زۇنۇن قادىرى

ھۆججەت:Zunun kadir.jpg

ﺯﻭﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ 1911-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﻏﺎﺑﺎﺗﺎﻱ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﯙﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻦ ﻧﺎﮬﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﻣﺮﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺩﯦﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ .ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ .1940-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺭﺳﺖ ،ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﻰ ﺭﯦﮋﯨﺴﻮﺭ ،ﺩﯨﻜﺮﺍﺗﻮﺭ ،ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺑﯚﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﯞﻩﻛﯜﺭﻩﺵﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺖ -ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ،ﺑﺎﺵ ﻣﯘﮬﻪﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .1957-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1963-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ -ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ،ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻣﻪﺩﺩﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﯞﻩ ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﻯ .ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﺗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ، ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ .ﻛﯧﻴﻨﭽﻪ ﺷﺎﮬﻨﺎﻣﻪ ﮔﯘﻟﺴﺘﺎﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﻰ .ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﯩﻠﺴﺴﯩﻜﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻮﺭﯗﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﺴﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻢ ﮔﻮﺭﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﯞﻩﺋﯚﺯﺑﯩﻚ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻧﻰ ،ﺳﻪﺩﯨﺮﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﯘﺭ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺭﻭﻣﺎﻥ ،ﭘﻮﯞﺳﺖ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻠﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺩﯦﻤﻪﻙ ،ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ،ﯞﻩ ﻛﯩﻠﺴﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ 1936-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ،50ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﻏﯘﻧﭽﻪﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﻪﻝ ﯞﻩ ﭼﻮﭼﻪﻛﻠﻪﺭ ،ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ .ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﺸﯩﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﻢ ﮔﻮﺭﻛﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺑﻮﯞﺍ ﯞﻩ ﻟﯩﻴﻮﻧﻜﺎ ،ﺳﯧﯟﯨﺖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻛﻮﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯕﺠﺎﺭﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺖ ،ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭼﯚﭼﻪﻙ ،ﻗﻮﺷﺎﻕ ، ﻣﺎﻗﺎﻝ -ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ،ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﺋﻠﻐﺎﺭ ﺳﯧﻴﺎﺳﯩﻲ ،ﺋﯧﺴﺘﯧﯩﺘﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﯖﺪﯗﺭﯗﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﻻﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯘﻏﺎﻧﺪﻯ .

ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ ، ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺌﻪﺕ ﺗﻪﻟﯩﻤﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺭﯦﺌﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﻨﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻐﺎﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ،ﺳﻪﺯﮔﯜﺯﻩﺷﺖ ﺧﺎﺭﻩﺗﻜﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻥ( ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ،ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﭼﯩﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ) ﺋﯜﭺ ﺩﺭﺍﻣﺎ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﯧﻨﺎﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ،ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﺘﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ .

ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﯩﮕﻪ ، ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ،ﺗﻪﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ .ﺋﺎﺗﻐﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺗﯧﻴﯩﭙﺠﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻴﯘﯞ ، ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻣﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ،ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﮭﯩﻦ -ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ .

ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﯘﺭﮒ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﭘﺮﻭﺯﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﯩﻴﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ 1989-ﻳﯩﻠﻰ - 9ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ -24-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ 77 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ،ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﮔﯚﮬﻪﺭ ، ﺷﯘﯕﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻡ -ﺷﻪﺭﭘﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﺩﯗ .

زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى: <1> «غۇنچەم» ــ مەسەل، ھىكايە، دىراممىلار توپلىمى. مىللەتلەر نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى. <2> «چېنىقىش» ــ ھىكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى. <3> «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1980-يىل نەشرى. <4> «خاتىرىلەر» ــ ئاپتوبىئوگىرافىك ئەسلىمە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1984-يىل نەشرى. <5> «مەسەل ۋە چۆچەكلەر» ــ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1986-يىل نەشرى. <6> «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» ــ ئومۇمىي توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1992-يىل نەشرى. <7> «چېنىقىش» ـ ھىكايىلەر توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ يازغۇچىلار نەشرىياتى. 1958-يىل نەشرى. <8> «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ تىياتىر نەشرىياتى. 1960-يىل نەشرى. زۇنۇن قادىرى يېزىشقا قاتناشقان «غېرىپ – سەنەم» كىنو سىنارىيەسى 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىلار توپلىمى 1980-يىللاردا يەنە قايتا نەشىر قىلىنغان.

ئىزاھات:زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 1997-يىل 30-ئۆكتەبىر سانىدىكى كىرىمجان ئابدۇرىھىمنىڭ «زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ تۇرۇپ تەييارلاندى.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش