سۇدىجىن مەڭگۈ تېشى
بۇ يادىكارلىق 1909-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ سۇدىجىن (بەزى ماتىرىياللاردا سۇجى دېيىلگەن) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 11 قۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، يادىكارلىق تېكىستىنىڭ قەھرىمانى بويلا قۇتلۇق تارقان ئىسىملىك قىرغىز قەبىلىسىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭىكى بولۇپ، يادىكارلىق تېكىستىدە ئۇبنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتايىن باي كىشى ئىكەنلىكى، ئون قوتان چارۋىسى، سانسىزلىغان يىلقىسى بارلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ، ھەتتە ئۆزىنىڭ مانى روھانسىغا 100 چاكار ۋە تۇرالغۇ ئۆي بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ يادىكارلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋە دەۋرى ھەققىدە تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ 1-ۋە 4- قۇرىدىكى «مەن ئۇيغۇرلار يېرىدىكى ياغلاقار قاغان تۇرشلۇق جايغا كەلدىم»، «مېنىڭ شۆھرىتىم، نامىم كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە تارالدى» دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ، «بۇ ۋاقىتتا قىرغىزلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىلىشىىمىزچە بۇ ۋەقە 840-يىلىدىن كېيىن بولغان، شۇڭا بۇ پىكىرنى رۇس ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنىشتاممۇ قوللايدۇ. سۇدىجىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئىگىسى گەرچە قىرغىز دەپ قارالسىمۇ، بىراق قىرغىزلار كېيىنكى ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يادىكارلىقتىكى يايلاق جەمئىيىتىدىكى چارۋىچى فېئوداللارنىڭ ئائىلەر ئىگىلىكى ۋە مانى دىنىنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، س. گ. كىلياشتورنى بويا قۇتلۇق يارقان بويلا قۇتلۇق تارخاندۇر. ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، دەپ قارايدۇ.
پايدالانغان ماتېرياللار:
1.ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق،ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى