رەقەملىك تېلېۋىزىيە

رەقەملىك تېلېۋىزىيە رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەڭ دائىرىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش، كومپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك تېلېۋىزىيەدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد تېلېۋىزوردۇر. رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چۈشەنچە تەھرىرلەش

رەقەملىك تەڭشەش تەھرىرلەش

تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن يوللانغان سۈرەت ۋە ئاۋاز سىگنالى رەقەمنى پىستېرلاش ۋە رەقەملىك تەڭشەش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتىدۇ، شەكىللەنگەن رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى ئادەتتە ھاۋادا سىمسىز ياكى كابېل سىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. رەقەملىك تېلېۋىزىيەدىكى قوبۇللىغۇچ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، رەقەملىك يېشىش ۋە رەقەملىك كۆرۈنمە ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى سۈرەت ۋە ئاۋاز ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

خەنزۇچە نامى تەھرىرلەش