UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

رەئد سۈرىسى

سورة الرعد

تۈرى مەدەنىي
مەنىسى گۈلدۈرماما
سانلىق مەئلۇماتلار
بەتلەر 249-255
پارە\جۈز 13
سۇرە نومۇرى 13
ئايەت سانى 43
سەجدە ئايىتى 15. ئايەت
كەلىمە سانى 854
ھەرف سانى 3450
نازىل بولۇش سۈرىسى 96

رەئد سۈرىسى (ئەرەبچە:سورة الرعد) قۇرئاننىڭ 13. سۈرىسى ۋە 43 ئايەتتۇر. مەدىنەدە نازىل بولغان دەپ قارىلىدۇ.


ئىسمى ھەققىدە تەھرىرلەش

ئىسمى، 13. ئايەتتە زىكىر قىلىنغان گۈلدۈرماما مەنىسىدىكى "رەئد" كەلىمىسىدىن ئېلىنغان. 13. ئايەت: "گۈلۈرماما اﷲ نى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ اﷲ تىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، اﷲ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار اﷲ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، اﷲ نىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر "


مەزمۇنى تەھرىرلەش

بۇ سۈرە باشلاپ، ئاللاھ تالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئورتىغا تاشلاپ، سوڭ قايتا تىرىلىش ۋە ھاياتى دۇنيادا قىلىپ ئۆتۈلگەن ھەر بىر ياخشى-يامان ئەمەل ئۇچۇن قىيامەت كۈنىدە جازا-مۇكافات بولىشى ھەققىدە خەۋەر قىلىدىغان ئايەتلەر بىلەن دەۋام ئېتىدۇ. ئۇندا ھەقىقەت بىلەن باتىل توغرىسىدا ئىككى ئىبرەتلىك مەسەل كەلتۈرىلىدۇ. بىرىنچىسى، جىلغىلارنى تولدۇرۇپ ئېقىب كېلىۋاتقان يامغۇر سۈيى ھەقىقەتكە، سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈك ئېسە باتىلغا ئىشارە قىلىنسا، ئىككىنچىسىدە، ھەر قانداق يەر ئاستى مادەنلىرى ھەم ئېرىتىلگەنىدە ئۇلاردىن ساف قىممەت باھا مادەن بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئارىلىشىپ قالغان ئاددىي تاشلار ھەم چىقىشى ئېيتىلىپ، ساف مادەن ھەقىقەتكە، چىقىندىلار ئىسە باتىلغا ئوخشىتىلىدۇ. مانا شۇڭا ئوخشاش ئىبرەتلىك مىساللارنى ئۆزىگە جەم قىلغان بۇ سۇرەدە يەنە گۈلدۈرماما ھەققىدە زىكر قىلىنىب، ھەتتا ئۇ ھەم ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىپ، ئۇ زاتنى پاكلاپ تۇرىشى بايان قىلىنىدۇكى، بۇ سۇرەنىڭ„رەئد - گۈلدۈرماما“ دەب ناملىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. بىزنىڭ نەزەرىمىزدە، بۇ ئۇلۇغ سۇرە تولۇقى بىلەن ھەم بىر دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدۇ. ئۇ گۈلدۈرماما مۆئمىنلەرنى يامغۇرغا — ئاللاھنىڭ رەھمەتىگە ئۇمىدۋار قىلسا، كافىرلارنى چاقماق ئۇرىشىدىن — ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىشدىن قۆرقۇۋغا سالىدۇ.


ئۇلىنىش تەھرىرلەش

سۇرە رەئد {{|url=https://web.archive.org/web/20160126211853/http://ayet.info/sure.php?id=13 |date=2016-01-26 }}

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
{{{1}}}
سۇرە رەئدنىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
{{{2}}}
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31

32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 4546 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61
62 ·
63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 · 78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88 · 89 · 90 · 91
92 ·
93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114