سۇلۇك ياكى ئېغىز تىلىدا سۈلۈك (ئەرەبچە: السلوك) يول ئېلىش، يۈرۈش مەنىسىدە بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملىرى تۇتقان يولدا مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇف ئەھلىمۇ ئۇنى بىلئىتتىپاق مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «بەندىنىڭ دۇنياغا بېرىلىش، ھەسەت، كىبىر، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، كۆرەڭلەش، يالغانچىلىق، غەيۋەت ۋە زۇلۇم قاتارلىق گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى پاكلاش، نەپسىنى ئىلىم - مەرىپەت، ھايا، رازىمەنلىك، ئادالەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت». ئاپتورمۇ مۇشۇ مەنىنى كۆزدە تۇتقان. بۇ يولدا مېڭىپ ئۆزىنىڭ نەپسى - خاھىشى ۋە شەھۋەتلىرىگە قارشى ئىش تۇتۇپ تائەت - ئىبادەت ۋە زىكىر ئارقىلىق ئاللاھقا قاراپ ماڭغۇچى «سالىك»، تۇتقان يولى بولسا «مەسلەك» دەپ ئاتىلىدۇ[1].

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ئىمام تەھانەۋىي: «كەششافۇ ئىستىلاھاتىل فۇنۇن»، 1 - توم، 969 - بەت