سالغا ئېتىش ئويۇنى

سالغا ئېتىش ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇزۇن ۋاقىت تەكرار مەشىق قىلىش ئارقىلىق چالمىنى يىراق ئارىلىققا ئاتقىلى، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چەنلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە، قول كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، بۇ ئويۇننىڭ پايدىسى كۆپ. سالغا ئېتىش پائالىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئوۋ قىلىش، يىراقتىكى رەقىبلەرگە زەربە بېرىش، چارۋا مال باققۇچىلار ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ يىراققا كەتكەن چارۋا - ماللارنى سالغا ئېتىش ئارقىلىق قايتۇرۇشتىن، كېيىنچە بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.  سالغا ئېتىش ئۇسۇلى بىر قانچە خىل بولىدۇ: بىر خىلى: ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردەك، توملۇقى چوكىدىن ئىنچىكىرەك بولغان پىششىق تانا يىپنىڭ بىر ئۇچىغا چالما ياكى تاش تۇرغۇدەك سالغا كۆزى ياساپ، تانا يىپىنى ئايلاندۇرۇپ سالغا ئېتىش. يەنە بىر خىلى: ئۇزۇنلۇقى 70 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى تاياقنىڭ بىر ئۇچىنى يېرىپ، يېرىلغان ئۇچىنىڭ 15.0 مېتىر يېرىدىن مەھكەم باغلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن يېرىق ئىچىگە تۇخۇمدەك چالما ياكى تاشنى قىستۇرۇپ، تاياقنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن تۇتۇپ كۈچەپ سىلكىپ، سالغا ئېتىلىدۇ. سالغا ئېتىشتا مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ: 1. سالغا كۆزىگە ياكى تاياقنىڭ يېرىلغان يېرىگە چالمىنى ياكى تاشنى تۇرغۇزۇپ، بىر قول بىلەن تانا يىپنى ئايلاندۇرۇپ ياكى تاياقنى قاتتىق سىلكىپ، سالغىنى يىراققا ئېتىشتا مۇسابىقىلىشىدۇ. 2. مەلۇم بىر نەرسىنى نىشان قىلىپ، ئۇنى چەنلىشىشتە مۇسابىقىلىشىدۇ. بىرىنچى خىل مۇسابىقىدە چالمىنى ئەڭ يىراققا ئاتقىنى، ئىككىنچى خىل مۇسابىقىدە نىشانغا تەگكۈزگىنى ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەتتە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئادەمسىز كەڭ جايلاردا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل چالما ئېتىشتا ماھىر سالغا ئاتقۇچىلار بىر - ئىككى كىلومېتىردىن ئۇزۇن ئارىلىقلارغا يەتكۈزەلەيدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى". Archived from the original on 2021-11-27. Retrieved 2021-08-08.