«سكادا مۇكاپاتى» (Cikadapriset) ياكى «سكادا (تومۇزغا) مۇكاپاتى» شەرقىي ئاسىيا شائىرلىرى ئۈچۈن شىۋىتسىيە ئەدەبىيات مۇكاپاتى. ئۇ 2004-يىلى شىۋىتسىيە نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى خاررىي مارتىنسوننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان.

شىۋېتسىيەنىڭ ئاسىيالىق شائىرلار، جۈملىدىن شېئىرلىرىدا «ھاياتلىقنىڭ دەخلى-تەرۈزسىزلىكىنى قوغدىغان» شائىرلار ئۈچۈن تەسىس قىلغان 2024-يىللىق «سكادا (تومۇزغا) مۇكاپاتى» نىڭ ئۇيغۇر شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلگەنلىكى ئىلان قىلىندى.

«سكادا مۇكاپاتى» (Cikadapriset) جەمئىيىتىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مۇكاپات «شېئىرلىرىدا شەخسى ھاياتى ۋە سىياسىي تارىخنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرگەن، غايىب بولۇشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئاۋازى ھەم تىلىنى نامايان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يوقىتىش، مۇھەببەت، ئۈمىد ۋە ھاياتلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال تېمىلىرىنىڭ كارتىسىنى سىزىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» ئۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەن.

بۇ مۇكاپات تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىملىرى ۋە سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.


مەنبەلەر

تەھرىرلەش