زەيدىن يۈسۈپ

ئىنقىلابى باشچىسى
زەيدىن يۈسۈپ

Zeydin Yusup

تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى ئاقتو ناھىيىسى
ۋاپات بولغان 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى ئىنقىلابچى بارىن ئىنقىلابى

زەيدىن يۈسۈپ (Zeydin Yusuf، كرىلچە: Зәйдин Йүсүп، م. 1964 - ئاقتۇ — 1990-04-05، ئاقتۇ) زەيدىن قارىي تونۇلغان ئۇيغۇر مۇجاھىد، بارىن ئىنقىلابى باشچىسى.

ھاياتى تەھرىرلەش

زەيدىن يۈسۈپ 1964 - يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزا، بارىن كەنت 3- ئەترەتتە دېھقان يۈسۈپ زەيدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

زەيدىن يۈسۈپ كوممۇنىست خىتاي دەۋرىدە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتلىغان شەرقى تۈركىستان بارىن ئىنقىلابىنىڭ قوماندانى، رەھبىرى ۋە بىر مىللىي قەھرىماندۇر. بىر مىللەتنىڭ ئۈمىد مەنبەسى ئۇ مىللەتنىڭ يولباشچىلىرىدۇر. خىتاي ھاكىمىيەتلىرى شەرقى تۈركىستاننى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى يولباشچىسىز قالدۇرۇشنى «بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپە» دەپ بېكىتىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يولباشچىلىرىنى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى يوقىتىدۇ. پادىنىڭ نىشانى بولمايدۇ، پادىچىنىڭ نىشانى بولىدۇ. يولباشچىسىز خەلق پادىچىسىز پادىدۇر. داھىي- يولباشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئانچە ھېس قىلىنمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى «تەلۋە» دېگەن ھاقارەتكە قالىدۇ. چۈنكى، داھىي- يولباشچىلار نورمال كىشىلەردىن ھالقىغان تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىر مىللەت داھى- يولباشچىغا ئېرىشكەندە دەۋر ياراتقان. داھىيسىز- يولباشچىسىز قالغاندا غەپلەتكە پاتقان، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

بىر مىللەتنىڭ يولباشچىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقتى دەل ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي يوقىلىش خاراكتېرلىق خىرىسقا دۇچ كېلىپ جان تالىشىۋاتقان دەۋرىدۇر.

زەيدىن يۈسۈپ دەل بىز سۈپەتلەپ ئۆتكەن داھىيلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئامىللارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئەقلى ئويغاق، ئىمانى ئەركەك ھەقىقىي داھىيدۇر.

داھىي- يولباشچىلار تارىخىي قارارلارنى جاسارەت بىلەن ئالالايدىغان ئىنسانلاردۇر. شۇڭا دەيمىزكى، داھىيلار تارىخ ياراتقۇچىلاردۇر.

زەيدىن يۈسۈپنىڭ بارىن يېزا بازىرىدا موتسىكلىت، ۋېلىسىپىتلەرنى رېمۇنت قىلىدىغان بىر دۇكىنى بولۇپ، ئۇ كۆرۈنۈشتە ئاددىي بىر ھۈنەرۋەن، بىر دېھقان، ئەمما ئۇلۇغ روھ ئىگىسى ئىدى.

زەيدىن يۈسۈپ قاغىلىقتىكى شەرقى تۈركىستان بويىچە مەشھۇر ئالىم، ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم (1925- 1993) نىڭ قېشىغا بېرىپ، يېرىم مەخپىي ھالدا دەرس ئېلىۋاتقان مىڭلىغان تالىپلارغا قوشۇلغان. ئۇ كېيىنچە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇستاز ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دۆلەتچىلىك ئېڭى بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ مەخسۇس تەربىيىلىنىۋاتقان ئالاھىدە تالىپلار گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىنغان.

1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قوماندان زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا، شەرقى تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە قوراللىق ئىنقىلاب باشلىنىدۇ.

بارىن جىھات ھەرىكىتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدا توختىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بارىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

1949- يىلى كوممۇنىست خىتاي (گۇڭچەنداڭ) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننى بېسىۋالغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، يېزىقى، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا باشلايدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، تارىخى ئەسەرلىرى ھەم يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. كوممۇنىست خىتاي شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە: «بىز ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە گومىنداڭ قالدۇقلىرى (مىللەتچى خىتاي) نى تازىلاپ بولۇپلا چىقىپ كېتىمىز» دەپ ۋەدە بېرىپ، كېلىشىم تۈزۈپ، شەرقى تۈركىستانغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، كېلىشىمنامىگە ئەمەل قىلماي مەككارلىق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ ھىيلىگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، يەر ئىسلاھاتى، ئىجارە كېمەيتىش، تەركىبكە ئايرىش، كوممۇنا... دېگەندەك ناملار بىلەن بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆي- ماكان، مال- مۈلكلىرىنى تارتىۋېلىپ، ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ قوشۇپ خىتاي دۆلىتىگە ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. خىتاي ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن تارتىپلا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇنداقلا خىتاي زېمىنىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى ئىكەنلىكىنىمۇ يالغۇز خىتايلارلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا بىلەتتى. مەنچىڭ خىتايلىرى 1878- يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ بېسىۋالغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ، 1884- يىلى «يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان زېمىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. بۇنىمۇ ياخشى بىلىدىغان خىتاي دۆلىتى، شەرقى تۈركىستان زېمىنىنى ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شۇم نىيىتىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ۋە بىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىم، سىياسەتچىلىرىنى، گېنېراللىرى، تۇنۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى، بايلىرى... دېگەندەك مۆتىۋەر كىشىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا شەرقى تۈركىستان خەلقى پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان ھەم چۈشەنمەيدىغان ئاجايىپ جىنايەتلەرنى ئارتىپ بىر- بىرلەپ يوقىتىشقا باشلايدۇ. 1962- يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ئۇسۇلدا پەيدا قىلغان ئاچارچىلىقتا يۈز مىڭلاپ خەلق قىرىلىپ كېتىدۇ. 1966- يىلىدىن باشلاپ يەنە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئىسىملىك بىر ھەرىكەت باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى نەچچە قېتىملىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۆلمەي ئېشىپ قالغان شەرقى تۈركىستاننىڭ قىممەتلىك ئوغلانلىرىنى 10 يىل داۋاملاشقان بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تامامەن دېگۈدەك يوق قىلىدۇ.

قىسقىسى خىتاي، دۆلىتى شەرقى تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان 1949- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بەش مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. زەيدىن يۈسۈپ قوماندانلىق قىلغان بارىن ئىنقىلابى مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر نەتىجىسىدە پارتلىغان. بارىن ئىنقىلابىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى ۋە «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى

   زەيدىن يۈسۈپ قاغىلىقتىكى بىر قانچە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا كۆپ ئويلىنىدۇ. ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بارىن يېزىسىدىكى ئىشەنچلىك يېقىن دوستلىرىنى يىغىپ شۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
   - ۋەتەن ئىچىدە ھەر كۈنى زۇلۇم، ھەر كۈنى بېسىم، ھەر كۈنى ئۆلۈم، ھەر كۈنى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تەشۋىقاتلىرى يوشۇرۇپ بولالمىغان ۋەقەلەرنى تەتۈر شەكىلدە ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ۋەقەلەر، ناھەقچىلىكلەر، دۆلەت تېررورلۇقى دۆلەت سىرى بولۇپ يوشۇرۇن قېلىۋاتىدۇ، بىز بۇلارنى پاش قىلىپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. كۈرەش يولىدا قىلىدىغان نۇرغۇن خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر بار، ھەر كىم قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى بۇ كۈرەش يولىدا ئىشلىتىشى كېرەك!
   جانابى ئاللاھ بىزنى ئىنسان قىلىپ ياراتتى، مۇسۇلمان قىلىپ ياراتتى، ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى، شەرقىي تۈركسىتاننى ۋەتەن قىلىپ بەردى. ئەمما بۇ ۋەتەننى دۈشمەن تارتىۋالدى، ھىيلىگەرلىك بىلەن بېسىۋالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىسلام دىنى بىزگە قانداق تەلىمات بېرىدۇ؟ ئىسلام بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئىسلام دىنى مۇكەممەل بىر دىندۇر. دۆلەت قۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ياشاش، ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغاندا قانداق چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىش، ئۆزىنى، مېلىنى، ۋەتىنىنى قوغداش، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي تەلىماتلار بار، دەپ خىتاب قىلىدۇ. زەيدىن يۈسۈپ سۆزىنى:
   - «قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاب ئەمەس، بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر» دەپ توختىتىدۇ. 
   زەيدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى قايتا- قايتا مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 1989- يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. پارتىيىنىڭ تۈپ مەقسىتى، شەرقى تۈركىستان زېمىنىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇ، بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىردىن- بىر چارە «قوراللىق ئىنقىلاب» دەپ بېكىتىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى قارار ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تەييارلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بارىن يېزىسىدىن بىر قىسىم ياشلارنى پارتىيىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ ۋە جامال مەمەتنىڭ ئۆيىدە 1- قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بېكىتىپ مەخسۇس ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە تەيىنلەنگەن ۋەزىپىلىرى:

   1- ئابدۇغېنى تۇرسۇن: جىھادى ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە مالىيە مەسئۇلى.
   2- جامال مۇھەممەت: قوراللىق ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.
   3- ئىسساق ھوشۇر:  قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى (مالىيە مەسئۇلى).
   4- ئابدۇرېھىم تۇرسۇن: ئۇچۇر- ئالاقە مەسئۇلى.
   5- مەمەت تۇردى: قاتناش قوماندانى.
   6- ئەخەت تىلىۋالدى (ئەخەت ئاۋۇت دەپمۇ يېزىلغان): مۇجاھىتلارنىڭ 1- قىسمىنىڭ قوماندانى.
   7- تۇرغۇن ئىسساق (تۇرغۇن ساقى دەپمۇ يېزىلغان): 2- قىسىمنىڭ قوماندانى.
   8- ئۇبۇلقاسىم ئىبراھىم: مۇجاھىتلارنىڭ ئاتلىق قىسمىنىڭ قوماندانى. 
   9- ئابدۇ تۇردى ۋە مەمەت تۇرسۇن: باش قوماندان بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل.
   10- راخمانجان ئەمەت: پارتىيىنىڭ قورال ۋە ئوق- دورىلىرىنى ساقلاش ھەم تارقىتىش مەسئۇلى.

جىھات ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش تەھرىرلەش

زەيدىن يۈسۈپ قوراللىق ئىنقىلاب ئۈچۈن ئىقتىساد مەسىلىسىنىمۇ چىڭ تۇتقان. ئۇ ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە 50 يۈەندىن ئىقتىساد چىقىرىشىنى بەلگىلىگەن ھەمدە بۇ پۇللارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى پارتىيە ئەزالىرىغا تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. ئۇلار يەنە 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە بارىن، قوقان قاتارلىق تۆت كەنتتىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى كىشىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنىڭ تامامەن ئۆز رازىلىقى بىلەن 5 كىلودىن گۈرۈچ، 2،5 كىلودىن بۇغداي توپلاپ جەمئىي 15 تاغار ئاشلىق توپلىغان. خىتاينىڭ مەلۇماتى بويىچە ئۇلار جەمئىي 13 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلىغان. بۇ پۇلدىن سەرپ قىلىپ تۆت ئات، بىر موتسىكلىت سېتىۋالغان.

زەيدىن يۈسۈپ ھەققىدە ھېكايە 1 تەھرىرلەش

زەيدىن يۈسۈپ قوزغىلاڭ باشلىنىشتىن 3 ئاي بۇرۇن ياردەمچىسى ئېزىز قۇربان بىلەن ئاقتۇ بازىرىدا ئاقسۇ- كۇچا تەرەپتىن كەلگەن 2 نەپەر مېھمىنى بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەت تۈگىگەندىن كىيىن مېھمانلىرىنى ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ لەغمەن بىلەن مېھمان قىلغان. ئۆزلىرى بولسا، «بىز تېخى ھېلىلا تاماق يەۋالغان» دەپ تاماق يېمەي قاراپ ئولتۇرۇشقان. ئۇلار مېھمانلارنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ يەنە شۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئاشپەز ئۇستامدىن ئىككى ھېجىر تاۋاقتا ئاش سۈيى بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ، بەلۋاغلىرىدىكى زاغرا نانلىرىنى چىقىرىپ ئاش سۈيىگە چىلاپ يېيىشكەن. بۇ ۋاقىتتا ئېزىز قۇربان: - «زەيدىن قارى شۇ مېھمانلار ئالدىدا تاماق يىمەي ئۇلارنى خىجالەتتە قويغىنىمىز ياخشى بولمىدى. بىر تەخسە لەغمەن بىر كوي، بۇنچىۋالا قىلىپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ.» دېگەن. زەيدىن يۈسۈپ، ئېزىز قۇرباننىڭ گېپىگە جاۋابەن، «ئۇلار مېھمان، بىز ئەلۋەتتە ھۆرمىتىنى قىلدۇق. بىز بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمىز، بىر كوي پۇلغا بىر پاي ئوق كېلىدۇ. ئەگەر ئىككى قاچا لەغمەننى يەۋەتسەك، دۈشمەنگە ئاتىدىغان 2 پاي ئوقنى يەۋەتكەن بولىمىز» دېگەن.

زەيدىن يۈسۈپ ھەققىدە ھېكايە 2 تەھرىرلەش

بارىن ئىنقىلابى باشلىنىشتىن بىرەر ئاي بۇرۇن زەيدىن يۈسۈپ بىلەن سەپدىشى ئېزىز قۇربان بىر ئىش بىلەن كېتىۋاتقاندا، ئېزىز قۇربان ئالدىدا كېتىۋاتقان زەيدىن يۈسۈپنىڭ چاپىنىنىڭ كونىراپ نىمكەش بولۇپ قالغانلىقىنى بولۇپمۇ پۇتىدىكى ئايىغىنىڭ بىرقانچە يېرىگە ياماق چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ چىدىماي، باھانە قىلىپ يول بويىدىكى بىر دۇكانغا باشلاپ كىرىپ زەيدىن يۈسۈپكە بىر ئۆتۈك ئېلىپ: «بۇ ئۆتۈكنى كېيىپ باقسىلا» دەيدۇ. ئۇنىڭ نىيىتىنى چۈشەنگەن زەيدىن يۈسۈپ: - «بېتىنكەمنىڭ ئۆمرى مەندىن ئۇزۇن» دەيدۇ ۋە دۇكاندىن چىقىپ كېتىدۇ. ئارقىدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئەزىز قۇربان خاپا بولۇپ:

   - «زەيدىن قارى! سىلە نېمانداق كاج ئادەم؟ سىلى جامائەتكە ئىماملىق قىلىلا، بىز سىلىگە ئەگىشىۋاتىمىز، جامائەت سىلىگە ئىخلاس قىلىدۇ. سىلى كونا كىيىم بىلەن يۈرۈۋەرگەن بىلەن بىز خىجىل بولىدىكەنمىز. بىزگە پۇل بەرگەنلەر سوراپ قالسا نېمە دەيمىز؟» دەيدۇ ئاچچىقىنى باسالماي. زەيدىن يۈسۈپنىڭ كۆزلىرىدە مىننەتدارلىق نۇرى چاقنايدۇ: 
   - «ئىككى يىلدىن بىرى بارىننىڭ ئۆستەڭلىرىگە يېتەرلىك سۇ كەلمىگەنلىكىنى ھەممىمىز ئۇبدان بىلىمىز. بىڭتۈەن سۇنى توسۇۋالدى، ئېتىزلار ئاق قالدى، باغلار قۇرۇپ كەتتى. يېزىمىزدا يەيدىغان زاغرا نان يوق ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بوۋاقلار، ئاجىز- ئۇرۇقلارنىڭ جىنازا نامىزىنى ھەر كۈنى مەن چۈشۈرۈۋاتىمەن. ئەگەر سىلىدە پۇل بولسا ئاچ قالغانلارغا تارقىتىدىغانغا بىر ئاز نان ئېلىۋالايلى» دەيدۇ زەيدىن يۈسۈپ. ئۇلار ناۋاي ئىزدەپ مېڭىپ كېتىدۇ.

ھەربىي تەييارلىق تەھرىرلەش

«شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» 1990- يىلى 2- ئاينىڭ بېشىدا ساي مەسچىتىدە 2- قېتىملىق يىغىن ئاچقان. 3- ئاينىڭ 15- كۈنى مەخەت قوشماقنىڭ ئۆيىدە 3 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، قورال، ئوق- دورا، تىببى دورىلار، تەنھەرىكەت ئايىقى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ھەمدە مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاشنى، كىمدە كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ قاتتىق جازالاشنى بەلگىلىگەن. زەيدىن يۈسۈپ 3- قېتىملىق يىغىندىن كېيىن جانبازلىق ۋە ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتكەن. ئۇ 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە قاغىلىقتىن ئوبۇلقاسىمنى ئېلىپ كېلىپ ئىسساق ھوشۇرنىڭ ئۆيىدە 40 نەچچە ئادەمگە مەخسۇس ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن. 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە 50 نەچچە ئادەمگە سايدا گرانات ئېتىش ۋە ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن.

ئىنقىلابنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ قېلىشى تەھرىرلەش

بارىن يېزىسى ۋە ئەتراپى ئاساسەن تاغلىق رايون بولۇپ، مۇنداق جۇغراپىيىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالى ئات بولغاچقا، زەيدىن يۈسۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىق قوشۇنىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئىنقىلابچىلار بىر كۈنى بارىن يېزىسىغا قوشنا بولغان يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا دانىش ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا مەزكۇر كىشى ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان، كېيىن تالاش تارتىش بولغان. بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر دانىش ئىسىملىك خائىن ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا پاش قىلغان.

ئىنقىلابنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى توغرىلىق تۆۋەندىكىدەك 2 خىل كۆز قاراش بار: 1- مۇجاھىتلار دانىشنىڭ ئېتىنى سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىققان. بۇ ۋاقىتتا دانىش ئۇلاردىن ئاتنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغان. مۇجاھىتلار كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ دانىشقا مەقسەتنى ئوچۇق دېگەن. 2- مۇجاھىتلاردىن بىرى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئاتقا مىنىۋاتقاندا چاپىنىنىڭ ئاستىدىن يېنىدىكى تاپانچىسى كۆرۈنۈپ قالغان. دانىش دېگەن مۇناپىق ئۇ تاپانچىنى كۆرۈپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا چېقىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن بارىن مۇجاھىتلىرى ھېچ ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ ئات ۋەقەسىدە ئاشكارىلىنىپ قالغان.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش جەريانى زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب تەييارلىقى مۇجاھىتلارنىڭ تەجرىبىسىزلىكى سەۋەبلىك مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، 3- ئاينىڭ 25- كۈنى ساي مەسچىتىدە پارتىيىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشقان.

بۇ يىغىندا زەيدىن يۈسۈپ، ناۋادا ئۆزى شېھىت بولۇپ كەتسە ئابدۇغېنى تۇرسۇننىڭ قوماندانلىق قىلىشىنى قارار قىلغان.

زەيدىن يۈسۈپ 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندە ئاخىرقى قېتىم يەنە ئوبۇلقاسىم باشچىلىقىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان. ئۇ مەشقتىن كېيىن مۇجاھىتلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بىرەرقۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇجاھىتلاردىن غازات قىلىش يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشنى، ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

بارىن يېزىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇراللىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنىڭ سانى توغرىسىدا دەسلەپتە 200، كېيىن 500، كېيىن قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 700 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئىنقىلابقا ئاتۇش، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن، غۇلجا... قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردىنمۇ بىر قىسىم مۇجاھىتلار كېلىپ قاتناشقان.

زەيدىن يۈسۈپ 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى بارىن ئىنقىلابىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم مۇجاھىتلار بىلەن «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدەن رەسۇلىللاھ» دەپ توۋلاپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە يازغان خەتنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كىرگۈزگەن. ئۇ خەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن مىكروفون بىلەن ئوقۇغان. خەتتە:

«ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۈۋېتىلدى. (1989- يىلى بىر يىللىق سان) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ ئۇ قاتىللار نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟… خىتايدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي. بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ…؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك…. پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن، خەلقىمىز ئۈستىدىكى باج- سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن، خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، كەمسىتىشكە، ئېزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز»

دەپ يېزىلغان. بۇ خەت ئەينى ۋاقىتتا زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بارىن يېزىسىدىكى مەسچىتلەردىمۇ، يوللاردا ماشىنىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ يوقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلاردىمۇ پۈتۈن خەلققە ئاڭلىتىلغان. بۇ ۋاقىتتا بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا بۇرۇنلا ئاتۇش ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىن كېلىپ ئورۇنلاشقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 200 دىن كۆپرەك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرى ۋە ساقچىلىرى بولۇپ، بۇلار زەيدىن يۈسۈپنىڭ خېتىگە جاۋاپ بەرمىگەن.

زەيدىن يۈسۈپ بىر كۈن ساقلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلانغان كېچىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بارىن ئىنقىلابى رەسمىي باشلانغان. بارىن ئىنقىلابچىلىرى دەسلەپتە ئاساسەن پىچاق، پالتا، كالتەك دېگەندەك قوراللار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئۆزلىرى ياسىغان تاپانچا ۋە مىلتىقلار قانچىلىك، بىز بىلمەيمىز. ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇجاھىتلار 5 ساقچىنى تۇتۇۋېلىپ، 5 تاپانچا غەنىيمەت ئالغان. كېيىن يېزا مەركىزىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكتە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ياردەمگە كەلگەن بەنجاڭ ۋۇ يۇڭ، مۇئاۋىن بەنجاڭ تيەن چوڭفېڭ قاتارلىقلارنى يوقىتىپ 3 ئاپتومات، بىر تاپانچا، 400 پاي ئوق غەنىيمەت ئالغان. يەنە ئاقتۇ ناھىيىلىك چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى شۇ شىنجيەن، ئەسكەر ۋاڭ جىڭپىڭلارنى كۆۋرۈك ئۈستىدە يوقىتىپ 4 تاپانچا ۋە بەزى قوراللارنى غەنىيمەت ئالغان. شۇنداق قىلىپ بارىن ئىنقىلابچىلىرى خىتاينىڭ ئاساسلىق قوشۇنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم قوراللارغا ئىگە بولغان. بۇ ۋاقىتتا زەيدىن يۈسۈپ مۇجاھىتلارغا ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. مۇجاھىتلار تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن تۇنجى تۈركۈمدە يېتىپ كەلگەن خىتاينىڭ 500 ئەسكىرى بىلەن رەسمىي ئۇرۇشقا كىرگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنىپ، ئۆزلىرىنى ئورمانلىقلارغا ئېتىشقا باشلىغان. سائەت 4:30 دا يەنە 400 ئەسكىرى يېتىپ كەلگەن. ئارقىدىن يەنە تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانلارنىڭ ھېمايىسىدە تانكا، برونېۋىك ۋە چوڭ- كىچىك ئېغىر توپلار بىلەن قوراللانغان 10 نەچچە مىڭ مۇنتىزىم خىتاي ئارمىيىسى كەلتۈرۈلگەن.

قوماندانلىق شتابىنى ئالدىنقى سەپكە قۇرغان زەيدىن يۈسۈپ بىرىنچى قېتىملىق جەڭدە دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن بىر قانچىسىنى يەر چىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى غەنىيمەت ئالغان. بۇ چاغدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىگە ئىشەنگەن ھالدا تېخىمۇ غالجىرلىشىپ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتكەن. زەيدىن يۈسۈپلەر باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ خىتاينىڭ يەنە بىر قانچە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە بەش ئەسكىرىنى تىرىك تۇتۇۋالغان. ھەمدە ئۇلارنىڭ قوراللىرى ۋە بىر دانە سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى غەنىيمەت ئالغان. زەيدىن يۈسۈپ كېيىن يېتىپ كەلگەن ئىككىنچى قېتىملىق دۈشمەن قوشۇنى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، جىھات ئۈستىدە باتۇرلارچە شېھىت بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپداشلىرىدىن ئېزىز قۇربان زەيدىن يۈسۈپنىڭ قانغا مىلىنىپ كەتكەن جەسىتىنى قۇچىقىغا ئالغىنىدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ ئايىغىغا كۆزى چۈشكەن.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، داڭلىق قوماندان، تونۇلغان مۇجاھىت مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ شېھىت بولغان ۋاقىت 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى بولۇپ، ئۇ بۇ ۋاقىتتا 26 ياشتا ئىدى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدىكى500 كىشىلىك بارىن مۇجاھىتلىرىغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى جەمئىي 22،454 (يىگىرمە ئىككى مىڭ تۆتيۈز ئەللىك تۆت) قۇراللىق ئەسكەر ۋە ھەربىي خادىم قاتناشتۇرغان. ئۇرۇش 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنى سائەت 15:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا 5 كېچە- كۈندۈز توختاۋسىز داۋاملاشقان.

بۇ ۋاقىتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسى 19 مىڭ نەچچە يۈز ئەتراپىدا ئىدى.

مۇجاھىتلارنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان مەمەت تۇرسۇن 4- ئاينىڭ 10 كۈنى ئاخىرقى ئاز بىر قىسىم ئاتلىق مۇجاھىتلار بىلەن دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن. بۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىغان خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئادىل ئىمىن ئىسىملىك بىر مۇناپىق يول باشلىغان. مەمەت تۇرسۇنلار 3- 4- كۈن جەريانىدا يول بويىچە خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرىدا مەمەت تۇرسۇن مىللى مۇناپىق ئادىل ئىمىننى ئېتىۋەتكەن. مەمەت تۇرسۇن قاتارلىق مۇجاھىتلارنىڭ ھەممىسى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۆز شەرىپى بىلەن شېھىت بولغان.

زەيدىن يۈسۈپ بارىن قوراللىق ئىنقىلابىغا قوماندانلىق قىلىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان تارىخىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپ بىلەن يازدۇردى.

مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ بىر گۈلدۈرمامىلىق چاقماقتەك يېنىپ ئۆچىدۇ. ئەمما، ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە ئوت ياقىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۈمىدسىزلىك، بىخۇتلۇق، خامۇشلۇقتا ياشاۋاتقان خەلقىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا زەيدىن يۈسۈپ تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن- بىر چارىسىنىڭ «قوراللىق ئىنقىلاب» ئىكەنلىكى پىكرىنىڭ ئوت پىلتىسىنى ياققان.

ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش