زەپەر ئابلىز - مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ ‹‹شيېخې›› تېببىي ئىنستىتۇتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئاكادېمىيە – ئىنستىتۇت›› دەپ ئېلىندى) دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور يېتەكچىسى، ‹‹ئاكادېمىيە – ئىنستىتۇت›› ئىلىم – پەن كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دورا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دورا ۋە مېتابولىت ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەبىئىي دورا ئاكتىپ ماددىسى ۋە فۇنكسىيەسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مۇتەخەسسىس، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى

ئوقۇش ھاياتى تەھرىرلەش

1985 – يىلى زەپەر ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتە قالغىنىغا ئىككى يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم ياش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن غوللۇق 15 ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى، زەپەر ئابلىز دەل شۇلارنىڭ قاتارىدا ياپونىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى. 1988 – يىلى زەپەر ئابلىز ياپونىيە توخو ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ياپونىيەگە قايتا ئوقۇش ئۈچۈن باردى ۋە ياپونىيەدە پىروفېسسور ئائوكىغا ئەگىشىپ بىرىكمە خىمىيە تەتقىقاتىغا كىرىشتى. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زەپەر جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە بېيجىڭ ‹‹شيېخې›› تېببىي ئىنستىتۇتى دورا تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ، پىروفېسسور فاڭ چىچېڭغا ئەگىشىپ پوست دوكتورلۇق تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى.

زەپەر ئابلىز تەتقىقات ھاياتىدا، كىچىك مولېكۇلا تەتقىقاتى ئۈچۈن سىجىل ئىزدىنىپ كەلدى. 1985 – يىلى چەت ئەلدە ئوقۇغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىلدا، ئۇ ماسسا سپېكترى ئانالىزى تېخنىكىسى تەتقىقاتىدىن ئايرىلمىدى.

مەنبە تەھرىرلەش

خەلق تورى http://uyghur.people.com.cn/157635/15611027.html