سۆڭەك شورپىسى
سۆڭەك شورپىسى تەييارلاش
پايدىلىق تەرەپلىرى:
تەھرىرلەشقېرىشنى كېچىكتۈرۈش، كالىتسىي تۇلۇقلاش
ئادەم سۆڭىكىدىكى مۇھىم نەرسە يىلىك بولۇپ، قىزىل قان، ئاق قان ھۈجەيرىلەر مۇشۇ يىلىكتە شەكىللىنىدۇ.ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ يىلىكنىڭ بۇ خىل ھۈجەيرە ياساش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئۇستىخان شورپىسدا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك مۇشۇ ھۈجەيرىلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىپلەر بار.شۇڭلاشقا ياشانغانلار، ئۆسمۈرلەر، ھامىلدار ئاياللار سۆڭەك(ئۇستىخان) شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە پايدىلىق.
كېتەرلىك ماتىرىياللار:
تەھرىرلەش5\1 نىسبەت(يەنى بىر كىلو سۆڭەككە بەش كىلو سۇقۇيىمىز) بويىچە سۆڭەك ۋە سۇ تەييارلايمىز.ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، تۇز تەييارلايمىز.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
تەھرىرلەشسۆڭەكنى قايناقسۇغا 3 مىنۇتچە بېسىپ قانسىرىتىمىز، ئاندىن قازانغا سۇنى(چوقۇم سوغۇق سۇ ئىشلىتىش كېرەك، قايناقسۇ بولمايدۇ) قۇيۇپ قانسىرىتىپ بولغان سۆڭەكنى سالىمىز، ئاۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىمىز، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز(سۆڭەك تەركىبىدىكى كالىتسنىڭ تەكشى تارقىلىشىغا پايدىسى بار) ئاندىن پەس ئوتتا 3 سائەتتىن 4 سائەتكىچە قاينىتىمىز.
ئەسكەرتىش:
تەھرىرلەششورپىنى قاينىتىشتىن بۇرۇن سۆڭەكنى ئۇششاق پارچىلاپ يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە شورپا تەييارلىغاندىن كېيىن چويلا بىلەن سۆڭەكلەرنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلاردىن سېلىپ شورپا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.