ساختا بايراق (ئېنگلىزچە: False flag، فولىس فىلەگ) باشقىلارغا قارا سۈركەش ۋە ئىش-ھەركەتنىڭ ئەسلى ئىجراچسنى يوشۇرۇش ، باشقىلارنى مەقستەلىك لېكىن ئورۇنسىز ھالدا ئەيىبلەش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەلىك ھەرىكەت ياكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب تېپىش مەقستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىش-ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە دۆلەتلەر ئارا ماجىرا ياكى ئۇرۇشتا، ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتكە باسقۇنچىلىق ئۇرۇشىغان سەۋەپ تېپىش ئۈچۈن، قەستەن ئادەم ياللاپ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدۇرۇش ۋە شۇنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىش مەقىستىگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەركەتلەرنى كۆرستىدۇ. مەسلەن ياپونيەنيە كانتون ئارمىيەسنىڭ جوڭگو شەرق شىمالىدا ئېلىپ بارغان لۇگۇچىياۋ ۋەقەسى ۋە شۇنى باھانە قىلىپ جوڭگوغا باسقۇنچىلىق\تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشى، روسىيەنىڭ ئادەم ياللاپ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئۇكرائىنانى ئەيىبلەپ، شۇنى باھانە قىلىپ ئۇكرائىناغا باسقۇنچىلىق\تاجاۋۇز قىلىشى دەل ساختا بايراق ھەركىتىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.