سىڭگىم مىڭئۆيى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ سىڭگىم جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇب تەرىپىنىڭ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ خارابە يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مۇرتۇق ئېغىزىنىڭ شەرقىي يېنىدىكى ئۈزۈك يار ۋە تەكشى تۆپىلىك ئۈستىگە تارقىلىپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر سوزۇلغان ، ئىچىدە بەش ساڭرام خارابىسى بار . ساڭراملارنىڭ قەسىرلىرى ھەيۋەتلىك ، ھويلا - ئاراملىرى مۇكەممەل بولۇپ ، جايلىشىشىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . تار مەنىدىكى سىڭىم مىڭئۆيى خارابىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇستەقىل ئىككى تاش غار ساڭرامىدىن تەركىب تاپقان . شىمال تەرىپىدىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى بۇرۇنراق ، 3-نومۇرلۇق غار مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك شەكىلدىكى ئاساسلىق غار ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئالدى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تېمىغا بىر پارچە چوڭ تىپتىكى نوم ھېكايىلىرى رەسىمى سىزىلغان . رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ، سىزىلىش ئۇسلۇبىنى ۋە تېمىسىنى تەھلىل قىلىشتا قارىغاندا ، تاڭ دەۋرىگە خاس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ ؛ ئىككى ياندىكى 2-،4-نومۇرلۇق ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلدىكى ئەگمە تورۇسلۇق غارلاردا پېلەك تارتىپ مېۋە باغلىغان ئۈزۈم بارىڭى ، باراقسان دەرەخلىك ، قانىتىنى يىغىپ ئۆزىنى دەرەخلىككە ئاتقان قۇش قاتارلىقلار رېئال تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . تەخمىنەن 11-ئەسىردە بىنا قىلىنغان جەنۇب تەرەپتىكى بىر غاردا تام رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا ، بۇ ئەسەرلەر ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە تەۋە ئىكەن.

مەنبە تەھرىرلەش

تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى