ساراڭلىقنىڭ تارىخى

بىز ساراڭلىقنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ياۋرۇپا تارىخىدا ساراڭلىق قانداق چۈشىنىلەتتى؟ قانۇن، سىياسەت، پەلسەپە، مەدەنىيەت قاتارلىقلاردا ساراڭلىققا قانداق پوزىتسىيە توتۇلغان ئىدى؟

ياۋرۇپانىڭ ساراڭلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسى مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى: ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، كىلاسسىك ۋاقىت ۋە زامانىۋى دەۋر.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە، سەنئەت ساھەسدە ساراڭلىق پەقەت چەكلىك ئەقىلگە ياكى دۇنيا ھەققىدە چەكلىك بىلىمگە ئىگە بولغانلىق، دەپ چۈشىنىلەتتى. ئەدەبىياتتا بولسا، ساراڭلىق ھەقىقىي ئىنسان بىلەن ئىنسانلارنىڭ ياسالما ھالى ئوتتۇرىسدىكى پەرقنى ئېچىپ بەرگۈچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنەتتى.

ئەمما، كىلاسسىك دەۋر، يەنى مەرىپەتچىلىك زامانىدا، ساراڭلىق يەكلىنىشكە ئۇچراشقا باشلىدى. چۈنكى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ئەقىلگە ئىتىبار بەرگەن بولۇپ، ئەقلىگە سىقمايدىغان ھەرقانداق نەرسە چەتكە قېقىلاتتى. ھەتتا، دىنمۇ بۇ دەۋردە ئەقىلچىلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ چىقىلغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، ساراڭلار بۇ دەۋردە يىغىۋېلىندى. مەقسەت ساراڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى توغرىلاشقا ياردەم بىرىش ئىدى.

زامانىۋى دەۋردە ساراڭلار پەقەت يىغىۋېلىنىپلا قالماستىن، بەلكى كونترول ئاستىغا ئېلىندى. ساراڭلارنى كونترول قىلىشتىكى مەقسەت ساراڭلارنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ، ساراڭلارنى نورمال ئەقىللىق ئادەملەردەك قىلغىلى بۇلىدۇ، دىگەن ئىدىيەنى يىتەكچى قىلغان ئىدى. چۈنكى، بۇ دەۋردە ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغان ئىدى. ئىنسان مىڭىسى ۋە نىرۋا ھەققىدە بەلگىلىك ئۇچۇرلار توپلانغان ئىدى. زامانىۋى دەۋردە ساراڭلىق ئەقىل بىلەن سىغىشالمايتتى. زامانىۋى دەۋردە ئەقىل ئولۇغلانغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، ساراڭلىق ئەقلىنىڭ دۈشمىنى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىندى. زامانىۋى دەۋر كىشىلىرى ساراڭلارنى داۋالاش ئارقىلىق ئۇلارنى ”ئەقىللىق“ ئىنسان قىلىپ قايتا يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلايتتى.

كۈنىمىزدە بولسا، ساراڭلارنى نوقۇل داۋالاشتىن ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئىلمىي ئوسۇلدا مۇئامىلە قىلىش ئاساس ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. يۇقارقى قاراشلار داڭلىق پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناس مىشېل فۇكاۋ(Michel Foucault)نىڭ ”ساراڭلىقنىڭ تارىخى“( History of Madness) ناملىق كىتابىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئىدى.