سىراجىدىن ئىسرائىل

1959 - يىلى شىنجاڭدا تۇنجى ئىشلىگەن ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كوپىراتسىيىلىشش ، يولغا مېڭىش جەريانىدىكى قايناق تۇرمۇشى ، ئۆتكۇر ئائىلە زىددىيەتلىرى ۋە ئىلغارلىق بىلەن قالاقىلىق ، تۇغرا ئىدىيە بىلەن خاتا يول ئۇتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم « بوستانلىقتا تەنتەنە» دە ئەر باش قەھىرىمان بارات مۇدىر ئۇبرازىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن يارىتىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە چۇڭقۇر ھۇرمەتكە سازاۋەر بولغان پېشقەدەم ئارتىس سىراجىدىن ئىسرائىل كېسەل سەۋەبىدىن 1989 - يىلى 11- ئاينىڭ 4 - كۈنى ۋاپات بولدى . لېكىن ، ئۇنىڭ ئېكران ئۇبرازى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىنو ۋە سەھنە سەنىئىتىگە قۇشقان تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدۇ. سىراجىدىن ئىسرائىل 1928 - يىلى 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئائىلىسىدىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سەنئەتخۇمار كىشىلەردىن ئىدى ، ئۇنىڭ دادىسى خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتشقا ، ئانىسى دۇتار چېلىشقا ماھىر بولغاچقا ، بۇ ئائىلىۋى مۇھىت كىچىك سىراجىدىنغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزقىشىنى قۇزغىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى مەشرەپ ۋە تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشتىياقىنى ، ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ئۇ ئۇرغۇپ تورغان قىزىقىش بىلەن سەنئەت يولىغا قەدەم قويۇپ خەلق ناخشىلىرىنى جاراڭلىق، راۋان ئېيتالايدىغان ، تەمبۇر ، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىمۇ چالالايدىغان بولدى. 1947 - يىلى سىراجىدىن ئىسرائىل« ئىلى تىياتىرى » ئۆمىكىگە شىتاتلىق ئارتىس بولۇپ قوبۇل قىلىنغانىدىن كېيىن، ئارتىسلىق سەھنە ھاياتىغا رەسمىي قەدەم قويدى ۋە پېشقەدەم ئارتىسلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ،جاپالىق مەشىق قىلىپ ، ناھايىتى تېز ئالغا باستى . 1948 - يىلى « ئىلى تىياتىرى » ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرگەن «غىرىپ - سەنەم » دارامىسدا غېرىپنىڭ رولنى ئېلىش ۋەزىپىسى سىراجىدىنغا تاپشۇرۇلدى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىستېمىلىق سەنئەت نەزەرىيىسى تەربىيسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ زادىلا باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان سىراجىدىن بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇنداش يولىدا ھارماي- تالماي ئىزدىنىپ ، سەھنە ئەسىرىنى تەكرار ئوقۇپ ئانالىز قىلىپ ، ناخشىلىرىنى پىششىق يادلاپ ئىگلەپ ،ئاخىرى غېرىپنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدى، ئۇ بەزىدە بۇ درامىدىكى شاھى ئابباس رولىنىمۇ ئېلىپ ، تاماشىبىلارنىڭ تەرپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. كېيىن ئۇ يەنە « قانلىق داغ » دارامىسدا ئەر باش قەھىرىمان ئەيسا ، « پىغانلىق كۈنلەر » ، دارامىسدا غۇپۇر ، «غۇنچەم » دارامىسدا نۇرۇم رولىنى ئۇنىڭدىن باشقا « رابىيە _ سەئىدىن » ، « ئارشىن - مال ئالان » ، « لەيلى - مەجنۇن » قاتارلىق تىياتىرلاردىمۇ ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، تاماشىبىنىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، ماختىشغا ئېرىشتى . ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ 1952 - يىلدىن باشلاپ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- كورپۇس سەنئەت ئۆمىكىدە مۇئاۋىن رېژسسور بولۇپ ئىشلىدى . 1956 - يىلى شىنجاڭ ناخشا -ئۇسسۇل ، دراما -تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىندى . كېيىنكى مەزگىلدە ئۇ « يالغۇز قىز »، «غۇنچەم » ، « گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يۇق » ، «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە »، « ئاۋغۇست بورانلىرى» ، «كۈرەش يولى » ، « غېرىپ - سەنەم » ، « يالقۇنتاغ غەزىپى » قاتارلىق دراما ئۇپېرالاردا ئاساسلىق ۋە قۇشۇمچە روللارنى ئېلىپ تاماشىبىنىلاردا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى . سىراجىدىن ئىسرائىل ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۇرۈلگەن تۇنجى ھېكايە فىلىم « بوستانلىقتا تەنتەنە»دە رول ئېلىش بىلەن ئېكرانغا قەدەم باسقان بولۇپ ، فىلىمدىكى ئالىي كوپىراتسىيىە مۇدىر باراتنىڭ رولنى ۋايىغا يەتكۈرۈپ يارىتىش كەڭ كىنو تاماشىبىلارنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغاندى . سىراجىدىن ئىسرائىل سەھنە -ئېكران ھاياتى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغاندىن سىرت ، ئۇ ناخشا - مۇزىكا ئىجادىيەت ياراتقان . ئۇ سەنئەت ھاياتىدا « تاۋلىنىپ جەڭلەر ئارا» ، « ھاجەت » ، « گۈزەل ئىلى باغلىرى » ، « ۋەتىنىم» ، « سۆيۇملۇك جۇزڭلى » ، « يېرىمىز گۈزەل گۈلشەن » ، «قەدىردان ئاتا- ئانا »، «ئەلنىڭ نىجات يۇلتۇزى »قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن ناخشا ئىشلىگەن. سىراجىدىن ئىسرائىل ھايات ۋاقتىدە جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى . ئۇنىڭ مىللىي سەنئىتىمىز ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قۇشقان تۆھپىسى ئەبەىلئەبەد ئۇنتۇلمايدۇ. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى". Archived from the original on 2021-11-27. Retrieved 2021-08-08.