رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى

رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى ـــــ(؟-1083) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى، مۇتەپەككۇر، تىببىي ئالىم . رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى قاراخانىيلار پايتەختى قەشقەردە تۇغۇلغان . كىچىكىدىن تىرىشقان زىرەك بولغاچقا ئۆز زامانداشلىرى تەرىپىدىن «ئەللامە» (ھەممىنى بىلگۇچى ) دىگەن ئالىي ئىنۋانغا ئىرىشكەن . ئۇ تىبابەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ ئاقكىسەلنى بەدىيان ئەرقى بىلەن، جىنسىي ئاجىزلىقنى مىھرىگىياھ بىلەن، كۆز ئاجىزلىقىنى ئارپا بەدىيان بىلەن، قاتارلىق ئىلمىي ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .