ئۇيغۇر تىلىدا جەمئىي 32 تاۋۇش، 32 ھەرپ بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي

تىلىمىزدىكى بۇ 32 تاۋۇش ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىغا قاراپ، سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

سوزۇق تاۋۇشلار: تەھرىرلەش

ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماي سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار سوزۇق تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا سەككىز سوزۇق تاۋۇش ،بولۇپ ئۇلار:

ئا ئە ئو ئۇ ئۆ ئۈ ئې ئى

يۇقىرىقى سەككىز سوزۇق تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنغان چاغدىكى تىل ئورنىغا ۋە بەزى تاۋۇشلارنىڭ تىلىمىزدىكى رولىغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

سوزۇق تاۋۇشلار
تىل ئالدى ئە ئۆ ئۈ
تىل ئارقا ئا ئو ئۇ
تىل ئارا ئې ئى

يەنە بۇ سوزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا، لەۋلەرنىڭ يۇمىلاق ھالەتكە كېلىش-كەلمەسلىكىگە قاراپ،

سوزۇق تاۋۇشلار
لەۋلەشكەن ئو ئۇ ئۆ ئۈ
لەۋلەشمىگەن ئا ئە ئې ئى

لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

نىيازىم تورى

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە گرامماتىكا
تۈرلەر ئۇيغۇرچە گرامماتىكا
فونېتىكا: سوزۇق تاۋۇش | ئۈزۈك تاۋۇش
سۆز: ئىسىم | سۈپەت| رەۋىش| ئالماش| ئالماش| باغلىغۇچى

پېئىل

جۈملە: ئىسىم جۈملە | پېئىل جۈملە