ساقلىغۇچ: ساقلىغۇچ ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچنى كورسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئەستە ساقلاش بۆلىكى بولۇپ، ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلايدۇ. ساقلاش سىغىمى ساقلىغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ساقلاش سىغىمى قانچە چوڭ بولسا ساقلىغىلى بولىدىغان ئۇچۇرمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئادەتتە ساقلاش سىغىمىنىڭ بىرلىكى بايت (byte) بولۇپ، 1024 بايت 1 كىلوبايت (1Kb)، 1024 كىلوبايت 1 مېگابايت (1Mb)، 1024 مېگابايت 1 گىگابايت (1Gb) بولىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ يەنە ROM (Read Only Memory ئوقۇشقىلا بولىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ) ۋە RAM (Random Access Memory ئوقۇش- يېزىشقا بولىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ROM دىكى ئۇچۇرنى ئوقۇغىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. RAM دىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغىلى ھەم قايتىدىن يازغىلى بولىدۇ، بىراق توك ئۈزۈلۈش بىلەنلا ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق ئۇچۇرلار يوقىلىدۇ. شۇڭلاشقا كومپيۇتېرغا ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇر ساقلىغىلى بولىدىغان سىرتقى ساقلىغۇچ سەپلىنىدۇ. RAM نىڭ سىغىمچانلىقى چوڭراق بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن، ئىچكى ساقلىغۇچ دىگەندە كۆپىنچە RAM كۆزدە تۇتۇلىدۇ.