دوكتور
زەمىرى مىجىت

ھەققىدە تەھرىرلەش

زەمىرە مىجىت 1976-يىلى شىنجاڭ پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان،1993-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستىتىنىڭ تەييارلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.1995-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. بېيجىڭدىكى قۇيۇق بىلىم كەيپىياتى ۋە مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتى ئۇنىڭ تىرىشچان روھىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولغان،تۆت يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1999-يىلى پىسخولوگىيە ئىلىمى بۇيىچە باكلاۋېرلىق دىپلومى ئالغان.ھەم شۇيىلى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىسىتىتوتىغا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئۈتكەن.ئۈچ يىللىق ئاسپىرانتلىق جەريانىدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ھازىرقى زامان ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى پىسخىك تەسۋىر ۋاستىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،2002-يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بۇيىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىق دىپلومى ئالغان. ۋە شۇ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ كىنو-تېلىۋىزىيە تىياتېر فاكولتېتىغا خىزمەتكە چۈشكەن. مەزكور مەكتەپ 2005 -يىلى تۈنجى تۈركۈمدىكى ئويغۇر رادىيو-تېلىۋىزىيە رىژىسسورلۇقى كەسپى بۇيىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن،ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىلىمى بۇيىچە ئىزدىنىشكە باشلىغان ۋە ئىككى يىل تەييارلىق قىلىپ جۇڭگو مېدىيە ئونۋېرسىتىنىڭ كىنو-تېلىۋىزىيە فاكولتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەن.ئۈچ يىللىق دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدا جۇڭگودىكى داڭلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى تەتقىقاتىچىسى،دوكتۇر يىتەكچىسى زىڭ چىڭرۈي ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىگىدە «ئويغۇرلار تېمىسىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق ئىلىم ماقالىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ،دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نامسىز بېلەت تاشلىشىدىن ئۈتۈپ،2010-يىلى رادىيو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى ئىلىمى بۇيىچە دوكتۇرلۇق دىپلومىغا ئېرىشكەن.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن داۋاملىق رىژىسسورلۇق كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئول بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.

خىزمەت تەھرىرلەش

زەمىرە مىجىت خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان رادىيو تېلىۋىزىيە سەنئىتى بۇيىچە ئويغۇرچە خەنزۇچە يىگىرمە پارچىغا يىقىن ئىلىمى ماقالە ئېلان قىلدى،2012-يىلى «ئويغۇرلار تېمىسىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق كىتابى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.مەزكور فاكولتېتنىڭ دوتسېنتى ،تۇنۇلغان رىياسەتچى،سەنئەت مائارىپىچىسى قەييۇم مۇھەممەت مۇئەللىم بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن«ئويغۇر رادىيو-تېلىۋىزىيە دىكتور-رىياسەتچىلىك سەنئىتى »ناملىق كىتاپ شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.زەمىرە مىجىت رىژىسسورلۇق كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسى كەسپى نەزىرىيىۋى دەرىسلىرىنى ئۈتۈشتىن باشقا،ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلىمى ماقالىسى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ۋە يىڭى بىر ئەۋلات ئويغۇر كىنو-تېلىۋىزىيە رىژىسسورلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى،كىنو-تېلىۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قۇشماقتا.

مەنب تەھرىرلەش

مەركىزى تىلىۋىزىيە تورى ئۇيغۇرچە قانىلى [1]