ساددا پەلسەپىۋى قاراش

ساددا پەلسەپىۋى قاراش


باشقا مىللەت خەلقىنىڭ ئەجداتلىرىغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ئەڭ قەدىمكى دەۋردە كۈن، يەر، سۇ، ئوت، ھاۋا قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇناتتى، ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېتىقاد ئاساسىد تەبىئەتتە يۈز بېرىدىغان ھەرخىل ھادىسىلەرگە قاراپ يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشنىڭ ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ھاۋا . . . ۋە يورۇقلۇق - قاراڭغۇلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەدىرىجىي ھېس قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق (يەر) دىن يارالغان (بۇ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ <تۆت زات قارشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن تونۇشقا كەلگەن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بەزى قەۋملار ئىچىدە دۇنيانىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەردە <بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئالەمنى قاراڭغۇ ئىس - تۈتەك قاپلىغانىكەن، كېيىن ئۇزاق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەر بىلەن ئاسمان ئاستا - ئاستا چوڭىيىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۈن بىلەن ئاي تۇغۇلۇپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن قاراڭغۇ بىلەن يورۇقلۇق ئايرىلىپ، ئادەمزات، جان - جانىۋارنىڭ تىرىكچىلىكى پەيدا بولغان ئىكەن> دەپ ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر ۋە ئەقىدىلەرگىمۇ شۇ قاراشنىڭ روھى سىڭگەن. ئۇ ئەپسانە - رىۋايەتلەردا ئادەمزاتنىڭ ئادەم ئاتام بىلەن ھاۋا ئانامدىن تۆرەلگەنلىكى، ئادەم ئاتىنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقى؛ ھاۋا ئانىنىڭ ئادەم ئاتىغا جەننەتتە جور بولغانلىقى ۋە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا باغلىنىشلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمەسلىك، يۈزىنى يۇماي كۈنگە قارىماسلىق، كۈنگە، ئايغا قاراپ تەرەت قىلماسلىق، ئاي يېڭى تۇغۇلغان كۈنى ئىچىدە <

كېلەر مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنگىچە ئامان - ئېسە ن قىلغايسەن> دەپ ئايغا قاراپ دۇئا قىلىش، ئاسماندا يۇلتۇز كۆچكەننى كۆرگەندە ئىچىدە <ئۆلۈمدىن خەۋىرىم بار، دوزاختىن قورقۇنچۇم بار> دەپ يەرگە قارىۋېلىش؛ كىندىك قېنى تۆكۈلۈپ ئۆسكەن يېرىنى <ئانا يۇرت>، <ئانا ۋەتەن> دەپ ئاتاش، يەرنى پاك بىلىپ مېيىتنى يەرگە كۆمۈش قاتارلىق ئادەتلەرگە ئاشۇ ئاسماننى، تۇپراق (يەر)نى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى سىڭگەن. 

ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆت زات قارشىنى ئۇلارنىڭ كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بەلگىلىك بىر ۋاقىتتا <تۇغۇلۇپ>، <مېڭىپ>، <پېتىش> تەڭ بۇرجلۇق ھەرىكەت ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھاۋارايى، جۈملىدىن يەر يۈزىدىكى مەۋجۇداتلارغا بولغان تەسىرىگە قارىتا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىنىڭ يەكۈنى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ يەتتە يۇلتۇز، ئون ئىككى بۇرجقا باغلاپ، ئۇلارنىڭ خاسىيىتىنى بىر - بىرلەپ تەرىپلەپ مۇنداق ئىلمىي يەكۈن چىقارغان. 

143 ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۈچى بولدى ئوت. 

ئۈچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت. 

(<قۇتادغۇبىلىك> بەشىنچى بابقا قاراڭ) بۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە تۇرمۇش ھەققىدىكى ئوي - چۈشەنچىلىرى ماقال - تەمسىللەردىمۇ يەكۈنلەنگەن، <ئىشلىگەن چىشلەيدۇ>، <بەخىت نەدە، پېشانەڭدىكى تەردە> ئەنە شۇنداق ئوي - چۈشەنچە يەكۈنلەنگەن ماقاللاردىن. ئۇ تەقدىر ئىلاھلىقنى يادرو قىلغان ئىسلامىيەت پەلسەپىسىگە قارشى قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانى ئەمگەك ياراتقانلىقى، ئادەمنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ساددا ماتېرىيالىستىك چۈشەنچە گەۋدىلەنگەن.