سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟

ھېيىت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيىت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيىت كەيپىياتى بولمىغاچقمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت، بولىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيىتلىق تېلىفون ساقلايدۇ، ھېيىتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيىت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھىس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى. ماڭا بۇ تۇيغىدا بولغىلى ئەسىرلەر بولغاندەك تۇيۇلىدۇ، ھەر ھېيىتتا شۇنداق. جىيەنلىرىمنىڭ بۇ كۆرۈنمەس قۇدرەتنى ھىس قىلىشقا قادىر بولالماي ئۆسۈۋاتقىنى يۈرەكنى تېخىمۇ ئېزىدۇ. شۇنداق ئويلايمەن، مەنغۇ ھىچ بولمىغاندا غېرىپ قەلبىمدە كۆرۈنمەس بىر ئۇلۇغلۇقنى ھىس قىلالايدىكەنمەن، جىيەنلىرىمچۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېيتتتىن شۇنداق بىر غايىپ پاسىبانلىقنى، مېھرىبانلىقىنى، مۇقەددەسلىكنى ھىس قىلالماي چوڭ بولسا، پەقەت يىغقان ھېيتلىق بىلەن يانچۇق، يىگەن گۆش بىلەن قورساق تومپايسا كۆڭۈل ئالىمى بوش قالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ جەنۇپ سەھرالىرىنى قاپلىغان يالتىراق خالتىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ بولغىنىۋاتقان جىسمى، چوڭلارنىڭ تەشۋىش، ۋەھىمە، مىسكىن تۇرىقىدىن نۇسقا ئېلىپ ئەگرىلىككە يۈزلەنگەن سەبى كۆڭلى نېمە بىلەن قەد كۆتۈرەر؟

ئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن. ئايالىمنىڭ بىر جىيەن قىزى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا تاللاندى. تەنتەنىلىك جاكارلانغان بۇ خەۋەر بىزنى خېلى تەمتىرەتتى. چۈنكى بىر ھەمراھ بولغۇچىلار، ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئۆمىكى كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. مەركىزىي شەھەردىكى قوش تىل سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى دېگەنلىك بىزنىڭ ئۇ يۇرتتا مەرتىۋىدىن، غەلىبىدىن، ئىناۋەتتىن دېرەك بېرەتتى. كىممۇ ھاياجانلانمىسۇن، قوش تىل، دېگەن قوش تىلدە! بولۇپمۇ قوش تىلنىڭ ئوردىسى، قوش تىلچىلارنىڭ ساماۋىي پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى قوش تىل تۇرسا!

قىز ئەقىللىق ئېدى. كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز بىلەن چىقىشىپلا كەتتى. دەسلەپتە مېنى ئىنگىلىزچە بىلىدۇ، دەپ ئانچە مۇنچە ئىنگىلىزچە تاپشۇرۇقلىرىنى سوراپ يۈردى. كېيىن نېمە ئۈچۈنكى مەندىن ئىنگىلىزچە سورىماسلا بولدى. سەۋەبىدىن ۋاستىلىق خەۋەر تاپتىم، خەنسۇچەم ئۆلچەمسىز بولغاچقا ئىنگىلىزچەمنىڭمۇ ئۆلچەمسىزلىگىنى تەخمىن قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تەلەپپۇزۇم جاڭ مۇئەللىمنىڭكىگە ئوخشىماسمىش، ساۋاقداشلىرى ئىنگىلىزچىنى سەھرالىقتەك دەيدىكەنسەن دەپ زاڭلىق قىلغانمىش. شۇندىن كېيىن بۇ قىزنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا دىققەت قىلدىم، دائىم ئوقۇيدىغىنى مۇقاۋىسىغا چېچىنىڭ يېرىمىنى قىزىل يېرىمىنى يېشىل بويىۋالغان ”سۇمباتلىق يىگىت“"ساھىپجامال قىز“ لارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ئېدى.

دېكابىرنىڭ ئاخىلرى ئېدى، ئايالىم جىيەن قىزىنى تېلىفون قىلىپ ئۆيگە چاقىردى. بارالماسمىش، سەۋەبى ”ئەمنىلىك كېچىسى“ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇتلايمىش. ئاڭلاپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، ”كەلسۇن، بىز قىلىپ بېرەيلى شۇ كېچىسىنى، نېمە ئالغىسى بولسا ئېلىپ بېرەيلى“ دېدىم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ. ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ مەھەللە تەرەپتە روژدىستىۋالىق كەيپىيات يوقمىش، ئەمىنلىك كېچىسىدە مۇدا بولىدىغان كىيىم كېچەك تېپىلماسمىش، پائالىيەتلەرمۇ يوقمىش شۇڭا كەلمەسمىش. شۇنداق قىلىپ قىزچاق كەلمىدى. بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزىۋېتىپ تېلىفون قىلدىم. ”ئەمىنلىك كېچىسى“ نىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ پائالىيەت ئىكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەركەن. پەقەت بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ شۇ بۆلىكىدە مودا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ماگىزىن، كوچا كويلار شۇنداق بايرام كەيپىياتى بىلەن بېزەلگەچكىلا ”دەھشەت“ ئۆتكۈزگىسى كەپتۇ. ساۋاقداشلىرى بىلەن ياتاقنى يېرىم سۆرۈن بېزەپ ئۆتكۈزگەن كېچە شۇنداق“پەيزى بوپتۇ“. ياتاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تۇرسا، نەدىن بىلگەندۇ، قانداق ئۆتكۈزەلىگەندۇ دەپ ھەيران قالدىم. ئۇ قىز مېنىڭ شۇنچە يىل ئىنگىلىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەمىنلىك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىمغا ھەيران قالدى.

ئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇربان ھېيىت كەلدى. ئۆزەمنىڭ خوش بولالمايدىغانلىقىم ئېنىق بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق توغقان ۋە يۇرتداشلارنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بىر ھېيىت قىلىپ بەرمەكچى بولدۇم. شۇلارنىڭ خۇشال چۇۋۇرلاشلىرىدىن ھېيىت بولغادەك كەيپىياتقا كېلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەپمۇ ئويلۇدۇم. ئالدى بىلەن ئايالىمنىڭ جىيەن قىزىغا تېلىفون قىلدۇق. توۋا، كەلمەسمىش ”سىلەر ئۇ تەرەپتە ھېيىت دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق مودا يوق، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن، شۇڭا بايراملىق كىيىممۇ ئالالمىدىم، خەقنىڭ ئالدىغا سەھرالىقتەك بارامتىم، سىلەردە قۇربان ھېيىت تازا مودا بولغاندۇ ھە! “ دەپتىمىش . بۈگۈن مەنمۇ تورلارغا قاراپ ھېيىت كەپتۇ دەپ ئويلۇدۇم، ھېلىقى جىيەن قىزىمنىڭ سۇئالى خىيالىمدىن كەچتى. ھەممىڭلارنى سېغىندىم، مېنىڭ چاخچاق قىلىپ بولسىمۇ ”سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ“ دەپ سوراشقا تىلىم بارمىدى. چۈنكى بىزدە ھەق يولىدىكى پىداكارلىقنىڭ ئىككى دۇنيالىق مودا ئىكەنلىكى ئەقلىمگە ئايدىڭ ئېدى.


ئالدىنقى: ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا

كـىيىنكى: ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