سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان (خاقانىيە: حضرت سلطان ستوق بغرا خان غازي) تەخمىنەن ھىجرى 309 (مىلادى 922) - يىلى توغۇلغان. ئالتە يېشىدا ئاتىسى تەڭرى قادىر بۇغرا خان بىر قېتىملىق بۇخارا سەپىرىدە ۋاپات بولغان. ساتۇق تۇل ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تاغىسى ۋە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خان بولغان ھارۇن بۇغراخاننىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان، 932 - يىلى ئۇلۇغ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە 934 - يىلى تۇنجى مۇسۇلمان قاراخانىي خاقانىدۇر. ھىجرىيە 344 (مىلادى 955/956) - يىلى ئەتراپىدا پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تىلغا ئېلىنغان بىر نەچچە تارىخىي مەنبەلەر بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى «سۇراھ» نامى بىلەن تونۇلغان، جامال قارشى (ت. 1230/31)نىڭ «مۇلھەقاتۇل سۇراھ» ئەسىرى، يەنە بىرى 11 - ئەسرگە تارىخلەنگەن ئەبۇ ئەلفۇتۇھ ئابدۇلغافىر ئىبن ئەل ھۈسەين ئەل ئالمائى قەلىمىدىن «تارىخى كاشغەر»، شۇنداقلا ئوسمانلى تارىخچىسى مۇنەججىمباشى تەرىپىدىن چاغاتاي ئىملاسىدا قەلەمگە ئېلىنغا «تەزكىرەئى بۇغراخان» قاتارلىقلاردۇر.

ھۆججەت:Sbughrahan.jpg
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان پورترېتى

مۇسۇلمان بولىشى

تەھرىرلەش

ئەبۇ پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۇسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ << قەشقەر تارىخى >> دىمۇ ئىنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىلى ئەلجەۋھىرىنىڭ << ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت >> ناملىق ئەرەپچە سۇزلىكنى پارىسچە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئىلىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەلىرىگە قارىغاندا ، سۇتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئۇغلى بۇلۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان ، ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇغۇلچاققا نىكاھلىنىلغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ھاكىميەت يۇرگۇزگەن . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قىچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۇتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يىقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سىلىشقا ئىجازەت بەرگەن . ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كىلىپ سودا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئىلىپ كەلگەن ماللارنى كۇزدىن كەچۇرۇش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۇقۇش ئەھۋالىنى كۇرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىدىن سۇئال سورىغان ، << سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۇكسەك پەزىلەتلىرىنى باياب قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەھسالامنىڭ سۇزلىرىدىن نەقىل ئىلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۇزلىگەن >> . ئۇغۇلچاقنىڭ جىيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۇزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان ، سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاساددىبىي يۇز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلىشقا باشلىغان . ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئىسلاملاشقاندىن كىيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۇز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يۇلى ئارقىلىق ئانا دىيار رايۇنىمىزغا كىرگەن . ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ماۋەرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چىگراسىدا يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھەربىي ھەركەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۇرۇكلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا سەۋەبچى بولغان ، بۇ ئەھۋاللار قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىكى تارىخى ئارقا كۇرۇنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۇرگەن .

يىگىرمە بەش يېشىدا

تەھرىرلەش

سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سىزىپ قالغان ئۇغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يۇل قۇيماسلىقنى بىلدۇرگەن سۇتۇق ئۇغۇلچاقنىڭ بۇ ھەركىتىگە قارتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۇزى بىلەن مۇسۇلمان بۇلغان 50 نۇكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئۇردا - قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانىنى تۇزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يىنىغا تۇپلىغان ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قۇلغا كەلتۇرۇپ ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۇپەيىتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بىشى تايانچ پۇنكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قۇشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان . ئۇ شەرت -شارائىت تەدرىجى پىشىپ يىتىلگەندىن كىيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۇشلەرنىڭ ماسلىشىغا تەيىنىپ ھەربىي ئۇزگۇرۇش قۇزغاپ ، قىدىرخان ئۇغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئۇردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئۇغۇلچاقنى قۇلغا ئىلىپ تەخىتنى تارتىۋالغان .

ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۇردى بەزىلىرىنى ئىمان ئىتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۇتۇنلەي سۇتۇقنىڭ قۇلىغا ئۇتتى . قەشقەر نۇپۇسىنىڭ يىرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بۇلغان قەشقەر خەلىقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەنلىكتىن تەنتەنە قىلىپ پۇتۇن قەشقەر خەلىقى سۇتۇق تىكىننىڭ ھاكىميىتىنى قۇبۇل قىلغان . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خانى دەپ ئىلان قىلىپ قەھىرمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قۇللاندى . ئىسلام دىنىنى دۇلەت دىنى قىلىپ ئىلان قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .

