<<سارت>> توغرىسىدا

قازاقلار تۇركىستان(قازاقستاندا)ننىڭ شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپىدىكى ئولتۇراقلاشقان تۇرىك نەسىللىرىنى ھەم تۇرىكچە سوزلەپ تۇرىكلىشىپ كەتكەن تاجىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سارت دەپ ئاتىغان. بۇ سارت دىگەن ئوز ئالدىغا بىىر ئەل ەمەس ياكى بىر ئاتىنىڭ ئىسمى ئەمەس. بۇ سارت دىگەن ئۇقۇم 1070 -يىللاردا قەشقەردە يىزىلغان ئەڭ كونا شەئجىرە << قۇتاتقۇ بىلىك>>تە دىيىلگەن. بۇ سارت دىگەن ئۇقۇم <<ياكسارت>>دىگەن سۇزدەن چىققان. .ئۇ سىر دەريانىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى ئىسمى. شۇ جايغا بيرىپ ئولتۇراقلاشقان ئەل سارت دەپ ئاتىلىدۇ. <،ئوزبەك سارت>>- ئوزبەك، تاتار، قارا قالپەقلار(قازاق ئاتالغاندىن كىيىن ئايرىلىپ چىققان) سىر دەرياغا بىرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كىيىن بۇرۇنقى <<سارت>>لار بىلەن بىللە ئۇلارمۇ سارتلار دىيىلگەن. يەنە قۇراما دىگەن قەبىلە بار<< ئاق تاپان شۇبىرىندى>>يىللىرىدا، قازاقلارغا ئەگىشالماي قىپ قالغان كەمبەغەللار يەنە كەرەۋچى، شات، رۋخىيا، بۇقا، مۇرئاتالى، كەرەيت، بايسۇ، قارا قىتاي، قالايبار، پانغار قاتارلىق قەبىلىلەر سارتلارغا قوشۇلۇپ تىرىقشىلىق بىلەن شۇغىللانغان. قۇراما نىڭ ئىچىدە تاما، ئالچىن، جاغالبايلى، قانجىغالى، كىرەي ئۇيسۇن ھەممەسىدە بار . كىيىن ئاستا- ئاستا ئولتۇراقلىشىپ تىرىقچىلىق بىلەن شۇغىللىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سارتلار دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.


ئىزاھات:<< قازاق شەجەرىسى>> دىن