپىر، ئاللاھقا ئىشەنمەيسىز، شۇڭا سىز بىلەن توي قىلالمايمەن، — دېدى ئۇممۇ سۇلەيم.

ئەبۇ تەلھە: «ئېھتىمال ئۇ مەندىنمۇ بايراق ۋە ئابرۇيلۇقراق ئادەمگە ماقۇل بولۇپ بولغان، شۇڭلاشقا لەۋزىمنى قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا:

— ئى ئۇممۇ سۇلەيم! مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىشقا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ ئاق، سېرىق مېتاللار (ئالتۇن ـ كۆمۈشنى دېمەكچى) ئەمەستۇ؟ — دېدى.

— ئالتۇن ـ كۆمۈش؟ — سورىدى ئۇممۇ سۇلەيم سەل ھەيرانلىق ئارىلاشقان ئەيىبلەش ئاھاڭىدا. — ھەئە، — دېدى ئەبۇ تەلھە. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا:

— مەن سىزگە قەسەم قىلىپ بېرەي، ئى ئەبۇ تەلھە! مەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇنداق دەپ قەسەم بېرىمەنكى، ئەگەر سىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالتۇن ـ كۆمۈشسىز سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازىمەن، مەن سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ مېھرى قىلىمەن، — دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياغاچتىن ياسىۋالغان، ئۆز قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بۇتلىرىغا ئىخلاس قىلىپ، مۇھاپىزەت قىلغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۇتلىرىنى ئەسلىدى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا بۇتقا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلىپ:

— ئى ئەبۇ تەلھە! سىز ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭىزنىڭ يەردىن ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ — دېدى.

— توغرا، — دېدى ئەبۇ تەلھە.

— دەرەخنىڭ بىر پارچىسىنى نان پىشۇرۇش ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن قالاپ كۆيدۈرىۋېتىپ، قالغان پارچىسىغا ئىبادەت قىلسىڭىز ئەخمىقانىلىق ھېس قىلمامسىز؟ ئى ئەبۇ تەلھە! ئەگەر سىز بۇنداق ئەخمىقانە ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ، مۇسۇلمان بولسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇشقا رازى بولىمەن، سىزنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىڭىزدىن باشقا ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايمەن.

— ئۇنداقتا كىم ماڭا ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ؟ — سورىدى ئەبۇ تەلھە.

— مەن ئۆگىتىمەن، — جاۋاب بەردى ئۇممۇ سۇلەيم.

— قانداق؟

— ئىمان كەلىمىسىنى ئېيتىپ، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزگە بېرىپ بۇتلىرىڭىزنى چېقىپ تاشلىۋېتىسىز.

ئەبۇ تەلھە قايتىپ كېتىپ، ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلدى، ئاندىن ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يېنىغا قان ـ قېنىغا پاتمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە:

— مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن قوبۇل قىلدىم، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇممۇ سۇلەيم بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ تويى بولدى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەنەس ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. مۇسۇلمانلار دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىز ھازىرغىچە ئۇممۇ سۇلەيمنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ۋە ياخشىراق مەھرىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ئۇ ئىسلامنى ئۆزىنىڭ مېھرى قىلدى.»

ئۇممۇ سۇلەيم ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى ۋە تالانتىنى ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىغان يېڭى ئېرىدىن ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلدى. ئەبۇ تەلھە ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان 73 ئادەمنىڭ بىرسى ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۇممۇ سۇلەيممۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردىن نۇسەيبە بىنت كەئب ۋە ئەسما بىنت ئەمىر قاتارلىقلارمۇ ئەقەبەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئىدى.

ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاجايىپ ئىخلاس قىلدى. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە قاراپ قويسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شېرىن نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىسا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ بارلىق چوڭ غازاتلاردىن قېلىپ قالمىغان ئىدى. مال ـ دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرمىغان، دۇنيا شەھۋەتلىرىگە ۋە راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلمىگەن ھالەتتە، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ كۆپ روزا تۇتاتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ مەدىنىدە خورما ۋە ئۈزۈملەر بار، ئوتتۇرىسىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كاتتا بىر مېۋىلىك بېغى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ بېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا، رەڭدار پەيلىك بىر قۇش ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۇچۇپ كەتتى، ئۇنىڭ دىققىتى بۆلۈنۈپ كېتىپ، قانچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەسلىيەلمەي قالدى، ئىككى؟ ئۈچ؟...، ئۇ نامازنى ئاياغلاشتۇرۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېدى:

— يا رەسۇلۇللاھ! ۋەدە بېرىمەنكى، بۇ باغنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتىمەن.

ئەبۇ تەلھە ۋە ئۇممۇ سۇلەيم باشقىلارغا ئۈلگە بۇلارلىق بىر ھەقىقىي ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇپ، بارلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇراتتى. بەزىدە ناماز ۋاقتى كېلىپ قالسا، ئۇممۇ سۇلەيم بەرگەن بىر پالازنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇيتتى. بەزى چۈش ۋاقىتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ئارام ئالاتتى. ئۇ ئۇخلىغان چاغدا، ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتەتتى. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشلۈك ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ، ئۇنىڭدىن: — ئى ئۇممۇ سۇلەيم! نېمە قىلىۋاتىسەن؟ — دەپ سورىدى.

—مەن تەر تامچىلىرىنى سىزدىن چىققان بەرىكەت ھېسابلاپ، سۈرىتىۋاتىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇممۇ سۇلەيم ئۇنىڭغا خورما ۋە سېرىق ماي بىلەن داستىخان سالدى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئېغىز تەگمىدى، ئۇ روزا تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ پات ـ پات ئوغلى ئەنەستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاغارلاپ خورما ئەۋەتىپ تۇراتتى. باشقىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممۇ سۇلەيمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ئۇ:

— ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ قېرىندىشى مېنىڭ يېنىمدا ئۆلتۈرۈلگەن، — دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئۇممۇ ھەرام دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەمشىرىسى بار بولۇپ، ئۇ مەشھۇر ساھابە ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇممۇ ھەرام بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا دېڭىزدا ئۆلۈپ كېتىپ، سېپرۇسقا دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ يولدىشى ئەبۇ تەلھەمۇ ئۈچىنچى خەلىفە ئوسماننىڭ دەۋرىدە بىر دېڭىز ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ، دېڭىزغا دەپنە قىلىندى.

ئۇممۇ سۇلەيممۇ ئۇرۇشلاردىكى غەيرىتى ۋە قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئوھۇد غازىتى جەريانىدا، ئۇ كۆڭلىكىنىڭ قېتىغا بىر خەنجەرنى ئېسىپ يۈرۈپ، يارىدارلارغا سۇ بەردى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھۇجۇملار بەك كۈچىيىپ كەتكەن چاغدا، بار كۈچى بىلەن ئۇنى قوغدىدى. خەندەك غازىتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىر خەنجەر كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدى، ئۇ:

— بۇنى غازاتتىن قاچقانلارغا قارشى تەييارلاپ قويدۇم، — دېدى.

— ئاللاھ شۇ ئارقىلىق سەندىن رازى بولسۇن! — دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام.

بەختسىزلىك ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كۈنلەردە، ئۇممۇ سۇلەيم ئاجايىپ ئېغىر بېسىق ۋە چىدامچانلىقىنى نامايان قىلدى. يولدىشى مېۋىلىك باغقا قاراش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئۆمەير كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ بالىسىنى يۇيۇپ، كېپەنلىدى، ئۆيىدىكى باشقىلارغا بۇ ئىشنى ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر قىلماسلىقنى، بۇ ئىشنى ئۆزى ئېيتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئابدۇللاھ ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئابدۇللاھنى تۇغۇپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇۋاقنى ئەنەسكە قوشۇپ، بىر تاغار خورما بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇۋاقنى يوتىسىغا ئولتۇرغۇزدى، خورمىنى يۇمشاق چايناپ، ئاندىن بۇۋاقنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ قويدى. بوۋاق خورمىنى لەززەتلىنىپ شوراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئەنسارىلار پەقەت خورمىنى ياخشى كۆرىدۇ، — دېدى. ئابدۇللاھ چوڭ بولدى، كېيىن ئۇنىڭ يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىلا قۇرئاننى يادلىغان ئىدى.

ئۇممۇ سۇلەيم بىر ئۈلگىلىك مۇسۇلمان، ئۈلگىلىك ئايال ۋە ئۈلگىلىك ئانا ئىدى. ئۇنىڭ ئاللاھقا ئاجايىپ كۈچلۈك ۋە تەۋرەنمەس ئىمانى بار ئىدى. ئۇ ئېشىپ ـ تېشىپ تۇرغان مال ـ دۇنيانىڭ ۋە راھەت ـ پاراغەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىمانىغا ۋە بالىلىرىنى تەربىيىلىشىگە توسالغۇ بولۇشقا يول قويمىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ئىخلاس قىلغان بولۇپ، ئوغلى ئەنەسنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدى. ئۇ بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ھەقىقىي بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇشتا، باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئېغىرچىلىق ۋە خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ھاياتتا چوڭ رول ئوينىدى.