ھاياتىنىڭ ئاخىرى

تەھرىرلەش

مىلادى 840- يىلى ، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ئۇلۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ بىرلىكى شىكەست يېدى .15ياشلىق شاھزادە پانتىكىن ۋە ۋەزىر سارچىق باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى قېرىنداش تۇغقانلىرى بولغان قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا (ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەرىبى ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ) كۆچۈپ كەلدى . (قارلۇقلار ئەسلىدە مىلادى 766- يىللىرى يەتتە سۇ بىلەن سىر دەرياسىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى تۈركەشلەر ئىگەللىۋالغان زىمىننى قايتۇرۇپ ئېلىپ ، سۈيئاپ (بۈگۈنكى توقماق ) شەھرىنى پايتەخت قىلىشقان ئىدى . ) قارلۇقلار ئورۇنلاشقان جايلارنىڭ ئىچىگە تالاس شەھىرى ۋە تالاس ۋادىللىرىمۇ كىرەتتى . كۆچكەندىن كېيىن توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى يېڭىۋاشتىن ئارلىشىپ كەتتى . بۇلار مىلادى 870- يىللىرى قۇرۇلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىگە ئايلاندى .Ⅸئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارلۇق ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ خانلىق شەكىللەندى ، بۇ خانلىق " ئۇلۇغ " ، " كەڭ " ۋە " كۈت پېتىش تەرەپ " دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان " قارا " سۆزىنى ئۆز خانلىقىنىڭ نامى قىلىپ قاراخانىلار دەپ ئاتالدى . قاراخانىلار زىمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنەتتى . بىرىنجى قىسمى : قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم بولۇپ ، "خاقانىيە ئۆلكىسى " دەپ ئاتىلاتتى . ئىككىنجى قىسمى : سەمەرقەند ۋە تالاسنى مەركەز قىلغان غەربىي قىسىم ، ئۈچىنجى قىسمى : خوتەننى مەركەز قىلغان شەرقى جەنۇبى قىسىم ئىدى .

ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەل ئاشۇ بايانىمىزدىكى ئۇلۇغقاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىدى .

جامال قارشى يازغان << سۇرراھ لۇغىتىگە تۇلۇقلىما >> دىگەن كىتابىدىكى مەلۇماتقا قارغاندا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇۋىسى كۇل بىلىگ قىدىرخان << قۇز ئۇردۇ >> ( بالاساغۇندا ) مەركىزى ھۇكۇمەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى تۇركى قەبىللەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۇركى قۋملەردىن شاش << تاشكەنت >> رايۇنى ئىسلامنى بۇرۇنراق قۇبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۇننەھردە بۇرۇن ھۇكۇم سۇرگەن ئۇز ھاكىميەتنى كىڭەيتىپ سامانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بۇلغان شۇنى ئىيتىپ ئۇتۇش كىرەككى كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ ھۇكۇم سۇرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھىشقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس قامال قارشىنىڭ پىكىرىچە كۇل بىلىگ قىدىرخاندىن كىيىن ھاكىميەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئۇغلى قۇلغا ئالغان كۇل بىلىگ قىدىرخاننىڭ بارىز ( ئارىسلانخان ) ئۇغۇلچاق ( قىدىرخان ياكى بۇغراخان ) دىگەن ئىككى ئۇغلى بۇلۇپ بۇ تۇغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار بازىر ( ئارىسلانخان ) نىڭ بالاساغۇندا ئۇلۇغ خاقان سۇپىتى بىلەن ، ئۇغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كىيىن قەشقەردە ھۇكۇم سۇرگەن . مىلادىيە 893 - يىللىرى ئۇغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئۇتتۇرسىدا كۇپ قىتىم سۇقۇشلار بۇلۇپ ئۇتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشخال قىلىپ ، خۇتۇن بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بۇنىڭ بىلەن ئۇغۇلچاق ئارىسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۇتكەش بىلەن سامانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۇرگەن سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئۇغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۇز پاناھىغا ئىلىشقا ھەركەتمۇ قىلغان ئىدى .


ھۆججەت:Smqberisi.jpg
سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ مەقبەرىسى


سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار خاندىنلىقنىڭخاقانى بۇلغاندىن باشلاپ ، قاراخانلىيلار خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان ( ئىسسىقكۇل ئەتراپى ) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايۇنلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئۇمۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ، 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسۇ بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۇزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئۇيمانلىقىدا ئىسلام دىنى زۇر كۇچ بىلەن ئۇمۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتىختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەئۇننەھر ، خۇراسا ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى . << مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قۇيدى >> . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار > كىتابىدىن ئىلىندى )

سۇتۇق بۇغراخان دەۋرېدە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لىنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بۇي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇىيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۇزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قىتىمقى يۇرۇشتە خۇتەن بۇددىسى ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى ۋە قەدىمدىن بىرى بىددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بۇلغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ . ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بۇلسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زۇر كۇپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىغا ئىتقادىدا بۇلدى . سۇتۇق بۇغراخان خۇتەن ، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 - يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا ، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۇنىلىشى بۇيچە قۇشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۇتۇرۇپ ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرىققە يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار ، كۇرلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشخال قىلىپ ، تۇقسۇن يۇىلى بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن ( بايتاش ) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زۇر چىقىمغا ئۇچۇردى . سۇتۇق بۇغراخان بۇددىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۇچۇن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا << ئالىپ تىكىن >> ( قەھىرمان شاھزادە ) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بۇي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن . سۇتۇق بۇغراخان ئۇز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم ، سىياسىيۇن ، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ ، مىلادىيە 955 - يىلى ئالەمدىن ئۇتتى . ئۇنىڭ جەستىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بۇلغان << گۇمبەز تۇل خاقانىيە >> ناملىق ھۇكۇمدارلار گۇمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .

ھۆججەت:Sjamisi.jpg
ساتۇق بۇغراخان جامىئەسى

سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ، جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان . شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ ئۇ ھەققىدىكى قوشاقلار ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە :

ئاتۇش دېگەن ئوبدان يۇرت ،

دۈشەنبە بازارى بار .

غېرىپلارنى قوللايدۇ ،

ھەز سۇلتان مازارى بار...


ھەز سۇلتاندا تۇغ -ئەلەم ،

قولىدا قىلىچ -قەلەم .

يىغلىماڭلار ياش باللا ،

ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالەم .


سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى قىستۇرما :

سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۇتكەندىن كىيىن چۇڭ ئۇغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇكەرىم بۇغراخان ( تۇرۇكچە ئىسىمى بايتاش ) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئۇلتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلار پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى . مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۇتكۇر سىياسەتچىلەردىن بۇلۇپ ، كۇپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلارنىڭ تەختىگە چىققاندىن كىيىن بىر قەدەر مۇكەممەل بۇلغان دۇلەت مەمۇرىي تۇزۇمىنى بەرپا قىلىپ ، كۇپ قاتلاملىق ، كۇپ شەكىللىك ئىجدىمائىي تۇزۇمنى بىكىتتى . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۇقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھۇقۇق بەردى . قاراخانىيلارنىڭ ئىجدقمائىي تۇزىمىدە مەمۇرىي تۇزۇمنى ئۇڭۇشلۇق يۇلغا قۇيۇش ئۇچۇن بىر قاتار قانۇن تۇزۇم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۇزۇملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىميىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزى ھۇكۇمەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىننىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زۇر كۇچ بىلەن كېڭەيتىكەن . خۇتەندىكى بۇددىسلارغا جىھات قىلىپ خۇتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۇزگەن . ئۇ ئالىپ تىكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قۇشۇننى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇستىدە يۇرۇش قىلىپ ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشخال قىلغان . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايۇنلارغا يۇرۇش قىلدى . قاراخانىيلار قۇشۇنى ئىلىنى ئىشخال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۇرۇپ چىقىرىپ . ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۇركلەرنى ئۇرۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئۇتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بۇلدى ئالىپ تىكىن قاتتىق جەڭلەردىن كىيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشخال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئۇزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قىلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بۇلدى .

ئۇيغۇر تارىخي مەنبەلەردە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۇچۇن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئىلىپ بارغان بىر قىتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئۇغلى ئەبۇ فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۇرسۇتۇپ شىھىت بۇلىدۇ . ئالىپ تىكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئىتىكىدە بۇلۇپ ، ھازىرمۇ خەلىقلەر بۇ مازارنى << ئەل فەتتاھ غۇجام >> مازىرى دەپ ئاتايدۇ .

ئالدىدا كەلگەن قاخانىي خاقانى كەينىدىن كەلگەن
بازىر ئوغۇلچاق خان ساتۇق بۇغراخان مۇساخان

پايدىلانغان ماتىرىياللار

تەھرىرلەش
  1. مەھمۇت قەشقىرى: "تۈركىي تىللار دىۋانى"
  2. ۋاھىتجان غوپۇر ،ئەسقەر ھۆسەيىن: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تىزمىللىرى"
  3. سەيپىدىن ئەزىزى: "سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان"
  4. ئايچىۋەر: "قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى"

مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار