زىيان ئازايتىش سىياسىتى

بۇ ماقالىنى تەھرىرلەش كېرەك. مەن ئۇنى تەرجىمە قىلىپ ، گېپىمنى بەردىم

زىيان ئازايتىش سىياسىتى ئاممىنىڭ تۈرلۈك سالامەتلىك سىياسەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈرلۈك سىياسەتلەر ئوخشاش بولمىغان ئىنسانىي قىلمىش ۋە ئىشلارنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنى پىلانلايدۇ. مەيلى قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولسۇن، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي نەتىجىلىرى زىيان ئازايتىش سىياسىتى ئارقىلىق ئازايتىلىدۇ. بۇ سىياسەتلەر يەنە ئوخشاش بولمىغان قىلمىشلارغا قارىتا ئوخشىمايدىغان ۋەزىيەتلەردە كونترول قىلىنىدۇ: مەسىلەن كۆڭۈل ئېچىشتىكى زەھەر ئىشلىتىلىش ياكى جىنسى پائالىيەت قاتارلىقلار.

يىڭنە ئالماشتۇرۇش پروگرامنىڭ ئوكۇل جابدۇق

زەھەر ئىشلىتىلىش تەھرىرلەش

يىڭنە ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى تەھرىرلەش

بەزى زەھەرلەر ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ئىشلىتىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە يىڭنىلەر پەقەت رېتسېپ ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. يىڭنىلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى چەكلەنگەن يەرلەردە خېروئىن ۋە باشقا زەھەر ئىشلەتكۈچىلەر دائىم ئوكۇللار ۋە يىڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشاش بىر يىڭنە ئادەتتە بىر قېتىمدىن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەيدىز ۋە جىگەر ياللۇغىدەك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئاسانلا بىر ئىشلەتكۈچىدىن باشقا بىر ئىشلەتكۈچىگە مەينەت يىڭنىلەر ۋە ئوكۇللاردىكى بۇلغانغان قان ئارقىلىق يۇقىدۇ. زىيان ئازايتىش سىياسىتى بويىچە بولغاندا پاكىز ئوكۇللار ۋە يىڭنىلەر دائىم مەۋجۇت بولىشى زۆرۈر. مەيلى دورىخانىلاردا ياكى يىڭنە ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىدا تەمىنلەنگەن بولسۇن، ئۇ ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ. يىڭنە تەمىنلەش چەكلەنگەن جايلارغا قارىغاندا يىڭنىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەنگەن جايلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم نىسپىتى بەكرەك تۆۋەن بولىدۇ.

نازارەت قىلىنىدىغان ئوكۇل بېكەتلىرى تەھرىرلەش

نازارەت قىلىنىدىغان ئوكۇل بېكەتلىرى ياكى زەھەر ئىشلىتىش ئۆيلىرى قانۇنلۇق ماقۇللانغان ۋە تېببىي جەھەتتىن نازارەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق زەھەر ئىشلىتىشتىكى ئاممىۋى ئاۋارىچىلىق ئازايتىلىدۇ. نازارەت قىلىنىدىغان ئوكۇل بېكەتلىرى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن پاكىزە ۋە بېسىمسىز جاي تەمىنلەيدۇ. بۇ جايلار ئادەتتە كىشىلەرنى پاكىز ئوكۇللار، زەھەرلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار، ئاساسىي ساغلاملىق ساقلاش بىلىملىرى، داۋالاش ۋە ئۇمۇمىي ياردەم ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەزىدە بۇ جايلاردا يەنە مەسلىھەتچىلەرمۇ تەمىنلىنىدۇ. بۇ پروگراممىلارنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنسىز زەھەرلەرنىڭ سېتىش-سېتىۋېلىنىشىنى چەكلەيدۇ.

پەرۋىشلەپ داۋالاش تەھرىرلەش

بەزى دۆلەتلەردە خېروئىن ئارقىلىق داۋالاش رېتسېپى خېروئىن ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىنىدۇ، چۈنكى بۇ تۈرلۈك پەرۋىشلەپ داۋالاش ئارقىلىق خېروئىننىڭ قانۇنسىز تەرەپلىرى ئازايتىلىدۇ. بۇنىڭ شەخس ھەم جەمئىيەت نوقتىسىدىن نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. بۇ پروگراممىلار ئالاھىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش، تۈرمىگە قاماش، ۋە ساقلىق ساقلاشنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. شۋېتسارىيەدە خېروئىن ئارقىلىق پەرۋىشلەپ داۋالاش دۆلەتنىڭ ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن مۇشۇنداق مەركەزلەر جايلاشقان. شۋېتسارىيەنىڭ بۇ تۈردىكى پروگراممىسى ئۇتۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. 2008-يىلى مىللىي سايلامدا %68 خەلق بۇ پروگراممىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئاۋاز بەردى.

تابلىتكا تەكشۈرۈش تەھرىرلەش

بەزى زەھەرلەردە (مەسىلەن ئئامفېتامىندەك زەھەرلەر) ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارىلاشمىلار قېتىلىدۇ. زىيان ئازايتىش سىياسىتى بويىچە تابلىتكا تەكشۈرۈش زىياننى ئازايتالايدۇ. مەسىلەن گوللاندىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تابلىتكىلار خۇرۇچ ۋە ساپلىق ئۈچۈن تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشلەر دىسكوخانىدا ياكى تەجرىبىخانىلاردا قىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەر بىخەتەررەك قارار قىلالايدۇ. ياۋرۇپادىكى بەزى تەشكىلاتلار 1992-يىلىدىن بۇيان تابلىتكا تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت تەھرىرلەش

'ئاممىۋى جىنسىي مائارىپ تەھرىرلەش

نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆسمۈرلەر مەكتەپلەردە جىنسىي مائارىپ تەربىيىسى ئوقۇيدۇ. ياشلار بەزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاچقا زىيان ئازايتىش سىياسىتى بويىچە بۇ پروگراممىلاردا كوندوم ۋە باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل پروگراممىلار تاسادىپى ھامىلىدارلىق ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق كېسەل يۇقۇشنى ئازايتىش(مەسىلەن ئەيدىز) قاتارلىقلاردا ئۆز رولىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. جىنسى ھەۋەسنى چەكلەش تەدبىرى ئوخشاش پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئېغىر مەسىلە بولماقتا. ئاڭلىق بولماسلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇشىنى بىلمىگەچكە، بەزى كىشىلەر تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز بىمارلىرى خىزمەت تېپىشتا كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدۇ. زىيان ئازايتىش سىياسىتى بويىچە كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئۇنداق ئاسان يۇقمايدىغانلىقى چۈشەندۈرىلىدۇ.