سىر-تاردۇشلار: سىر-تاردۇشلار سىر ۋە تاردۇش ئىككى قەبىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شەرقىي قانقىللارنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. «دەسلەپ سىر قەبىلسى تاردۇش قەبىلىسى بىلەن ئارىلىشىپ ياشايتتى، كېيىن سىر قەبىلىسى تاردۇش قەبلىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارنى قوشۇۋېلىپ، سىر-تاردۇش دەپ ئاتالدى. ئۇلار تېلى قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۆرۈپ-ئادىتى تۈركلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى»[22]. سىر-تاردۇشلار ئەڭ دەسلەپ ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن زورىيىپ چېدىرلىق تۈتۈنى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

مىلادىيە 605-يىلى ھەر قايسى تېلى قەبىلىلىرى سىر-تاردۇش ۋە چۆبە قەبىلسىنىڭ باشچىلىقىدا غەربىي تۈركلەرنىڭ قارا قاغاننىڭ (600-611-يىللار) ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چۆبە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى چۆبەقالىن (قاپىش قالىن،契芯歌椤 ) ئۆزىنى ئەل ئەتمىش باغا قاغان دەپ جاكارلاپ، بۇغدا تېغى باغرىدا بارگاھ تىكلەپ، چۆبە-سىر-تاردۇش خانلىقىنى (605-613-يىللار) قورغاندا، سىر-تاردۇشلارنىڭ ئاقساقىلى ئىشبارامۇ ئۆزىنى ئىش قاغان (乙至可汗) دەپ ئاتاپ، ھازىرقى تارباغاتايدىكى يەنمو تېغى (燕末山) باغرىدا بارگاھ قۇرغان. كېيىن، غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇ قاغانى (611-618-يىللار) دەۋرىگە كەلگەندە، سىر-تاردۇشلار قايتا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. 630-يىلى سىر-تاردۇشلار ئۇيغۇر قاتارلىق توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، زېمىنى (شەرقتە سىبىرلار (شىرۋىلار، تاتارلار) يېرىدىن غەربتە ئالتۇن تاغقىچە، جەنۇبتا تۈركلەرنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈككىچە يېتىپ بارغان، ھۇنلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەن سىر-تاردۇش خانلىقى (629-646-يىللار) نى قۇرۇپ، مەركىزىنى ئۆتۈكەن باغرىدا تىكلىگەن»[23]. 646-يىلى سىر-تاردۇش خانلىقى جەنۇبتىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ، شىمالدىن ئۇيغۇرلار رەھبەرلىكىدىكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قىسىپ زەربە بېرىش نەتىجىسىدە گۇمران بولغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى ئېلتەبىر تومىد باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە سىر-تاردۇشلارنىڭ ئىلىگ بەگ قۇتلۇق ئىستەمى قاغانىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ قوۋملىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان، زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالغان»[24]. سىر- تاردۇشلارنىڭ بىر قىسمى («ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دە 70 مىڭدىن كۆپ تۈتۈن دېيىلگەن) ئېلتەرىش قاغاننىڭ باشچىلىقىدا غەربتىكى كونا زېمىنلىرىغا كۆچۈپ كەتكەن، بىر قىسىمى تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارىخنامىلەردە سىر-تاردۇش قەبىلىسىنىڭ نامى ئاساسەن تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ ئېھتىمال سىر-تاردۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك. «يېڭى تاكنامە»دە سىر-تاردۇشلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە «ئەسكەرلىككە ياراملىقى 20 مىڭ ئىدى» دېيىلگەن.