سىغىم قارشىلىقى

سىغىم قارشىلىقى

ئۆزگىرىشچان توك ئېلېكتىر سىغىمىدىن ئاساسەن ئۆتەلەيدۇ (مۇقىم توك ئۆتەلمەيدۇ ) ، شۇنداق بولسىمۇ ئېلېكتىر سىغىمىنىڭ ئۆزگىرىشچان توكقا نىسبەتەن مەلۇم قارشىلىقى بولىدۇ ، مانا بۇ قارشىلىق سىغىم قارشىلىقىدۇر .

ئېلېكتىر سىغىمى چوڭ بولسا ئۆزگىرىشچان توك ئاسان ئۆتىدۇ ، ئاز بولسا تەستىرەك ئۆتىدۇ ، بۇ ئېلېكتىر سىغىمى چوڭ بولسا توسقۇنلۇق كۈچىنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .

يەنە ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسى چوڭ بولسىمۇ ئېلېكتىر سىغىمىدىن ئاسان ئۆتۈپ كېتىدۇ .

سىغىم قارشىلىقىنىڭ بىرلىكمۇ ئوخشاشلا ئوم . R