زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى

زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 1994-يىلى 6-ئايدا مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، چىلىشچى مەشقاۋۇلى بولغان دادىسى مۇھەممەتئېلى زۇلپىقارغا ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا بوكس ئۆگىتىشنى باشلىۋەتكەن. زۇلپىقار 12 ياشقا كىرگەندە بوكسنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرىنى خېلى پۇختا ئىگىلەپ، چوڭ شەھەرلەردە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن.

بوكىس ھاياتى تەھرىرلەش

زۇلپىقار تەنتەربىيە مەكتىپىگە كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەسىس قىلغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى ئارقىسىدا كەسپىي جەھەتتە تېز ئالغا باسقان ھەم شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 16 ياشقا كىرگەندە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە بوكسچىلىقتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كۇبا ماھىرىنى يەڭگەن. ئۇ يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك بوكس مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چېمپىيونلۇقنىڭ تاتلىق تەمىنىمۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنىمۇ ئوبدانلا تېتىغان.

 زۇلپىقار 20 ياشقا كىرگەندە، ئېغىرلىقىمۇ، تېخنىكىسىمۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى. ئەڭ مۇھىمى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆزى ئۈچۈن جاپا تارتقان ھەر بىر كىشىگە ياخشى نەتىجە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى كۈچىيىپ، ھەر قانداق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قولدىن بەرمىدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ شاڭخەيدىكى «شېڭلىشىجيا» بوكس كۇلۇبىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭخەيگە كېلىپ، دۇنياغا داڭلىق تىرېنېر مارىئونىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى

مەنبە تەھرىرلەش

خەلق تورى http://uyghur.people.com.cn/165019/15603194.html