ھەقىقىي يازغۇچى بولۇش-ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆز خەلقىنىڭ مۇناسىپ ۋەكىلى بولۇش، ئۇنىڭ شادلىقى، دەردىنى، ئەزگۈ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. زىيا سەمەدىي ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەنە شۇنداق پەرزەنتى. بۇنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن ئىسپاتلىدى.

زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. زىيا سەمەدىي ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا جاپاكەش، ئەركپەرۋەر، ئازادلىققا، مۇستەقىللىققا تەشنا خەلقنىڭ ئىستەكلىرىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە ئىنتىلدى.

تالانتلىق يازغۇچى ۋە درامماتۇروگ زىيا سەمەدىي 1914-يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان ئوبلاستى فانفىلوف رايونىنىڭ خونخاي يېزىسىدا تۇغۇلدى. ياركەندتىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالموناچارىسكى نامىدىكى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1929-يىلى س زەرۋاتوۋ نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.

1931-يىلى ياش زىيالىي دادىسى ئۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەتتى. ئۇ 1934-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلغان قىسقا مۇددەتلىك مۇئەللىملەر كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، «ئۈمىد» مەكتىپىدە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىدى ۋە شۇ يىلى چىقىشقا باشلىغان «ئىلى گېزىتى»نىڭ سەھىپىلىرىدە ئۆز شېئىرلىرى بىلەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كېيىنچە بولسا «روشەن»، «قانلىق داغ» درامىلىرىنى يازدى. يازغۇچىنىڭ دراماتۇرگىيە ساھەسىدىكى ئىجادىيىتى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى.

زىيا سەمەدىي شىنجاڭنىڭ يېڭى دېموكراتىك مەدەنىي ۋە مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلدى. 1935-1936-يىللىرى غۇلجىدىكى شەرق مەكتىپىگە مۇدىر بولدى ۋە قوشۇمچە ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى مەدەنىي-مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. زىيا سەمەدىيگە ئوخشاش خەلق مەرىپەتچىلىرى ياققان چىراغ ئاشۇ يىللاردا پۈتكۈل شىنجاڭنى يورۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. قىسقىغىنا ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىن ئىستېداتلىق بىلىملىك ياشلار چىقىشقا باشلىدى. يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىمۇ خۇددى مۇشۇ يىللاردا بارلىققا كەلدى. -1936يىلى تېخى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن زىيا «غېرىب-سەنەم» مۇزىكىلىق درامىسىنى، «كۆيۈمچان ئانا»، «سىر ئېچىلدى» ناملىق كومېدىيىلەرنى يازدى.

-1937يىلى 19-ئۆكتەبىردە زىيا سەمەدىي ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى بىلەن بىللە شىڭ شىسەي تۈرمىسىگە تاشلاندى. تۈرمىگە 23 يېشىدا چۈشكەن زىيا سەمەدىي 30 ياشتا ئاندىن تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. تۈرمە ئۇنىڭ دۈشمەنگە بولغان غەزىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كۈرەش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى.

زىيا سەمەدىي 1944-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلى 7-نويابىردا قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىغا قاتناشتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولدى. 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «تىنچلىق پۈتۈم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەھمەتجان قاسىمى، بۇرھان شەھىدىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئىشلىدى. 1947-يىلى گومىنداڭ تەرەپ «تىنچلىق پۈتۈم»نى بۇزغانلىقتىن، ئاۋغۇست ئېيىدا ئەھمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.

شۇ چاغ (1947)دا زىيا سەمەدىگە غۇلجىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇ مىللىي ئارمىيە شتابىدا بۆلۈم باشلىقى ۋە «ئىنقىلاب تېڭى» گېزىتىنىڭ باش رېداكتورى ۋەزىپىلىرىنى ئىشلىدى. ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇناسىپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش-پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. زىيا سەمەدىيمۇ ئىككى قېتىم «ئىستىقلالىيەت» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

زىيا سەمەدىي كۈرەشنىڭ ئىككىلا سېپىدە-ئەلەم ۋە قەلەم بىلەن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى توختاتمىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايىتىدە شىددەتلىك جەڭلەر بولغان 1945-1946-يىللىرىدا «سۈرلۈك مىنۇتلار» قاتارلىق درامىلىرىنى يازدى. بۇ خەلق يازغۇچىسى ۋە غەمخورچىسى ئىجادىنى كۈرەشتىن، كۈرەشنى ئىجادىيەتتىن ئايرىپ قارىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش ئىجادىيەت مەزمۇنى، ئىجادىيەت بولسا كۈرەشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

زىيا سەمەدىي پەقەت، تالانتلىق يازغۇچى، ئاكتىپ كۈرەشچى بولۇپلا قالماي، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىللە ماھىر تەشكىلاتچى، جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدىمۇ مەشھۇردۇر. ئۇ ئاڭلىق ھاياتىنى باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردىن تارتىپلا، يەنى 20 ياشقا كىرگەن چاغلىرىدىن باشلاپلا شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماھىر تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى.

ئۇ 1949-يىلى پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلدى.

1950-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، شەنشى، نىڭشا، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ ئۆلكىلىرىدىن تەشكىل تاپقان غەربى شىمال ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەزاسى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق مۇھىم رەھبىرى خىزمەتلەردە بولدى. 1956-يىلى دېكابىردا ھىندىستان پايتەختى دېھلى شەھىرىدە ئېچىلغان ئاسىيا يازغۇچىلىرىنىڭ كونفېرىنسىيەسىگە قاتناشتى. زىيا سەمەدىي تۈرمىلەردە ياتقان چاغلىرىدىمۇ، رەھبىرى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن چاغلىرىدىمۇ ئىجادىيەتنى تاشلاپ قويمىدى. ئۇ ھەمىشە بەرپا قىلىش، يارىتىش، خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى كۆپەيتىش ئىشقى بىلەن ياشىدى. 1951-1952-يىللاردا «زۇلۇمغا زاۋال» درامىسىنى، 1953-يىلى «ئىلى دەرياسى بولىدا» ناملىق كىنو پوۋېستىنى يازدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇ يىللاردا بېجىڭدا خەنسۇ ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ تۇردى. يازغۇچىنىڭ 1957-يىلى بېجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا بېسىلىپ چىققان تاللانما ئەسەرلەر توپلىمىغا ئۇنىڭ «ئىلى دەرياسى بويىدا»، «قانلىق داغ»، «غېرىب-سەنەم»، «زۇلۇمغا زاۋال» ناملىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

زىيا سەمەدىي 1961-يىلى نويابىردا سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا قايتىپ چىقتى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ يېڭى ھاياتى باشلاندى. لېنىن ۋەتىنى زىيا سەمەدىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇناسىپ ۋەكىلى. ئاتاقلىق يازغۇچىسى سۈپىتىدە سەمىمى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىن ئىجادىيەتنىڭ داغدام يولى ئېچىلدى. بۇ يول ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان زىيا سەمەدىينى ئەمدى ئۇيغۇر-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى دەرىجىسىگە كۆتۈردى. ئۇ تىز ئارىدىلا بىرقانچە رومانلارنى يېزىپ پۈتتۈردى. 1963-يىلى «ئىلى دەرياسى بويىدا» ناملىق كىنو پوۋېستىنى، 1965-يىلى «مايىمخان» رومانىنى، 1967-يىلى «يىللار سىرى» رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابى، 1969-يىلى ئىككىنچى كىتابنى، 1970-يىلى «بىر تال پاپروس»، 1974-يىلى «ئەسىردىن ئەسىرگە» ناملىق توپلىمى، 1976-يىلى «ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا»، 1978-يىلى «دەرتمەننىڭ زارى» قىسسىلىرى، 1979-يىلى «غېنى باتۇر» پوۋېستى قاتارلىقلار نەشر قىلىندى. «لاشمەن» ناملىق پىيەسى سەھنىدە ئوينالدى. يازغۇچىنىڭ رومانلىرى رۇس، ئۆزبېك ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. زىيا سەمەدىينىڭ رومانلىرى ئۆزىنىڭ تېماتىكىسى، ياراتقان ئوبرازلىرى، باي تىلى ۋە يۈكسەك غايىسى بىلەن ئۇيغۇر-سوۋېت ئەدەبىياتىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈردى ۋە بېيىتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى مايىمخان سېيماسىنى، 1930-يىللاردا دەسلەپ قۇمۇلدىن كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن پۈتكۈل شىنجاڭغا قانات يايغان خەلق قوزغۇلاڭىنىڭ رەھبىرى غۇجىنىياز ھاجى ئوبرازىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىزنى تونۇشتۇردى.

زىيا سەمەدىي ئۇيغۇر-سوۋېت ئەدەبىياتىدا بىرىنچى بولۇپ تارىخى تېمىدا قەلەم تەۋرەتكەن ۋە مۇرەككەپ، قىيىن ۋە شەرەپلىك نىشاننىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان يازغۇچى. يازغۇچىنىڭ تارىخى تېمىلاردا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بۇنداق مۇكەممەل، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى تاسادىپى ئەمەستى. زىيا سەمەدىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تىلىنى، دەۋر خۇسۇسىيەتلىرىنى ياخشى بىلىشى، ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئىنتىلىش، تەلەپلىرىنى مۇقەددەس تۇتۇشى، تارىخى رېئاللىققا سادىقلىقى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق يۈكسەكلىككە يېتەلىشىگە ئاساس بولغان. ئاپتور «مايىمخان» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مانجۇ ئەزگۈچىلىرىگە ۋە يەرلىك فېئوداللارغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى توغرىلىق زور مۇھەببەت ۋە چوڭ يازغۇچىغا خاس ماھارەت بىلەن يازىدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانى، خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ۋە كۈرەشتە، ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان، ئەر يۈرەك قىز مايىمخاندۇر. يازغۇچى ھاياتتىكى ھەقىيقى ئەھۋالغا ۋە تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ھېچنەرسىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئۇ ۋەقەنى ئۆز ئەينى بويىچە توغرا تەسۋىرلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئاددىي ناتۇرالىست ياكى ۋەقەنىلا تەسۋىرلىگۈچى سۈپىتىدە يازماستىن، بەلكى ئوپتىمىستىك پوزىتسىيىدە تۇرۇپ بايان قىلىدۇ. رومان قوزغىلاڭچىلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى ۋە مايىمخاننىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن تاماملانسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچى بېسىمىزمغا ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە، خەلقنىڭ ھېچقاچان باش ئەگمەيدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن ھامان قولىغا قورال ئېلىپ كۈرەش مەيدانىغا چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ رومانىدا قاتناشقۇچى شەخسلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن يازغۇچىنىڭ ماھارىتى، سۇژىتىنىڭ ئىزچىللىق بىلەن بىرلىشىشى، ئاساسى قەھرىمانلار تەرىپىدىن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى تىل ماھارىتى ئارقىسىدا روماندىكى شەخسلەرنىڭ كۆپچىلىكى بەدىئىي ئوبرازلار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئاپتور ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولسىمۇ، ھەممىلا جايدا تەپسىلىي تەسۋىرلىمەيدۇ، بەلكى بىر نەچچە جۈملە تەپسىلات بىلەنلا ئادەمنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ چىقالايدۇ. بىز تىلنى ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئۇرۇندىكى ئىلمىنتى دەپ، پات-پات تەكرارلايمىز. زىيا سەمەدىي رومانلىرىنىڭ تىلى شۇنىڭ بىلەن پەرق قىلىدۇكى، ئۇنىڭ رومانلىرىدا بەدىئىي تىلنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق، ئەڭ ئورۇنلۇق، يېڭى ئۇرغۇلار، سېلىشتۇرۇشلارغا ۋە مىتافورىلارغا ناھايىتى باي بولغان ئېلېمېنتلارنى قوللىنىپ ئەسەرنى تېخىمۇ جانلىق تۈسكە كىرگۈزىدۇ. يەنە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق دانىشمەنلىرىنىڭ دۇردانىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن، ئومۇمەن زىيا سەمەدىينىڭ رومانلىرى پەقەت يازغۇچىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ ئۇتۇقى. زىيا سەمەدىنىڭ «لاشمەن» درامىسى يازغۇچى مۆمىن ھەمرايوۋنىڭ «ئېغىر كۈنلەردە» پوۋېستى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسەردە، يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇر مېھنەتكەشىلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى ئېغىر تۇرمۇشىنى، ئەزگۈچى سىنىپ ۋەكىللىرىنىڭ كەمبەغەللەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرىنى رېئال ۋەقەلەر ئاساسىدا كەڭ تەسۋىرلەيدۇ. مەلۇمكى، قەيەردە ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم بولسا، شۇ يەردە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش تۇغۇلىدۇ. «لاشمەن»دە مۇشۇ ئەھۋال تەبىئىي ئىپادىلىنىدۇ، ۋەقەلەر زىددىيەتلەر شۇ مەنتىقە ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ. درامىدىكى ئېزىلگۈچى سىنىپنىڭ ۋەكىلى ئىلەم بىلەن يۇقىرى تەبىقە ۋەكىلى ھېمىتباي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تەرەققىي قىلىپ چوڭ كونفېكىتلىققا ئايلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ بېشىدا ئىستىخىيىلىك نارازىلىق، ئىسيانكارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ئىلەم ئاخىرىدا ئاڭلىق ئىنقىلابچىغا ئايلىنىدۇ. ھېمىتباينىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن يۇزۇكا دېگەن جايدىكى خاڭغا ھەيدەلگەن ئىلەم ئۇ يەردە رۇس ئىنقىلابچىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئېزىش ۋە ئېزىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى، ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىدۇ. «لاشمەن» ۋەقەلىكىنىڭ قويۇقلۇقى، زىددىيەت-توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىكى، تىلىنىڭ راۋان، ئىخچام، چۈشىنىشلىك ۋە خەلق تىلىغا يېقىنلىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. زىيا سەمەدىي بۇ ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ تارىخى ئەسەر يېزىشتىكى ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ. شۇ دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھىتنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسىنى توغرا ۋە ئىشەنچلىك قىلىپ يارىتىدۇ، خەلق تىلىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئەينەن ھالىتىنى ساقلاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ «ئىپارخان» درامىسى ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدىكى مۇرەككەپ بىر دەۋرنى كەڭ پىلاندا يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەر، ئۇنىڭ نامى باش قەھرىمان نامى بىلەن ئاتىلىشىمۇ تاسادىپىي ئەمەس، ئىپارخان-تارىخى شەخس، يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارى. ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى، ۋەتەنگە سادىقلىقى بىلەن شۇنداقلا ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكى بىلەن تىللاردا داستان بولۇپ، خەلققە ۋەتەنگە ۋاپادارلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ كەلمەكتە. ئەسەردە كۆرسىتىلگەندەك 1755-1756-يىللىرى مانجۇ قوشۇنلىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى-جۇڭغارىيىنى ئىگەللىدى. مانجۇلار يەنە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىنى ئىگەللەش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىچكى زىددىيەتلەرنى كۈچەيتىۋەتتى ۋە «ئاق تاغلىق خوجىلار» بىلەن «قارا تاغلىق خوجىلار» ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا 60 مىڭ ئۇيغۇر ئەسكىرى ھالاك بولدى. ئۇرۇش «ئاق تاغلىقلار»نىڭ غالىبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى، قەشقەردە خان غوجا باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. لېكىن ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالسىزلىنىشىنى سەۋرى قىلىپ كۈتۈپ كەلگەن مانجۇ خانى جاۋ خۇي قوماندانلىقىدا ئەسكەر ئەۋەتىپ، يېڭىلا قۇرۇلغان بۇ ھاكىمىيەتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى بويسۇندۇردى. ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ۋەتەن ئۈچۈن ئاخىرقى نەپسىگىچە كۈرەش قىلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرى ئىپارخان ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ۋەتەن مۇھەببىتىنى پاك يۈرىكىدە مەڭگۈگە پاك ساقلاپ قالدى. يازغۇچى ئۆز درامىسىدا ئەنە شۇ قىزنىڭ يارقىن ئوبرازىنى مۇكەممەل، ھەر تەرەپلىمە يارىتىشقا مۇيەسسەر بولالىغان، قانائەتلىنەرلىك ھالدا شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئاپتور ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانىغا ئىنتايىن چوڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن قارىغاچقا درامىنى دولقۇنلۇق بىر ھاياجان، ئاجايىپ ئىچكى تەۋرىنىش بىلەن يازىدۇ. ئىپارخاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكىنى، مەنىۋى بايلىقىنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن كۈيلەيدۇ. دراماتىك ئەسەر سەھنىدە قويۇلۇش ئۈچۈن يېزىلىدۇ، ئۇنى كۆپ جەھەتتىن رېژىسسور، كومپوزىتور ۋە ئارتىسلار كوللېكتىپ تولۇقلايدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ بۇ درامىسى سەھنىدە ئوينالغىنى يوق. لېكىن ئۇنى ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق كىشى ئىپارخاننىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەسەر تىلى بىلەنمۇ، ئاپتور ھېس-ھاياجىنىنىڭ ساپ ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەنمۇ، ئىپارخان مونولوگىنىڭ پەلسەپىۋىيلىك ماھىيىتى بىلەنمۇ داستانغا ئوخشايدۇ. گەرچە درامىدا پاجىئەلىك ۋەقەلەر قويۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر ئوپتىمىستىك روھ ھۆكۈمران. زىيا سەمەدىنىڭ تارىخى تېمىلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان بۇ خۇسۇسىيەت «ئىپارخان»دا تېخىمۇ يارقىن بايقىلىدۇ. يازغۇچىنىڭ ھازىرقى يېزا ياشلىرى تېمىسىغا بېغىشلانغان «ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا» پوۋېستى ھەممىدىن ئاۋۋال، تېمىسىنىڭ ئاكتۇئاللىقى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر. ئاپتور بۇ ئەسەردە ئادىل ۋە خېلىچەملەر ئوبرازى ئارقىلىق بۈگۈنكى سوۋېت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ كولخوز ئىقتىسادىنى، مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك پائالىيەتلىرىنى ئىلغا ئىنتىلىش، ئىجاد قىلىش، يارىتىش خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. پوۋېستتا يېزا ئىگىلىگىنىڭ خىلمۇ-خىل ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان، ئىشتىن قول ئۈزمەي سىرتتىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ياشلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرى، ئۇلارنىڭ ئادىل، ھالال، ئەمگەكچان، پرىنسىپال كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن قىزىقارلىق ۋەقەلەر ۋە پسىخىكىلىق جەريانلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، يازغۇچى سوۋېت ياشلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوممۇنىستىك روھتا تەربىيىلەشنىڭ ئومۇمى خەلق ئىشى ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. زىيا سەمەدىنىڭ بۇ ئەسىرىمۇ يۇقىرى بەدىئىي تەلەپلەر دەرىجىسىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇرۇق بايانچىلىق، شەرھلەشلەر ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە ئاپتور پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىدۇ، سوۋېت يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىنى، كولخوز دېھقانلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ پېرسوناژلىرى ھەممە ئەسەرلىرىدە دېگۈدەك، پەقەت شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىلا خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئەدىبنىڭ تىل بايلىقى سىرلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ خەلق تىلى قاينىمىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئەسەر تىلى ماقال-تەمسىللەر، ئۆتكۈر سېلىشتۇرمىلار بىلەن بېيىتىلغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى قىممەت باھالىق ئۈنچە-مارجاندەك يالتىراپ تۇرىدۇ. زىيا سەمەدىي يېزىۋاتقان دەۋرنى، ۋەقە تەرەققىي قىلغان جاينى يىپ-يىڭنىسىگىچە بىلىپ، ھەقىيقى مەنزىرىنى، بارلىق دېتال ۋە تەپسىلاتلار بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. زىيا سەمەدىي ھازىرمۇ جۇشقۇن ھالدا ئىجادىيەت قىلىۋاتىدۇ. سوۋېت دىيارىدا ئۆزىنىڭ ھەقىيقى بەختىنى تاپقان تالانتلىق يازغۇچىدىن قايناق ئىلھام بىلەن يېزىلغان يېڭى-يېڭى ئەسەرلەرنى كۈتىمىز.

ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنىۋاتقان بۇ توپلامغا ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن نادىر ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. بۇ ئەسەرلەردە يازغۇچىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى نامايان، بۇ سىناقلار يولى، كۈرەش، چېنىقىش يولىدۇر. شۇنداقلا بۇ يول--ئۇ ئاشقان داۋانلاردۇر.