سودىيىلەر قانۇنى

سودىيىلەر قانۇنى


(1995 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22 - يىغىنىنىڭ <)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى( غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1 - باب ئومۇمىي قائىدە 1 - ماددا بۇ قانۇن سودىيىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. سودىيىلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزشكە ۋە سودىيىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا، ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2 - ماددا سودىيىلەر دۆلەتنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدىغان سوتچى خادىملار، ئۇلار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلىرى ۋە ياردەمچى سوتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3 - ماددا سودىيىلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ساداقەتلىك بىلەن ئىجرا قىلىشى، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شەرت. 4 - ماددا سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 2 - باب مەسئۇلىيەت 5 - ماددا سودىيىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى: (1) دېلونى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوتقا قاتنىشىپ سوت قىلىش ياكى مۇستەقىل سوت قىلىش؛ (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش. 6 - ماددا مەھكىمە باشلىقى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك. 3 - باب مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق 7 - ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: (1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىش؛ (2) دېلونى سوت قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، دېلونى ئادىل بېجىرىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزماسلىق؛ (3) دەۋا ئىشتراكچىلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش؛ (4) دۆلەت، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش؛ (5) پاك - دىيانەتلىك بولۇش، خىزمىتىگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىش؛ (6) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سوت خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلاش؛ (7) قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش. 8 - ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە؛ (1) سودىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت شارائىتى؛ (2) دېلونى قانۇن بويىچە سوت قىلغاندا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىماسلىق؛ (3) قانۇندا بەلگىلەنمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەتتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلماسلىق، ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلمەسلىك، خىزمىتىدىن بوشىتىلماسلىق ياكى چارە كۆرەلمەسلىك؛ (4) ئەمگەك ھەققى ئېلىش، سۇغۇرتا پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛ (5) جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تۇرار جاي بىخەتەرلىكى قانۇن بىلەن قوغدىلىش؛ (6) تەربىيە ئېلىش؛ (7) ئەرز ياكى شىكايەت قىلىش؛ (8) ئىستېپا بېرىش. 4 - باب سودىيىلەرنىڭ شەرتى 9 - ماددا سودىيە بولغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛ (2) 23ياشقا توشقان بولۇش؛ (3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛ (4) سىياسىي، كەسپىي ساپاسى ياخشى بولۇش ۋە پەزىلەتلىك بولۇش؛ (5) تېنى ساغلام بولۇش؛ (6) ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇش ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇندىن باشقا كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، قانۇن كەسپىي بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولۇش، ئۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىل توشقان بولۇش؛ قانۇن كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ياكى قانۇندىن باشقا كەسىپ بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولسىمۇ، قانۇن كەسپىي بىلىمى بولۇش، قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر يىل توشقان بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى بولغۇچىلارنىڭ قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولۇش. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى سوت قىلغۇچى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغانلار تەربىيە ئېلىشى لازىم، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىدۇ. 1 - تارماقنىڭ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا قويۇلغان شەرتلەرنى تەتبىقلاش ھەقىقەتەن قىيىن بولىدىغان جايلاردا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، سودىيە بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قويۇلغان شەرتنى مەلۇم مەزگىلگىچە ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپىنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بولۇش دەپ تۇرسا بولىدۇ. 10 - ماددا تۆۋەندىكى كىشىلەر سودىيە بولسا بولمايدۇ: (1) جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛ (2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر. 5 - باب ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش 11 - ماددا سودىيىلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە رەسمىيىتى بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن مەھكىمىە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمىە باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ۋىلايەتلەر بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومتېتلىرى مودىرلار يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن ئىسىملىككە ئاساسەن بېكىتىدۇ، مۇئاۋىن مەھكىمىە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا تەسىس قىلىنغان يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ياردەمچى سوتچىلىرىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ. ھەربىي سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتى ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى ۋە سوتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 12 - ماددا سودىيىلىككە تۇنجى قېتىم تەيىنلەشتە قاتتىق سىناش چارىسى قوللىنىپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن ھەمدە سودىيىلەرنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقىغا سودىيىلەردىن ياكى سودىيىلەر شەرتىنى ھازىرلىغان باشقا خادىملاردىن ياخشىلىرى تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ. 13 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن سودىيىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانۇن بويىچە تەكلىپ بېرىلىدۇ. (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانلار؛ (2) شۇ سوت مەھكىمىسىدىن يۆتكىلىپ كەتكەنلەر؛ (3) ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەسلىي ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قېلىش ھاجەتسىز بولغانلار؛ (4) سىناشتا لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛ (5) سالامەتلىكى يار بەرمەي، ۋەزىپىسىنى ئۇزاققىچە ئادا قىلالمىغانلار؛ (6) پېنسىيىگە چىققانلار؛ (7) ئىستېپا بەرگەن ياكى خىزمەتتىن بوشىتىلغانلار؛ (8) ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىشقا بولمايدىغانلار. 14 - ماددا سودىيىلەر مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپ ھالدا تەيىنلىگەن بولسا، بايقالغان ھامان شۇ تەيىنلەش قارارىنى چىقارغان ئورگان تەيىنلەش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقاپ قالسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ تەيىنلەش قارارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شۇ تەيىنلەش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك. 15 - ماددا سودىيىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە، مەمۇرىي ئورگانلار، تەپتىش ئورگانلىرى، كارخانا ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە، قوشۇمچە ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 6 - باب ۋەزىپىگە قويۇشتا چەتلىتىش 16 - ماددا سودىيىلەردىن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتى، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ۋە يېقىن قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ: (1) ئوخشاش بىر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوت ھەيئىتى ئەزاسى، كوللېگىيە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىقى؛ (2) ئوخشاش بىر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچى ۋە ياردەمچى سوتچىلىقى؛ (3) ئوخشاش بىر سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچى ۋە ياردەمچى سوتچىلىقى؛ (4) يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى دەرىجىلىك قوشنا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىقى. 17 - ماددا سودىيىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئىككى يىلغىچە ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بىلەن دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. سودىيىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن سوت مەھكىمىسى بېجىرىدىغان دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. سودىيىلەرنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى شۇ سودىيە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سوت مەھكىمىسى بېجىرىدىغان دېلولاردا دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 7 - باب سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسى 18 - ماددا سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسى 12 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئالىي باش سودىيە بولىدۇ. 2 - دەرىجىدىن 12 - دەرىجىگىچە بولغان سودىيىلەر باش سودىيە، يۇقىرى سودىيە ۋە سودىيە دەپ ئايرىلىدۇ. 19 - ماددا سودىيىلەرنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشتە ئۇلارنىڭ ئۆتەۋاتقان ۋەزىپىسى، ئەخلاقى، قابىلىيىتى، كەسپىي سەۋىيىسى، سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە خىزمەت ستاژى ئاساس قىلىنىدۇ. 20 - ماددا سودىيىلەرنىڭ دەرىجە شتاتىنى، دەرىجىسىنى باھالاش ۋە ئۆستۈرۈش چارىسىنى دۆلەت ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 8 - باب سىناش 21 - ماددا سودىيىلەرنى سىناشنى يولغا قويۇشقا ئۇلار ئۆزى ئىشلەيدىغان خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. 22 - ماددا سودىيىلەرنى سىناشتا، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، رەھبەرلىك بىلەن ئاممىنى بىرلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى سىناش بىلەن يىللىق سىناشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 23 - ماددا سودىيىلەرنىڭ سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى، ئىدىيۋى ئەخلاقى، سوت كەسپىي سەۋىيىسى ۋە قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيە سەۋىيىسى، خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە سوت قىلىش ئىستىلى سىناش مەزمۇنى قىلىنىدۇ. سوت خىزمىتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى سىناشتا مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. 24 - ماددا يىللىق سىناش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. سىناش نەتىجىسى سودىيىلەرنى مۇكاپاتلاش - جازالاش، يېتىشتۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن بوشىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى، مائاشىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. 25 - ماددا سىناش نەتىجىسى شۇ كىشىگە يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇلىدۇ. سىناش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلار قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 9 - باب يېتىشتۈرۈش 26 - ماددا سودىيىلەر نەزەرىيە ۋە كەسپىي جەھەتتە پىلانلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ. سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئېھتىياجىغا قاراپ ئوقۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. 27 - ماددا دۆلەتنىڭ سودىيىلەر مەكتەپلىرى ۋە سودىيىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان باشقا ئاپپاراتلىرى سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. 28 - ماددا سودىيىلەرنىڭ يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باھالىنىش ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئاساسى قىلىنىدۇ. 10 - باب مۇكاپاتلاش 29 - ماددا سودىيىلەردىن سوت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقانلار ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش - پائالىيىتى بولغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ. سودىيىلەر مۇكاپاتلاشتا، مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. 30 - ماددا تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەن سودىيىلەر مۇكاپاتلىنىدۇ: (1) دېلونى قاراپ چىقىشتا قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار: (2) سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتە، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇپ، سوت خىزمىتىدە يېتەكچى رول ئوينىغانلار؛ (3) سوت خىزمىتى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلار؛ (4) دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنى زور زىياندىن ساقلاپ قېلىشتا ئىش - پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك بولغانلار؛ (5) قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئىش - پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك بولغانلار؛ (6) بەرگەن ئەدلىيىلىك تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان ياكى قانۇنچىلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق كېلىشتۈرۈش ھەيئىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛ (7) دۆلەت مەخپىيىتىنى ۋە سوت خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقانلار؛ (8) باشقا تۆھپە ياراتقانلار. 31 - ماددا مۇكاپاتلاش مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ:تەقدىرلەش، ئۈچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىش، شەرەپلىك نام بېرىش. مۇكاپاتلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. 11 - باب جازالاش 32 - ماددا سودىيىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: (1) دۆلەتنىڭ شان - شۆھرىتىگە نۇقسان يېتىدىغان گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىش، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش، دۆلەتكە قارشى چىقىش مەقسەت قىلىنغان يىغىن ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش ۋە كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش، ئىش تاشلاشقا قاتنىشىش؛ (2) خىيانەتچىلىك - پارىخورلۇق قىلىش؛ (3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش؛ (4) قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش؛ (5) دەلىل - ئىسپاتلارنى يۇشۇرۇش ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛ (6) دۆلەت مەخپىيىتى ياكى سوت خىزمىتى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش؛ (7) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش؛ (8) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خاتا دېلو پەيدا قىلىش ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش؛ (9) دېلونى بېجىرىشنى كەينىگە سۆرەپ، خىزمەتنى ئاقسىتىش؛ (10) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش؛ (11) پايدا تاپىدىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛ (12) دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشۈش، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بېرىش، سوۋغىتىنى ئېلىش؛ (13) قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش. 33 - ماددا سودىيىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 32 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 34 - ماددا چارە مۇنۇلارغا ئايرىلىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش. ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغانلارنىڭ مائاشى ۋە دەرىجىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۈشۈرۈلىدۇ. 35 - ماددا چارە كۆرۈش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. 12 - باب مائاش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق 36 - ماددا دۆلەت سودىيىلەرنىڭ مائاش تۈزۈمى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى سوت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. 37 - ماددا سودىيىلەرنىڭ مائاشىنى قەرەللىك ئۆستۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سىناشتا مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك دەپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ؛ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلارنىڭ مائاشى بەلگىلىمە بويىچە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ. 38 - ماددا سودىيىلەر دۆلەت بەلگىلىگەن سوت خىزمىتى قوشۇمچە ياردەم پۇلى رايون قوشۇمچە ياردەم پۇلى، باشقا قوشۇمچە ياردەم پۇل، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 13 - باب ئىستېپا بېرىش ۋە خىزمەتتىن بوشىتىش 39 - ماددا سودىيىلەر ئىستېپا سورىسا، ئۆزى يازما ئىلتىماس سۇنۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. 40 - ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ: (1) يىللىق سىناشتا ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتسىز دەپ بېكىتىلگەنلەر؛ (2) ھازىرقى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسىمۇ ئۇنىمىغانلار؛ (3) سوت ئاپپاراتى تەڭشىلىپ ياكى شتات قىسقارتىلىپ، خىزمىتىنى تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلغانلار؛ (4) ئىشقا رۇخسەتسىز كەلمىگەن ياكى رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلمىگەن ۋاقتى ئۇدا 15 كۈندىن ئاشقان ياكى بىر يىلدا جەمئىي 30 كۈندىن ئاشقانلار؛ (5) سودىيىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەنلەر. 41 - ماددا خىزمەتتىن بوشىتىلىدىغان سودىيىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. 14 - باب پېنسىيىگە چىقىش 42 - ماددا دۆلەت سودىيىلەرنىڭ پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمىنى سوت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 43 - ماددا سودىيىلەر پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىدىن ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. 15 - باب ئەرز - شىكايەت قىلىش 44 - ماددا سودىيىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرگەن چارىسىگە، بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىسا، چارە كۆرۈش، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئەسلىي چارە كۆرگەن، بىر تەرەپ قىلغان ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئورگان بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت. قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئەرز قىلىش مۆھلىتى ئىچىدە، سودىيىگە چارە كۆرۈش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ. 45 - ماددا سودىيىلەر سودىيىلەرنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ئۆتكۈزگەن دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن سودىيىلەرنىڭ دېلونى قانۇن بويىچە سوت قىلىشىغا ئارىلىشۋالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرلىدۇ. 46 - ماددا سودىيىلەر ئەرز ۋە شكايەت قىلىشتا راستچىل بولۇشى كېرەك. پاكىت ئويدۇرۇپ چىقارغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 47 - ماددا سودىيىلەرگە خاتا چارە كۆرگەنلەر ياكى سودىيىلەرنى خاتا بىر تەرەپ قىلغانلار ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك؛ ئۇلارنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەنلەر نامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى لازىم؛ ئۇلارغا ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەنلەر زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. ئۇلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان بىۋاستە جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈشى لازىم. 16 - باب سودىيىلەرنى سىناش باھالاش ھەيئىتى 48 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سودىيىلەرنى سىناش - باھالاش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ. سودىيىلەرنى سىناش - باھالاش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى - سودىيىلەرنى يېتىشتۈرۈش، سىناش ۋە باھالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 49 - ماددا سودىيىلەرنى سىناش - باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار بەشتىن توققۇزغىچە بولىدۇ. سودىيىلەرنى سىناش - باھالاش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى ئۈستىگە ئالىدۇ. 17 - باب قوشۇمچە قائىدە 50 - ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سودىيىلىرىنىڭ خادىم شتاتىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ھەققىدىكى چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 51 - ماددا دۆلەت سودىيىلىككە، تەپتىشلىككە تۇنجى قېتىم تەيىنلىنىدىغانلاردىن ۋە ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلاردىن بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئۇنى يولغا قويۇشقا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. 52 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجراچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. 53 - ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.