سۇجۇپ ــــ مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكاشۇناسلىقىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى بۇيۈك نامايەندىسى . سۇجۇپنىڭ ھاياتى، پائالىيىتى، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى مىلادى 517-يىلى تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ ئوردا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ۋە ئۇيەردە «12ئاھاڭ رېتىم قانۇنى» نى كەشىپ قىلىپ «مۇزىكا پىرى» دىگەن ئىنۋانغا ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان .