ساباھ ئۇنۋىرىستىتى

ساباھ ئۇنۋىرىستىتى

ساباھ ئۇنۋىرىستىتى 1994 – يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى مالايسىيا پادىشاھىنىڭ تەستىغى بىلەن دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ تەستىقلانغان ھەمدە رەسمى يوسۇندا ساباھ ئۇنۋىرىستىتى قىلىپ ئىلان قىلىنغان. بۇ ئۇنۋىرىستىت مالايسىيادىكى 16 ھۆكىمەت ئىگىلىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ، كەسىپلەرنى يېڭىلاپ، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلدى. ساباھ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئونۋىرسال باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئەڭ دەسلەپتە ساباھ كۇئالالامپۇرغا جايلاشقان بولۇپ كىيىن مالايسىيانىڭ ئەڭ گۈزەل جايى بولغان شەرقى مالايسىيا بۆلىكىگە يۆتكەلگەن. مەكتەپنىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمى 999 ئىنگىلىز موسى كېلىدۇ. مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ خىيالىڭىزدىكى جەننەتنىڭ ئۆزى.

1999- يىلدىن باشلاپ ساباھ ئۇنۋىرىستىتى دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچىلارنى 59 خىل پەن، 1800 خىل دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىشچانلىغى ئىنتايىن ياخشى بولغان دەرسلىكلەردىن جۇغراپىيە، ئۇزۇقلۇق ئىلىمى ئورمانچىلىق ئىلمى، قۇرلۇش ۋە ئىلىكتىرون تېخنىكىسى، سودا، پۇل- مۇئامىلە، پىسخىكا ئىلمى، جەمىيەتشۇناسلىق، دورىگەرلىك، قاتارلىق كەسىپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

بۇ ئۇنۋىرىستىتنىڭ تەسىس قىلىنغان دەرسلىكلىرى ئىنتايىن جانلىق، مەكتەپ ئىچى مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئۈگىنىشىگە ماس كېلىدۇ. ساباھ ئۇنۋىرىستىتى 2003- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدىن ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرگە تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇق قاتارلىق ئۇنۋان بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى يولغا قويدى. ساباھ ئۇنۋىرىستىتى بولسا جۇڭگۇ ھۆكىمىتى مائارىپ مىنىستىرلىگى توردا ئىلان قىلىپ ئىتراپ قىلغان ھۆكىمەت ئىگىلىگىدىكى ئۇنۋىرىستىت بولۇپ جۇڭگۇنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىللىرىنىڭ ساباھ ئۇنۋىرىستىتىنى ئىتىراپ قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشىگە ئىرىشكەن. ساباھ ئۇنۋىرىستىتى بىلەن جۇڭگۇ ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ مىنىستىرلىگىگە ئەنگە ئالدۇرۇلغان، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا ساقلىنىدۇ.

ساباھ ئۇنۋىرىستىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات ۋە ئۈگۈنىشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ھەر قايسى كەسىپلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ئوقۇغۇچىلارنى يۇقرى سوممۇلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە مالىيە جەھەتتىكى يارىدەم بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ ھەمدە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئونۋىرىستىتقا بېرىپ ئۈگىنىش تەجىربىللىرىنى ئالماشتۇرش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

ياتاق مەسىلىسىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىنتايىن ياخشى بولغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياتاقلىرىنىڭ تۈرى ھەر خىل بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ، كومپيۇتىرخانا، چېنىقىش زالى، تەجىربىخانا، قاتارلىق جايلاردىن 24 سائەت ھەقسىز بەھرىمان بولالايدۇ.

ساباھ ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى:

1. ساباھ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئۇنۋىرىستىت›› دىگەن شەرەپلىك نامى بار.

2. ساباھ ئۇنۋىرىستىتى مالىيە جەھەتتە پۈتۈن چىقىمىنى ھۆكىمەت تەمىنلەيدىغان ھۆكىمەت ئىگىلىگىدكى ئالى مەكتەپ بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولغان ئوقۇش پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

3. دىپلۇمى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىتراپ قىلىنىدۇ. ئەنگىلىيە ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى قوللىنىلغان. خەلقارادا ئىتراپ قىلىنىدىغان دىپلۇمغا ئىرشىدۇ.

4. ئىنگىلىز تىلىدىن ياسې ياكى توفۇدىن ئۆتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. رەسمىيەت بېجىرىش شەرتلىرى ئاددى بولۇپ، كىرىم مەنبەسى، ئىقتىسادى كاپالەت قاتارلىق مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ.

5. ئىنتايىن ياخشى بولغان تىل ئۈگىنىش مۇھىتىغا ئىگە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق بولغان ئىنگىلىز تىلىدا دەر ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيەسىنى ناھايىتى تىز ئۆستۈرشىگە يارىدەم قىلىدۇ.

6. ئوقۇش پۇلى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ تولۇق كۇرىسنىڭ ئۈچ يىللىق جەمئى ئوقۇش پۇلى40 ~ 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاسپىرانتلىقنىڭ 1.5~ 2 يىللىق ئوقۇش پۇلى 30 مىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئىنگىلىز تىلى سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كىين، كەسپى دەرسكە چۈشۈپ ئوقۇسا بولىدۇ. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان كەسپى بىلەن بۇرۇن ئۈگەنگەن كەسپىنىڭ بىرخىل بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ساباھ ئۇنۋىرستىتنىڭ دىپلۇمىنى ئالىدۇ ھەمدە مالايسىيادا ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ۋە كۆچمەن بولۇشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.