سان ئۇقۇمى

مەلۇمكى، سان كەڭ مەنىدە تۈپ سان ۋە مۇرەككەپ سان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىنسانلار ئەجدادىدا ئەڭ ئالدى بىلەن تۈپ سان ئۇقۇمى، ئىككىنچى قەدەمدە مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى مەيدانغا كەلگەن. ئەمما بۇ جەرياننىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەممە يەر ۋە بارلىق قومىلاردا بىردەك بولمىغان. 

تارىخىي يادنامىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلىرىمىزدا Ⅴئەسىرلەردىن بۇرۇنلا مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلغان، خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمى ئومۇملاشقان، تەقۋىم قوللىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئەجدادلىرىمىزدىكى خاسىيەتلىك سان ئۇقۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي تۈپ سان ئۇقۇمىنى ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئاڭ - ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز تاق سان <توققۇز> خاسىيەتلىك سان سانىلىپ كەلگەن. بۇ چۈشەنچە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم مەنبەسى بويىچە ئىپتىدائىي ئېتىقادىدىن كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئېتىقادى بويىچە كۆك (ئاسمان)، زېمىن، كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە چوڭ يۇلتۇز يەنى پلانېت ئەڭ چوڭ ئىلاھلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي تۈپ سان ئۇقۇمى ئەنە شۇ ئېتىقاد ئاساسىدا شەكىللىنىپ <توققۇز> ئەڭ چوڭ سان ھېسابلانغان. ئىنسانلار ئەجدادى، جۈملىدىن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ شەيئىلەرنى بارماقلىرى بىلەن ساناشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا تەدىرىجىي <ئون> لۇق سان ئۇقۇمى كېلىپ چىققان. بۇ ئۇقۇم ئۇزۇن بىر مۇددەت ئەڭ چوڭ سان دەپ قارىلىپ كەلگەن. كېيىن مەيدانغا كەلگەن مۇرەككەپ سان ئۇقۇمىنى تۈپ سان تەرتىپى بويىچە ئىپادىلەش ئادىتى شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن. مەسىلەن، <ئون> - بىرئون، <يىگىرمە> - ئىككى ئون، <ئوتتۇز> - ئۈچ ئون قاتارلىق. مۇشۇنداق ساناش ئادىتى Ⅹ ئەسىرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇرەككەپ سان بىرلىكلىرىنى <ئون>، <يىگىرمە>، <قىرىق>، <ئاتمىش>، <توقسان>، <يۈز>، <مىڭ>، <تۈمەن> (ئون مىڭ) دەپ ئاتايدىغان بولغان. كېيىنكى ۋەۋرلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە چوڭ سانلار <ئون تۈمەن> (يۈزمىڭ)، <يۈز تۈمەن> (بىر مىليون)، <مىڭ تۈمەن> (بىر مىليارد) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ھازىرقى <مىليون>، <مىليارد> سۆزلىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن ئۆزلەشكەن. 

ھېكايە - چۆچەكلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئەجدادلىرىمىزدا ئەڭ چوڭ سان <لەك>، <كۆتەك> دەپمۇ ئىپادىلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. <لەك>، <كۆتەك> ھېكايىلەردە ئەسكەر سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىتىلغان، بۇنىڭغا ئاساسەن <لەك> نى <بىرتوپ> قا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشكە بولىدۇ. <كۆتەك> ئۇقۇمىدىن قارىغاندا، ئاتنىڭ دەسسەپ ئۆتۈشى بىلەن بىر كۆتەكنىڭ ئۈزۈلۈشى ئەڭ چوڭ سان بىرلىكى قىلىنىپ <بىر كۆتەك> دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. روشەنكى بۇنىڭدىن ھازىرقىدەك <ھەددى ھېسابسىز> دېگەن ئۇقۇم ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان چۈشەنچىسى دەرىجىسىنىڭ شۇ قەدەر مۇبالىغە قىلىش سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.