ساتار

ساتار

تارىخ تەھرىرلەش

رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، تەڭرى ئول ۋاقىتىدا، ئاۋۋال يەتتە قات يەر، يەتتە قات ئاسماننى، ئاندىن دەريا، دېڭىز - ئوكياننى، مالائىكىلەرنى ياراتقان، تۇپراقتىن بىر چىمدىم توپا ئېلىپ ھەزرىتى ئادەمنىڭ ئادەم شەكلىنى ياساپ چىقىپ، جانغا ئەمىر قىلغان؛ خان ئادەمنىڭ تېنىنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن قورقۇپ كىرىشكە ئۇنىمىغانىكەن. شۇ چاغدا تەڭرى مالائىكىلەرگە ساز چېلىشنى ئەمىر قىپتۇ. مالائىكىلەر ھەزرىتى ئادەمنىڭ تىنىگە كىرىپ ساز چېلىپتۇ. قورقۇپ قاچقان جان بىر مەھەل ساز چالغان ئورۇننى ئىزدەپ، ئاران دېگەندە ھەزرىتى ئادەمنىڭ مودىلى ئىچىگە قارار تېپىپتۇ. جان چېلىنىۋاتقان سازنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بۇ مودىلنىڭ ئىچىگە كىرگەنىكەن، تاقاق ئېتىلىپتۇ، ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ، سازمۇ توختاپتۇ، تەڭرى ئەڭ بالدۇر كەلتۈرگەن ساز - ساتار ئىكەن. ھەزرىتى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق مەخلۇقاتنىڭ بولمىغانلىقىغا يالغۇزچىلىق ھېس قىلىپ تەڭرىگە يىغلىغانىكەن، تەڭرى مالائىكىلەرگە چالغان سازنى ئادەمگە تۇتقۇزۇپتۇ. ئادەم ساتارنى چېلىپ كۆڭلىنى خۇش قىپتۇ. كېيىن ئاللا ھەزرىتى ھاۋا ئانىنى يارىتىپتۇ. بۇ زات ناھايىتى چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئادەم ئۇنىڭ ئوت - پىراقىدا بىر مەھەل ساتار چېلىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەزرىتى ھاۋا ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپتۇ ۋە ساتارنى چالغان ئادەمگە يېقىنلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەركۈنى بۇ ئىككىيلەن ساز چېلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بوپتۇ، كېيىن ھەزرىتى ئادەم ساز چېلىپ ئىبادەتتىن توختاپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئاللا ساتارنى پانىي دۇنيادىن باقىي دۇنياغا ئېلىپ كېتىشكە مالائىكىلەرگە ئەمىر قىلغانىكەن. ئول ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلگەندە، تەندىن جان چىقىپ كېتىپ، ئىككىنچىلەپ كىرىشكە جۈرئەت قىلمىغاندا، مالائىكىلەر ساز چالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن جان تەنگە كىرىپ، سوئال - سوراققا تەننى تەييار قىلىدىكەن. رىۋايەتتە دەپتۇلەركى: ئادەم باقىي دۇنيادىن پانىي دۇنياغا ھەيدەلگەندە، سازنى بىللە ئېلىپ چىقىش ھەققىدە تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىدىكەن. تەڭرى ئادەمنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، پانىي دۇنياغا بىللە ئېلىپ چىقىشقا ئىجازەت بېرىدىكەن. شۇ ۋاقىت سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى بولغاچقا، ھەزرىتى ئادەم ساتارنى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ 12 ئاي چالغان، بۇ چاغ سەھەر ۋاقتى بولغاچقا، ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازدىن ئون سەككىزمىڭ ئالەمدىكى ئىنسى - جىنلاردىن تارتىپ جان - جانىۋالارغىچە، ئۇۋىسىدا ياتقان قۇرت قوڭغۇز، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلارغىچە، ھەتتاكى ئاسماندىكى پەرىشتىلەردىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقاتلار ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئېرىپ كېتىپ، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان. ئۇزاق چېلىنغان بۇ سازنىڭ يېقىملىقلىقىدىن بىھوش بولۇپ يېتىپ قالغان، مالائىكىلەرمۇ بىھوش بولۇپ قالغان. شۇ چاغدا ھەممىنىڭ يۈرەكلىرى ئېرىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ساتارنى بىر مەزگىل چېلىشتىن توختاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى بارلىق مەخلۇقاتلار، ئۆسۈملۈك، جان - جانىۋارلارغىچە جىمجىتلىق ئىچىدە قالغانىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئول زاماندا ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىلىپ، يامغۇر شارقىراپ كېتىپتۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىلىدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي بۇلۇتقا مىنىپ ، ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئۇچۇپتۇ. بۇ ۋاقىت سەككىزىنچى ئاي مەزگىلى بولۇپ، بۇ زاتمۇ بىر مەزگىل ئېلىپ كەلگەن ساتارنى سەھەر ۋاقىتىدا چاپتۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل مەخلۇقاتتىن تارتىپ، دەل - دەرەخ، ئۆسۈملۈك، جان - جانىۋارلارغىچە، ھەتتا ئاسماندىكى مالائىكىلەرمۇ بۇ يېقىملىق سازغا سەمە بولۇپ تىڭشاپتۇ. سازنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ئېرىپ كېتىپ، بېھۇش بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلار زىمىندىكى تاغلارغا، دەريا - دېڭىزلارغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇ ۋەجىدىن تاغلاردىكى تاشلارنىڭ بىرقىسمى ئالتۇن ، كۈمۈش، ئېسىل مەدەنلەرگە، دەريا - دېڭىزلارنىڭ ئاستىدىمۇ جانىۋارلارنىڭ بىرقىسىمى ئېسىل نەرسىلەرگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا مالائىكىلەرنىڭ تۆككەن يېشى كۆيۈك تاغقا تېمىپ كەتكەنىكەن، تاشنىڭ بىر قىسمى لەئل - ياقۇتقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئىلگىرىكى كۆيۈك تاغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان كىشلەر قەدىمكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاڭلاپ يەتتىنچى ، سەككىزىنچى ئاي مەزگىلىدە يامغۇر ياققان كۈنلەردە ئېگىز تاغقا چىقىپ، ئېگىز ئۆسكەن دەرەخلەرگە چىقىپ، ھېلىقى بوۋاينىڭ ساز چېلىشىنى كۈتىدىكەن. ساز چالغان بوۋاينى سېغىنىپ، ساما سالىدىكەن. لېكىن، ساز چېلىنماپتۇ. شۇندىن كېيىن، ئۇلار ئورمانلىقتىكى دەل - دەرەخلەرنى كېسىپ، بوۋاي چالغان ساتارغا ئوخشىتىپ ياساپ چالسىمۇ، ئۇنداق يېقىملىق چىقماپتۇ. يەنە ياساشقا كىرىشىپ، پۈتكۈل ئورماننى كېسىپ تۈگىتىپتۇ. ئىلگىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان لەئل تاغ كېيىن ئورمانلار كېسىلىپ تۈگەپ يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ. شەھەرنىڭ پادىشاھلىرى: «كىمدە كىم بوۋاي چالغان سازغا ئوخشىتىپ ياساپ، شۇنىڭغا ئوخشىتىپ يېقىملىق ئاۋاز چىقرالىسا، نۇرغۇنلىغان ئالتۇن - كۆمۈش ئىنئام قىلىدىغان»لىقى ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ كېتىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بېلىقچى بوۋاينڭ ئوغلى ساز ياساش ئۈچۈن، پالتا ئېلىپ ئورمانلىققا كېتەىپ بارسا، ئالدىدىن بىر ئاقساقال بوۋاي چىقىپ: _ ئوغلۇم، قەيەرگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت: _ ساز ياساش ئۈچۈن ئورمان كەسكىلى ماڭدىم، - دەپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ: _ ئوغلۇم، بۇشەھەردىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئادەملەر ساتار ياسايمىز دەپ، جاڭگالدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تۈگەتتى. ئوغلۇم، مان ساڭا ئېيتايكى، ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى ساتار بولىدىغان دەرەخنى كېسىپ ياساپ باقساڭمۇ ھەرگىز چالغۇ بولماس. سەن ساز چېلىشقا ئىشتىياق باغلاپسەن، سازنىمۇ ئىشتىياق تۇتقاندا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ساڭا ئېيتىپ بېرەي، ئوغلۇم، ھېلىقى بوۋاي چالغان ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن باشقا دەرەخلەر ئۇخلاپ قالغان. سازنىڭ ئاۋازىغا يېرىم - يارتا سەمە بولالىغان بىرلا ئۈجمە دەرىخى بار، ئۇ سازنى باشتىن - ئاخىر ئاڭلىغاچقا، ساتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۈجىمىنىڭ تېنىگە يېرىم - يارتا سىڭىپ كەتكەن. باشقا دەرەخلەر تېنىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ساتارنى ئۈجمە دەرىخىدىن ياساش بەخشەندە قىلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاۋازى جەننەتتىكى ھۆر - غىلمانلار، جانىۋارلارنىڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئۇچقۇندىسىدۇر. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇ ئون ئىككى ئاي ئىچىدە چىقىدىغان پۈتكۈل ئاۋازنى ئون ئىككى خىلغا بۆلۈپ چالىدۇ. تەڭرى ئون ئىككى خىل ئاۋازدىن باشقا ئاۋازنى زىمىنغا چۈشۈرمەيدۇ. بىلىپ قويغىنكى، ساتارنىڭ ئاۋازى جاھاندىكى ئەڭ قاتتىق نەرسىلەرنى ئېرىتەلەيدۇ. كىشىلەرنى خۇش قىلالايدۇ ھەم يىغلىتالايدۇ. ساتار بولسا ئول ئادەمنىڭ شەكلىدۇر. يۈرەكنىڭ چوڭ تۇمۇرى 32دۇر، ئادەملەر ئۇنى چالسا، يۈرەكتىكى دەرد - ئەلەم، قايغۇ - ھەسرەت، خۇشاللىق ئەنە شۇ 32 تومۇر ئارقىلىق ئېتىلىپ چىقىپ، 32 قۇلاققا مەركەزلەشكەندۇر. بۇ ئاۋاز دۇنيادا ئەڭ غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىممۇ توسالماس، ئۇ ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئاقماس، بازغاندا ئۇرسىمۇ ئېزىلمەس ھەم ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ كۈچى يەتمەس، چۈنكى، ئۇنىڭغا يۈرەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەجرى سىڭگەندۇر. ئادەملەر ھاۋالىق، باغۇ بوستانلىقتا يايرىغانغا ئوخشاش، جاننىڭمۇ راھەتلىنىدىغان باغۇ بوستاندۇر. ساتار چېلىنسا، تىلسىز، تىللىقلارنىڭ جېنى يايرايدۇ. لېكىن، ئۈجمە شۇ چاغدا چېلىنغان سازنى يېرىم - يارتا ئاڭلاپ قالغاچقا، ئادەم شەكلىدە ساتارنى ياساش شۇنىڭدىن بەخشەندە بولۇپ قالغاندۇر، -دەپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يىگىت قايتىپ كېلىپ، ئۈجمە دەرىخىنى كېسىپ، ئادەم شەكلىدە ساتار ياساپ، 32 قۇلاق ۋە يۈرەك تارىسىنى بېكىتىپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ چالغانىكەن، خۇددى تاغ ئۈستىدە بوۋاي چالغان ساتارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش چىققاچقا، پادىشاھ بۇ يىگىتكە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن - كۈمۈش ئىنئام قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سازەندىلەر ئۈجمە دەرىخىدىن ساتار ياساپ سېتىشنى ئۆگىنىۋالغانىكەن[1]


قۇرۇلما تەھرىرلەش

ساتار — كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتارغا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 12 دانە تارىسى بولىدۇ، ساپ قىسمىغا 18 پەدە ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) ‹‹سەرتار›› بولۇپ، ‹‹باشلامچى چالغۇ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ[2]


چالماق تەھرىرلەش

ساتارنى ياساش تەمبۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە ‹‹T›› شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا 12 دانە ئايرىم-ئايرىم ھەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ھەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ھەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.[3]


چالغۇچى تەھرىرلەش

ئىش تەھرىرلەش

قاراڭ تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. http://www.bilqut.com/madiniytimiz/show.php?itemid=780
  2. "Archive copy". Archived from the original on 2011-10-26. Retrieved 2011-12-22.CS1 maint: archived copy as title (link)
  3. "Archive copy". Archived from the original on 2011-10-26. Retrieved 2011-12-22.CS1 maint: archived copy as title (link)