سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىنىڭ نورمالسىز بولۇشى


داس كىرىش ئېغىزى، داس ئوتتۇرا قىسمى ۋە داس چىقىش ئېغىزى تار بولۇش، كىچىك داس غەيرى شەكىللىك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇپ، سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىنىڭ نورمالسىز بولۇشى دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

غەرب تېبابىتى نامى :سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىنىڭ نورمالسىز بولۇشى

ئاساسلىق ئالامىتى :داس كىرىش ئېغىزىنىڭ تارىيىشى

كېسەللىك سەۋەبى :تۇغما داس سۆڭەكنىڭ غەيرىلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ


تەۋە بۆلۈم :تۇغۇت بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :سۆڭەكلىك تۇغۇت يولى

كېسەللىك سەۋەبى تەھرىرلەش

تۇغما داس سۆڭەكنىڭ غەيرىلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلىتىنىڭ ئازىيىشى شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھامىلىنىڭ ئەزالىرىدىكى غەيرىلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلە سۆڭىكىدە كۆرۈلگەن غەيرىلىكلەر سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھامىلىنىڭ داس سۆڭىكىدە غەيرىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سەۋەبتىن ئاياللار سۆڭەكلىك تۇغۇت يولىدىكى نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

داس سۆڭىكىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلارغا ئۇچرىشى ۋە قىيىن تۇغۇت سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

بەدەندىكى ھەر خىل سۆڭەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەدەندىكى سۆڭەكلەردە كۆرۈلگەن سىل كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • كېسەللىك سەۋەبى
  • ئالامىتى
  • دىئاگنوزى
  • ئاقىۋىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالامىتى تەھرىرلەش

داس سۆڭەكتىكى نورمالسىزلىق تۆۋەندىكىدەك بەش خىل شەكىلدە بولىدۇ:

1. داس كىرىش ئېغىزىنىڭ تارىيىشى: بۇنىڭدا داس كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن تۆۋەن يەنى قارشى بۇلۇڭ دىئامتېرى 11.5 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ، بۇ يەنە يەككە خاراكتېرلىك ياپىلاق داس ۋە راخىت خاراكتېرلىك داس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

2. داس ئوتتۇرا قىسمىنىڭ تار بولۇشى: بۇنىڭغا ۋارۇنكا شەكىللىك داس ۋەكىللىك قىلىدۇ. داس كىرىش ئېغىزى تەكشى، يۈزىنىڭ ھەرقايسى دىئامېتىر سىزىقلىرى نورمال دائىرە ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، داس تېمى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىچىگە قاراپ يانتۇ كەتكەن بولۇپ، ئىچىگە يىغىلغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن داس بوشلۇقى بارغانسېرى تارىيىدۇ، ئەگەر ئولتۇرغۇچ سۆڭەك چېقىرىندىلىرىنىڭ دىئامېتىرى بىلەن ئوتتۇرا داس ئارقا ئوقياسىمان دىئامېتىرىنىڭ يىغىندىسى 5.31 سانتىمېتىردىن ئاز بولسا ئوتتۇرا داس تارىيىشى دەپ ئاتىلىدۇ. داس كىرىش ئېغىزىنىڭ تارىيىشى(ياپىلاق داس. ۋارونكا شەكىللىك داس .

3. داس چىقىش ئېغىزىنىڭ تارىيىشى: ئۇنىڭ ئالاھىدىكى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك دۆڭچىلىرىنىڭ دىئامېتىرى سەككىز سانتىمتېردىن ئاز بولىدۇ ياكى چىقىش ئېغىزى توغرا دىئامېتىرى بىلەن كەينى ئوقياسىمان دىئامېتىرىنىڭ يىغىندىسى 15 سانتىمېتىردىن ئاز بولىدۇ. يېنىك ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدىكى داس چىقىش ئېغىزىنىڭ تارىيىشى ۋارۇنكا شەكىللىك كىچىك داس قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ.

4. كىچىك داس: داس كىرىش ئېغىزى، ئوتتۇرا قىسمى ۋە چىقىش ئېغىزى تەكشى، تار بولۇپ، بويى پاكار، كىچىك ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، داسنىڭ شەكلى نورمال بولىدۇ. لېكىن ھەرقايسى دىئامېتىر سىزىقلىرى نورمال سانغا قارىغاندا 2 ~ 1.5 سانتىمېتىر كىچىك بولىدۇ.

5. غەيرى شەكىللىك داس: بۇ سۆڭەك يۇمشاش كېسەللىكلىرىدە دائىم ئۇچرايدۇ(ھەرقايسى دىئامېتىر سىزىقلىرى داسنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قىسقىرايدۇ.

دىئاگنوزى تەھرىرلەش

1. كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. قىيىن تۇغۇت تارىخىنىڭ بار-يوقلۇقىنى، بالىلىق ۋاقتىدا داس سۆڭەكنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان سىل كېسەللىكى، راخىت كېسىلى، سۆڭەك يۇمشاش كېسىلى ئاغرىغان ئاغرىمىغانلىقىنى ئېنىقلىنىدۇ.

2. بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) ئادەتتىكى تەكشۈرۈش: ھامىلدار ئايالنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى، بويىنىڭ ئىگىز-پاكارلىقى، ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئەگرىلىكى، داس سۆڭىكىنىڭ ئۆزئارا تاناسىپ ياكى تاناسىپ ئەمەسلىكى، پۇت-قوللىرىنىڭ غەيرى شەكىللىك ياكى غەيرى شەكىللىك ئەمەسلىكى، قورساقنىڭ پەسكە ساڭگىلاش ئەھۋالى، ئاقسايدىغان ياكى ئاقسىمايدىغانلىقىنى ئېنىقلىنىدۇ.

2) داس سۆڭىكىنى ئۆلچەش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. يەنى داس سۆڭەك كىرىش ئېغىزى، ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ۋە چىقىش ئېغىزى، كىچىك داس قاتارلىقلارنى سىرتتىن ۋە ئىچىدىن ئۆلچەش ئارقىلىق ئېنىقلىنىدۇ.

3) تۇغۇت بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش: ھامىلە ئورنىنى ۋە باش بىلەن داسنىڭ ماسلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. باش ۋە داس مۇناسىپ كەلمەيدۇ.

ئاقىۋىتى تەھرىرلەش

داس سۆڭىكى نورمالسىزلىقىنىڭ تۇغۇت ۋە ئانا-بالىغا بولغان تەسىرى:

1. ھامىلە ئورنىنىڭ نورمالسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ يەنى ھامىلە ئالدىن كېلىش قىسمىنىڭ داسقا كىرىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

2. بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە بالىياتقۇ بوينى كېڭىيىشىنىڭ نورمالسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ھامىلە بېشى لەيلەپ تۇرسا، بالىياتقۇ بوينىغا بولغان بېسىم يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تولغاق كۈچسىز كېلىش، تۇغۇت يولى توسۇلۇپ قىلىش تۈپەيلىدىن تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك قىسقىراش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

3. ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىش كېلىپ چىقىدۇ. باش سۈيى قېپى بىر قەدەر زور ۋە تەكشى بولمىغان بېسىمغا ئۇچراش نەتىجىسىدە ھامىلە قېپىنىڭ يېرىلىشى كېلىپ چىقىدۇ.

4.يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشى كېلىپ چىقىدۇ يەنى جىنسىي يول ئۇزاق ۋاقىت بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشى كېلىپ چىقىپ، ئېغىر بولغاندا ئاقما پەيدا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئوپېراتسىيىلەرمۇ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تۇغۇت ۋاقتىدا يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزىراپ كېتىشى، جىنسىي يولدىن كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش، ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش نەتىجىسىدە يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

6. ئانا تېنىنىڭ زەئىپلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇت جەريانىنىڭ زىيادە ئۇزىراپ كېتىشى، يۇقۇملىنىش، سۇسىزلىنىش، زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7. بالىياتقۇ يېرىلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرلىك قىيىن تۇغۇتنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

8. تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ تۇغۇت جەريانى زىيادە ئۇزۇن بولۇش، تولغاق كۈچسىز كېلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

9. ھامىلىدە قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر كۆپىيىش كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلە بېشى زىيادە بېسىمغا ئۇچراش، ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپ بولۇش ياكى كىندىك بېغى چىقىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھامىلىدە ئوڭايلا تۇنجۇقۇپ قېلىش، داس ئىچىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ ھەتتا ھامىلە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىر تەرەپ قېلىش: دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ تۇغدۇرۇش لازىم يەنى داسنىڭ تارايغان ئورنى، دەرىجىسى، تۇغۇت كۈچى، ھامىلىنىڭ جايلىشىشى ۋە ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ ھەم ھامىلىدار بولغان قېتىمى ۋە تۇغۇش تارىخى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاندىن مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇغۇش شەكلىنى تاللاش لازىم. داس سۆڭەك روشەن تار بولغاندا داسنىڭ كىرىش ئېغىزى، ئوتتۇرا داس قىسمى ۋە داسنىڭ چىقىش ئېغىزى تەكشى، يۈزى ئېنىق ھالدا تار بولسا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش لازىم. داسنىڭ كىرىش ئېغىزى سەل تار بولسا داس بىلەن باشنىڭ ماسلاشماسلىقىدىن گۇمان بولغاندا ئالدى بىلەن تۇغۇتنى سىناپ كۆرۈشكە بولىدۇ. تۇغۇت كۈچى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇتنىڭ ئىلگىرىلەش ھالىتىنى 8 ~ 6 سائەتكىچە ياكى ھامىلە پەردىسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يىرتىپ 4 ~ 2 سائەتكىچە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، زۆرۈر بولغاندا تولغاق كەلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ، ھامىلە بېشىنىڭ داسقا چۈشكەن ياكى چۈشمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم. شۇ ئارقىلىق جىنسىي يولدىن تۇغۇش ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئەگەر جىنسىي يولدىن ئۆزلۈكىدىن تۇغالمىغۇچىلار بولسا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلەش لازىم.