سۇمۇرغنامە


1

ئاھ، سۇ . ئالىمى قاسراقلىرى بىلەن تولغان دېڭىز قەبرىستانى .

سەن قەدىمكى ئالەم رېئاللىقى، ھازىرنىڭ گۈزەل ئەپسانىسى . مەن ئۇلۇغ ئىران شائىرى سەئدىنىڭ بەختىيار داستانى «گۈلىستان»دىكى مۇنۇ جۈملىلەردىن ھاياجانلىنىمەن : «سۇمۇرۇغلارنىڭ تۇخۇمى قۇرىغان ھالەتتىمۇ، كىشىلەر ھۇۋقۇش قانىتى ئاستىدا ئارام ئېلىشنى خالىمايدۇ» .

مەن كاككۇكنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىم، مارجانلار قىسمىتىگە تەئەججۈپ قىلدىم، جاھاننەماغا قىزىقتىم .

كەل سۇمۇرغ، ساڭا ئالتۇن كۇكۇلىلىق بالىدەك مىنىپ ئۇچاي، ئاسمان قەرىدە تۇرۇپ زېمىنغا قارايلى . بەلكى، زېمىن ساماۋى ئالەم مۆتىۋەرلىرىگە باشقىچە كۆرۈنىدىغاندۇ . . .

2

سۇمۇرغقا مىنىپ ئۇچقىنىمنى كۆرۈپ، گۈزىلىم، مېنى تاشلاپ كەتتى دېمىگىن . مەن سېنى تاشلىيالمايمەن . يۈرىكىم پىلتىڭلاپ، كۆزلىرىم مىدىرلاپ تۇرغىنىدىمۇ، ھەتتا ھاياتىم ياۋا گىياھتەك قايتا ئۈنۈپ، قايتا تەكرارلانغىنىدىمۇ سېنى تاشلىيالمايمەن .

سۇمۇرغقا مىنىپ ئۇچقىنىمنى كۆرۈپ، گۈزىلىم، مېنى ساما خەزىنىسىدىكى گۆھەر سايلىقىغا كەتتى دېمىگىن . مەن موھتاجلىق دەشتىدە ھالسىراپ يىقىلغىنىمدىمۇ گۆھەر تاشلارغا قول ئۇزاتمايمەن .

سۇمۇرغقا مىنىپ ئۇچقىنىمنى كۆرۈپ، گۈزىلىم، مېنى ئاققۇغا مىنگەن براخماغا ياكى توزغا مىنىپ يۈرگەن جەڭ ئىلاھىغا تەققاسلاپ ماختانما . مەندە شۆھرەت شەپىقىدە ئويناپ، كىبىرلىك بۇلۇتىدىن ھالقىش نىيەتلىرى يوق .

گۈزىلىم، سۇمۇرغقا مىنىپ ساماغا كۆتۈرۈلگىنىمدە، كۆزۈمدە مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئىككى تامچە ياشنى كۆرگەنسەن . ئۇ مېنىڭ شۆھرىتىم، ئۇ مېنىڭ گۆھەرلىرىم . . .

3

ماڭا پەرىدوننىڭ بايلىقى، جەمشىتنىڭ ئەيش - ئىشرىتى، كىلىتمىنسترانىڭ گۈزەللىكى، خادىنتاينىڭ خەير - ساخاۋىتى كېرەك ئەمەس .

ماڭا كېرىكى سېنىڭ قەلبىڭ . ئۇ، يەر بىلەن كۆك ئارىسىدىكى چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك .

4

گۈزىلىم، ئالتۇن سۈتىدە پەرزاتتەك چۆمۈلۈۋاتامسەن .

ياق، سامان ئىچىدىن دان تېرىۋاتىمەن .

5

مەن سېنى سۆيىمەن . سېنى سۆيمەسلىك ئېغىر گۇناھ . مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدە سەمىمىي - ساداقەت، مەردانە شەيدالىق، شېرىن لىرىكا ۋە چەكسىز ئوماق تەلپۈنۈش يوشۇرۇنغان . ئۇ ئوتلۇق گۈل، قانلىق چېچەك، كۆز يېشى غۇنچىسى . . .

مەن سېنى سۆيىمەن . باشتا بارلىق گۈزەللەردىن _ ئەپسانىۋى ياكى ھەقىقىي، شېئىر ياكى ھاياتتىكى باشقا بارلىق گۈزەللەردىن زوقلىنىپ تەسىرلىنىمەن . بىراق، مېنىڭ سۆيىدىغىنىم جىگدە پۇرىقى ئىچىدە ئۆسكەن، قاراقۇمچاق ۋە ماڭا ئاھاڭداش بولغان يېگانە سەنلا . مۇھەببەت قۇشى ئۆز ئورمانلىقىدا خەندان ئۇرىدۇ .

6

سەن ئاياللىق يۇلتۇزى . سەن ئۇسسۇل ئىلاھى .

سېنىڭ تەپەككۇرۇڭ تەبىئەتنىڭ مونولوگى، سېنىڭ ئۇسۇلۇڭ تۇرمۇشنىڭ تراگېدىيىسى، سېنىڭ ھاياتىڭ ئەركىنلىكنىڭ شەجەرىسى .

سۆيۈملۈكۈم، خۇپىيانە سۆزۈمنى ئاڭلا : مېنىڭ سۆيگۈم تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ لەرزىسى ئەمەس، ئۇ مۇھەببەتنىڭ پىشقان قىيامى .

مېنىڭ ئارزۇيۇم سېنىڭ بىلەن شادىيانە خورنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈش .

7

مۇھەببەت بوستانىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن چېغىڭدا مۇسەللەس ئىچكىن .

مۇھەببەت مەيدانىدا پاجىئەگە يولۇققان ۋاقتىڭدا ھومېرنىڭ ئىزىدىن ماڭ .

شېئىرىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى موھتاجلارغا ئاتالغان ھامىيلىق .

8

گۇگۇم قوينىدا كەنجى ئوتقاش . بۇلۇت كەينىدە تۇنجى گۈلدۈرماما بېشارىتى . ئېقىن سۇلار ھالسىزلانغان، قىرچىن تاللار شامالنىڭ مەيلىگە تۇتقۇن بولغان، تۈن يېقىنلاشقان . مەن ۋەھشەت ئىچىدە ۋارقىرايمەن، يېنىپ - يېنىپ ۋارقىرايمەن . يىراقتىن كۈچەيگەن ئەكس سادا، سىرلىق ۋە دەھشەتلىك ئەكس سادا ۋارقىرايدۇ، يېنىپ - يېنىپ ۋارقىرايدۇ . ئۇ ئېھتىمال قامچىلانغان پرومىتۇس . . .

9

خارلىغۇچىلارنىڭ خارلانمىغىنىنى كۆرەي ! خارلىق ساقلىنىپ تۇرغان ئالەمدە خارلىغۇچىلارمۇ خارلىنىدۇ . خارلانماسلىقنىڭ يولى خارلىماسلىق .

10

مۇھەببەت پەرىشتىسى ئافرۇدىتا قەلبىمدىن ئۈمىد چىرىغىنى ئېلىپ كەتسە كۆڭلۈم قاراڭغۇلىشىدۇ . تېڭىرقايمەن، تەمتىرەيمەن . ئۈمىدسىزلىك مۇھەببەتتىن ئايرىلغانلىققۇ . . .

ھاۋا گۈلدۈرلىگەن كېچىسى قەلبىمگە ئىلھام مۇئەككىلى موسىينىڭ چىرىغى يېقىلىدۇ، مەن ئىشق مەجنۇنلۇقىدىن ئىجادىيەت ئاگالىقىغا كۆتۈرۈلىمەن . مۇھەببەتسىز ئىلھام بولاتتىمۇ . . . مەن شۇ چاغدىلا ئافرۇدىتا نامىغا مۇھەببەت ۋە ئەرك، ھېسسىيات ۋە ئىدراك كەشتىسى توقۇيمەن .

ئىشق مەغلۇبىيىتىدىن ئىلگىرى ھەقىقىي ئىلھام غەلىبىسىنى كۈتۈپ بىھۇدە ئاۋارە بولمىغىن !

11

ئۈمىدسىزلىكنى نۆل قىلىپ، سەن مۇھەببەتكە نەزەر سالغىنچۇ .

ئۇ _ مۇھەببەت _ تولغان روھىي خەزىنە !

ئۈمىدسىزلەرگە ۋارقىرايمەن : مۇھەببەت ئاداشقان يەلكەننىڭ ئالدىدا كۆرۈنگەن ئالتۇن قىرغاق !

ئۈمىد خىيالچىلىرىغا پىچىرلايمەن : ئۈمىد چەكسىز ئۈمىدسىزلىك مازغاپلىرىدىن ھاسىل بولغان زۇمرەت قەلئە . . .

12

گۈزەل كۆزلەر، نازىنىن كىرپىكلەر، شېرىن كۈلكىلەر، ئاچچىق ياشلار . . .

بىللە كۈلگىنىمىز تېخى مۇھەببەتنىڭ شاھىتى ئەمەس، پەقەت بىللە ئاققان ياشلىرىمىزلا ئۇنىڭ ئالامىتى . . .

سەن بىر گەۋدىدىن ئىككىمىزنى ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەنگىنىڭدىلا، ئاندىن مېھرىبانلىق ۋە ساداقەت ھېس قىلالايسەن . مۇھەببەتنىڭ ئۇلى ساداقەت .

13

تىنچ ئاۋغۇست كېچىسى . مامۇق بۇلۇتلار قۇچىقىدا ئاينىڭ مۇلايىم شولىسى .

سەن شىرداق ئۈستىدە تەبەسسۇم قىلدىڭ، ئېغىر تىندىڭ، كۆزۈڭگە ياش ئالدىڭ .

مەن بەزىدە ئاق رەنا گۈلىدەك ئاقىرىپ، بەزىدە قىزىل ئەتىرگۈلىدەك قىزىرىپ كەتتىم .

سەن ئاينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدىن بىھوش ئىدىڭ .

مەن ئاي شولىسى ئاستىدىكى شېرىن چۈشۈڭدىن مەستۈن ئىدىم .

14

گۈل بەرگىدە قان شەبنىمى تۇراتتى .

رەشك ئۇنىڭ قەلبىنى كۆيدۈرەتتى .

سۆيگۈ ۋە ھەسەت گۈزەللىك ئۈلگىسىنى دەۋر قىلاتتى .

15

كۆپ ئەجىر قىلدىڭ، ئۇزۇن يوللارنى كەزدىڭ، ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتىڭ، ھەشەمەتلىك قامۇسلارنى يازدىڭ . . .

ئادەم ئۆز پەرزەنتلىرىگە پەخىرلىنىپ شۇنداق پىچىرلىدى .

ئالدىڭغا قارا، ئالەم مۈمكىنلىكلىرى، كامالەت غايىلىرى ساڭا ئىلھام بېغىشلىماقتا . قىلغانلىرىڭ تېخى بوۋاقنىڭ سۈتتىن ئاجرالغىنىچىلىكقۇ . . .

ھاۋا ئۆز پەرزەنتلىرىگە يىراقنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى .

16

باھار _ تەبىئەتنىڭ گۈزەل پەسلى .

باھار _ جانلىق تەبىئەتنىڭ مۇھەببەت مەۋسۇمى .

سەن قوزغايسەن، ئۈمىد - ھەۋەس، مۇھەببەتنى،

قوزغايسەن دەردلىك دىللاردىكى جاراھەتنى . . .

17

سەن بۇلبۇل، ئاۋازسىز، تىنجىق كېچىدە سايرىغان تەنھا بۇلبۇل .

سەن يۇلتۇز، ئايسىز، بۇلۇتسىز كېچىنى يېرىپ چىققان يۇلتۇز .

ئاي چىقتى، دېڭىز تاشتى، قۇلۇلىلەر لەرزىگە كەلدى، ياپراققا شەبنەم مارجانلىرى چۈشتى .

تاڭ ئاتتى، لالە يۈزىدە ھەرە ۋە كېپىنەك ماجىرالىرى قوزغالدى .

مانا بۇلبۇل نامسىز دەريا لېۋىدە گۈل ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇدى .

يۇلتۇزلارمۇ يىقىلغان چىنار بىلەن بىللە يەرگە سىيرىلغاندۇ . . .

18

سەن مۇھەببەتنىڭ مۇناسىپ مەشۇقى، ئۇنىڭ تەمەنناچىسى ئەمەس .

خۇشاللىقنىڭ يېنىك تەبەسسۇمى لېۋىڭنى سۆيۈپ ئۆتكەندە نېمىلەرنىدۇر ئويلىدىڭ، كۆز يېشىڭ ئوماق مەڭزىڭگە چۈشۈپ تىترەپ كەتتى . تەبەسسۇم ۋە كۆز يېشىڭ ئۇچراشقان جايى تېڭىرقاشنىڭ تۆت كوچا ئاغزى . تاغ سۈيى شەھەر ئارىسىدىن ئۆتكەندە كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرغانلىقىڭنى كۆردۈم . خۇشاللىقلىرىڭ ئاخىر كۆز ياشلىرىڭ ئىچىگە غەرق بولدى .

مەن مۇھەببەتنىڭ مۇناسىپ ئاشىقى، ئۇنىڭ خۇشامەتچىسى ئەمەس .

پەرىشتەم، كۆز ياشلىرىڭ يۈزۈڭنى ياشارتىدۇ . ئۇ خۇشاللىقلارنىڭ خەۋەرچىسى !

19

زەھەردەك سۆزلىرىڭ ئىسلار دىلىڭنى،

بال بىلەن يۇساڭمۇ ھەتتا تىلىڭنى .

ئىزگۈلۈك جەۋھىرى بەخت دەپ بىلمەس،

مىنسەڭمۇ ئالتۇندا قاپلاپ پىلىڭنى .

ئادەمنىڭ ھايۋاندىن بەخت بويىچە پەرقى مەئىشەتتە ئەمەس، مەنىۋى لەززەتتە . ئۇ ۋىجدان ساپلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچ، ئۇ ۋىجدان يۈكسەكلىكى توغرىسىدىكى خاتىرجەملىك، ئۇ ۋىجدان ئازادىلىكى خۇسۇسىدىكى شاھىت، ئۇ ۋىجدان ئازادلىقى ھەققىدىكى جىمجىت مەمنۇنىيەت .

سەن بەختسىزلەرنى نوقۇل ساخاۋەتكەشلىك بىلەنلا بەختىيار قىلالمايسەن .

20

ئېھ، گۈزىلىم !

سەن گۈزەللىكنىڭ نادىر ئۈلگىسى ! سېنىڭ قەددى - قامىتىڭ، ھۆسن - چىرايىڭ، چاچ ۋە زىننەتلىرىڭ، سۆز ۋە سۈلكەتلىرىڭ، كۈلكە ۋە تەبەسسۇملىرىڭ گۈزەل، گۈزەل .

سەن گۈزەللىكنىڭ نادىر ئۈلگىسى ! سېنىڭ قەلبىڭ - زېھنىڭ، ھېس ۋە تۇيغۇلىرىڭ، مىجەز ۋە رىتىملىرىڭ گۈزەل، گۈزەل .

سەن تىنىق ئاسماندەك روشەن، تەلپۈنۈپ تۇرغان گۈلدەك سۆيۈملۈك .

سەن مەنىۋى گۈزەللىكنى ھاجەتسىز كەمتەرلىكى بىلەن يوشۇرۇپ تۇرغان سىپايە ئادەمدەك ۋە ياكى ئۆز گۈزەللىكىدىن تەمەننا قىلىپ كىرپىك ئوقىدا كىبىر ئوينىتىپ تۇرغان سەتەڭلەردەك ئەمەس، بەلكى بۇژغۇن چېچىپ تۇرغان تاغ سۈيىدەك ئوچۇق - يورۇق گۈزەلسەن .

مېنىڭ يارىتىۋاتقىنىم ھەيكەل ئەمەس، سېنى ئەنداز قىلغان تەسۋىرىي ئىلاھ .

مېنىڭ سۆيگىنىم تەسۋىرىي ئىلاھ ئەمەس، ئۇ ماڭا ئۈلگە بولغان ھەقىقىي ئادەم .

21

سۇمۇرغلار ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپ ئۆلگىنىدە ئەسىرلەرگە شاھىت بولىدۇ .

سۇمۇرغلار ئوت ئىچىدە قايتىدىن تۇغۇلغىنىدا ئەسىرلەرنى شەرھلەيدۇ .

سۇمۇرغلارنىڭ ماكانى ئەقىل ئورمانلىقى، تەپەككۇر تاغلىقى . . .

22

كەل مېنىڭ سۇمۇرغىم، زامان ئىچىدە ئۇچۇپ، ماكان ئىچىگە نەزەر سالايلى .

سېنىڭ قاناتلىرىڭ توزدىن كۆركەم، سېنىڭ گەۋدەڭ ئاققۇدىن گۈزەل، سېنىڭ قەلبىڭ مەغرۇر سىفىنكىس ( سىرى ئېچىلمىغان قەدىمكى مىسىر خارابىلىرى )تەك دەھشەتلىك تېپىشماقلاردىن خالىي، سېنىڭ ئىرادەڭ شىر سۆڭىكىدىن مەھكەم .

كەل سۇمۇرغىم، بىز ئۇچايلى، تەپەككۇر ئاسمىنىغا، سېنىڭ كارامەتلىك ئۇۋاڭغا قاراپ ئۇچايلى !

سەن مېنى كىشىلەر تەپەككۇرىدا ساقلانغان تارىخ قامۇسىغا ئېلىپ كۆتۈرۈلگىنىڭدە كەلگۈسىنى ئۇنتۇماي . . .

سەن مېنى ساما بوشلۇقى قەرىگە ئېلىپ ئۇچقىنىڭدا ئانا سەييارىنى ئۇنتۇماي . . .

مەن ئىنسانىيەتنى نەزەردە تۇتىمەن . ئۇ مېنىڭ جىسمىمدا تىنىمسىز سوقۇۋاتقان ھەقىقىي يۈرەك . مەن زېمىننى نەزەردە تۇتىمەن . ئۇ مېنىڭ يۈرىكىم جايلاشقان جىسىم .

23

مانا تارىخنىڭ چىن ئەپسانىسى !

مانا تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى !

ئاھ، ئادەم ! ۋاھ، ھاۋا !

مەن مىلتون ( غەرب ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شائىر )نىڭ داستانىنى سۆزلىمەيمەن، تەۋرات ۋە ئىنجىل ئەپسانىلىرىنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن .

سەن يىلان شەكلىگە كىرگەن ئېزىتقۇنىڭ ئاداشتۇرۇشى بىلەن ئېرەم بېغىدىن زېمىنغا سۈرگۈن بولغىنىڭغا سەۋەب بولغان ئالما ھېلىمۇ ئالدىمدا تۇرۇپتۇ . بۇ يىلاننىڭ ئىسمىنى سەنمۇ بىلمىدىڭ، مەنمۇ بىلمەيمەن .

مۇشۇ ئالمىغا ئالتۇن يالىتىپ ترۇيا ئۇرۇشىغا سەۋەب، ئىلاھلار ئارىسىغا رەشك سالغان پىتنىخورلۇق ئىلاھى ئىرىدا شۇ يىلاننىڭ ئۆزى ئەمەسمىدۇ ؟

ھىندى دەريا ۋادىسىدا گۈزەل مەلىكە شىدۇنى ئۆزىگە جەزب قىلىپ، ئۇنى رامادىن ئايرىپ مايمۇنلار پادىشاھىغا ئەسىر قىلغان زۇمرەت مۈڭگۈزلۈك كېيىك قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالۋاستى مارىجۇ ئاشۇ ئىرىدانىڭ ئۆزى ئەمەسمىدۇ ؟

«ئاۋىستا» دەستۇرىدىكى ئەخرەمەن دىۋە، «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئاق دىل ئاماننى تايغان قىلىپ قويغان جادۇگەر ۋەزىر، فائۇست ( نېمىس شائىرى گيۇتېنىڭ «فائۇست» داستانىدىكى قەھرىمان )نى ئازدۇرغان موفىست ( «فائۇست» داستانىدىكى قەھرىمان )، رۇستەم بىلەن ئاتىسى زالنى بىر - بىرىگە خەنجەر ئويناتقۇزغان ئازغىن ھەسەت، مېنى ساڭا خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن غەرەز ھېلىقى ھاۋانى ئالداپ كەتكەن يىلاننىڭ ئۆزى ئەمەسمىدۇ .

بۇ يىلاننىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن . ئۇنى سەن بىلمىگەندەك ئەۋلادلىرىڭمۇ بىلمەيدۇ .

كىشىلىك ئۇيقۇسىدا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن كۆپ قېتىم داغدا قالغان .

كىشىلىك ئۇنى ئىزدەيدۇ . ئۇنى چۈشەنمەي، ئۇنى يەڭمەي، خاتىرجەم بەختنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .

ئېھتىمالىم، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىدۇر . كىم بىلسۇن، ئۇمۇ ھېس بىلەن تەپەككۇر، نىيەت بىلەن قىلمىش ئارىسىدىدۇر . . .

24

يەھۋەنىڭ ئېرەم بېغىدا ئاجايىپ ئىككى تۈپ مېۋە دەرىخى كۆزگە تاشلىنىدۇ . ئۇنىڭ بىرى «بىلىم» دەرىخى، ئۇنىڭ مېۋىسىنى تېتىساڭ ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىسەن . ئۇنىڭ يەنە بىرى «ھايات» دەرىخى، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېسەڭ ئۆلمەيسەن .

يەھۋە ئۆزى ياراتقان ئادەم بىلەن ھاۋاغا بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماسلىقنى بۇيرۇدى . ھاۋا «بىلىم» ئالمىسىنى يېدى، بىلمەكلىك ئىقتىدارىغا ئېرىشتى . ئادەممۇ ئۇنى يېدى، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ھېكمىتىنى سەزدى .

يەھۋە غەزەپلەندى، ئۇلار زېمىنغا ھەيدەلدى .

يەھۋە ئەندىشە قىلدى : ئۇ «ھايات» دەرىخى ئەتراپىغا تىكەنلىك قاراۋۇل قويدى .

ھەيرانمەن : تەپەككۇر كورلۇقى، ئەرك قۇللۇقى، كۆڭۈل بەندلىكى، جەننەت پاراۋانلىقىنىڭ شەرتىمىدۇ ؟

مەن روھلىنىمەن : ئۇلار جەننىتىدىن ئايرىلدى، بىراق مۇھەببەتلىرىدىن ئايرىلمىدى . ئۇلار ئاپىرىدە بولۇپلا ئىنسان مەشئىلىنى يېقىپ، ئەقىل تۇغىنى كۆتۈرۈپ، ئەرك تۇلپارىغا مىنىپ، ۋىجدان ئىپتىخارىنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئەرشتىن چۈشتى . زېمىن ئۇلارنىڭ جەڭ مەيدانى !

25

ئاھ، نۇھ ! ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى .

سەن ئادەمنىڭ بىرىنچى ئەۋلادلىرىنىڭ قازا نامىزىنى ئۇزاتتىڭ، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوغۇنىنىڭ ئىسمىنى قويدۇڭ .

بوي ئەگمىگەنلەردىن شۇنچىلىك بىزار بولۇپ، ئۇلارغا توپان ھالاكىتى تىلىگىنىڭدە يۈرىكىڭ تىترىمىگەنمىدۇ . تىترىمىگەن بولسا، ئۆزۈڭ ياسىغان كوزىلارنى بىر - بىرلەپ چېقىشقا ئەجەبا كۆڭلۈڭ قىيماي بىئارام بولدۇڭ . ئۆز ئىجادىيىتىڭگە قىيماي ئۇنى سۇندۇرۇشقا پېتىنالماي تۇرۇپ، تەڭرى ئىجادىيىتى بولغان ئادەم ئەۋلادىنى غەرق قىلىشقا بەل باغلىغان سەزگۈلىرىڭگە ھەيران بولىمەن .

مانا _ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ _ ساپال ۋە تۇچ ياساپ پىشقان _ يېڭى ئىنسانىيەت . ئەمدى دەھشەتلىك توپان ئىچىدە سېنى ساقلىغان كېمە، ھەيۋەتلىك ئوتلۇق دېڭىز ئاستىدىن ئەمىنلىك تاپالارمۇ ؟ مەن ۋەھىمە قىلىمەن . ئېھتىمال يەھۋە ئۆزىلا بۇ كوزىلارنى چېقىۋاتقان بولسا كېرەك . مەن ۋەھىمە قىلىمەن . ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئالدىدا بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرىنى يەھۋە ئىلكىدىن ئوغرىلاپ قاچىدىغان پرومىتۇس چىقماسمۇ .

ئېھ، پرومىتۇس ! گەرچە سەن تەۋراتتا يېزىلمىساڭمۇ ئىنسانىيەت سېنى ئۇلۇغلايدۇ .

26

ئەنە، سېرىق دەريا بويىدىكى ئەزىمەت گۇڭگۇڭ ( خەنزۇ خەلق ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمان ) . ئۇ ئاسمان تاۋىقىدا يۇلتۇزلارنى بىر تەكشى كۆتۈرۈش غېمىنى يەۋاتامدىكىن .

ئەنە، ھىندى ۋادىسىدىكى شەپقەتلىك راما . ئۇ ئىنساننىڭ غېمىنى يەپ ئاجايىپ مايمۇ پادىشاھى كىنۇمان بىلەن سۆزلىشىۋاتامدىكىن .

ئەنە، قەھرىمان رۇستەم، سىياۋۇش، ئەپراسىياپ ۋە بۇغراقاراخان . ئۇلار تەقدىر سەھىپىلىرىگە يېڭى ئىرىگلىفلار سىزىۋاتامدىكى .

ئەنە، گىراكىل، يازون، ئودىسسا . ئۇلار ھېلىمۇ زەھەرلىك يىلاننى سىقىمداپ، ئاپەت ئۇرۇقلىرىنى تازىلاپ، ئېزىتقۇ ئالۋاستىلارنىڭ ھىيلىسىدىن ئىنساننى مۇھاپىزەت قىلىۋاتامدىكى .

ئەنە، يەھۇدىلارنىڭ مۇساسى تەۋراتقا تۇتۇنۇپ، مۇزىكانت سۇلايمان ئۆز قەسىدىلىرىنى بېزەپ، داۋۇت ئاجايىپ مەخلۇقنى يېڭىپ، ئىنسان بەختىنىڭ ئۇلىنى قوغداۋاتامدىكى .

سۇمۇرغ ئىتتىك - ئىتتىك ئۇچۇپ كەتتى .

تەئەججۈپ قىلدىم، ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا غەش .

يىراقتىن كۈلكە ئاۋازى، رومكا جاراڭلىشى، يىغا - زار، مۇناجات نالىسى ئاڭلاندى .

ئەزىمەتلەر ماكانى بولغان گۈزەل زېمىندا ئىنسان غېمىنى قىلىش پەقەت تالاۋەت مۇئەككەللىرىنىڭ ئىقتىدارسىز نامىغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالغانمىدۇ . . .

ئەزىمەتلەرگە ئىنسانىيەت موھتاج .

ئەزىمەتلەرنى ئىنسانىيەت ياساپ چىقىدۇ .

ئەزىمەتلەرنى ئىنسانىيەت نۇھنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ چاققىنىدەك ئۇرۇپ چاقىدۇ .

ئەزىمەتلەرنى ئىنسانىيەت كېچىكىپ مەدھىيىلەيدۇ .

27

قېنى ھاراق پىرى باللوس ( گرېك ئەپسانىلىرىدىكى ھاراق - شاراب ئىلاھى ) . توشقۇزۇپ قۇيغىن، يۇرتۇمنىڭ مەيزىپىنى سېغىندىم .

گانگى دەرياسىنىڭ گۈزىلى ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرمىدى . جامىمغا قۇيۇلغىنى «ماخاپخاراتا» ( ھىندىلارنىڭ قەدىمكى داستانى ) جەڭلىرىدىكى ھېسابسىز قانلارنىڭ تامچىلىرى بولدى .

چۈييۈەننىڭ «ماندارىن قەسىدىسى»دىن زوقلىنىپ مەيگە تەلمۈرسەم، گۇيخۇا شارابى ( چۈييۈەننىڭ شېئىرلىرىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خىل شارابنىڭ نامى )نى كۆتۈرۈپ چىققىنى شياڭجۈن ( خەنزۇ ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى قەھرىمان ) بولمىدى، مەن دەريا ئىلاھىنىڭ كۆزىدىن ئاققان مۇلۇجياڭ ئۆركەشلىرىدىن بىئارام بولدۇم .

يىراققا، ئۇلۇمپىيە تېغىغا ئۇچۇپ كەتتىم . كۈلكىلىرىدىن مۇزىكا ياراتقان ئىلاھلار ئارىسىدىكى ھەسەت مېنى سەسكەندۈردى .

مىسىرغا بېرىپ كىلوپاتېرا ( قەدىمكى مىسىر مەلىكىلىرىنىڭ بىرى )نىڭ زىبا جامالىنى كۆرمەكچى بولدۇم . بىراق، سىفىنكىس تېپىشماقلىرىدىن خاۋاتىر قىلمىساممۇ، زىبانىڭ يۈزىدە پىتراپ يۈرگەن ھۆسن ھەرىلىرى رايىمدىن قايتۇردى .

يەنە سۇمۇرغ بىلەن تارىخنى ياقىلاپ ئۇچتۇق . زېمىن خۇددى تارىخنىڭ سۈرەت ئالغۇسىدەك ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى . تارىخ ئالدىدا شەيتاننىڭ ھىيلىگەرلىكى، سۇلايمان تىلسىمى ئۆزىنى يوشۇرالمىدى .

قېنى ھاراق پىرى باللوس، ماڭا ئۈزۈم شەربىتى قۇي . شېئىرىيەت ئىلاھى مۇسىي مېنى ئافىنا شەھىرىنىڭ ئوچۇق تىياتىرىغا چىللاپ تۇرۇپتۇ . يېپىق دەھشەتلەردىن يەتكۈدەك تويدۇم .

28

مەن قانۇن ئىلاھى ئافىنا ( گرېك ئەپسانىلىرىدىكى باش قەھرىمان ) ئالدىدا تۇرىمەن .

ۋاپاسىز كىلىتمىنسترا ( گرېك ئەپسانىلىرىدىكى باش قەھرىمان ) خۇپىيانە مۇشتىقى ئېگىس ئۈچۈن قەھرىمان مەھبۇبى ئاگامىنۇن ( كىلىتمىنسترانىڭ ھامىيسى )نى ئۆلتۈردى . كىلىتمىنسترا ئاگامىنۇننىڭ ئوغلى ئورىست تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .

ھامىيلاردىن ئېرىن ( گرېك ئەپسانىلىرىدىكى باش قەھرىمان ) كىلىتمىنسترانى، ئاپوللو ئورىستنى ئاقلاشتى .

ئىسخولىس ( قەدىمكى گرېك پەيلاسوپى، درامىچىسى، غەرب دۇنياسىدا تراگېدىيىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ )نىڭ تراگېدىيىلىرى ھاياجانغا سالسا، سۇفىكلىس ( دۇنياغا داڭلىق «ئورىپىئوس» درامىسىنىڭ ئاپتورى، قەدىمكى گرېك پەيلاسوپى )نىڭ «ئورىپىئوس» درامىسى مېنى مەيۈسلەندۈرىدۇ . ئىرۇفىدۇس ( قەدىمكى گرېك شائىرى، دراماتورگى، داڭلىق ئەسەر «مىدۇيا»نىڭ ئاپتورى ) «مىدۇيا»سى كۆزۈمدىن يامغۇردەك ياش تۆكىدۇ .

ئوچۇق تىياتىر ئالدىدا تۇرىمەن . تەقدىرنىڭ خۇپىيانە سىرلىرىدىن ھەسرەتلىنىمەن .

ئافىنادىن رىمغا كەتتىم . قەيسەر ( رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ) زامانىدىمۇ، ھەتتا ئاتىللا ( ياۋروپانى ئىستېلا قىلغان ھونلارنىڭ مەشھۇر ئىمپېراتورى ) قوشۇنلىرى بېسىپ كىرگەندىمۇ يەنىلا قولۇمدا ئىنسانىيەت تەقدىرى كۆتۈرگەن چۇقان تىترىكى ئاڭلىنىدۇ . چوڭقۇر زېھىن سالغىنىمدا ئۇنىڭ يەنىلا ئاناكرىئون بىلەن ھومېرنىڭ، ۋېرگىل بىلەن فىلاكۇسنىڭ شېئىرىيىتى، يۇنانلىق ئورىپىئوس بىلەن رىملىق مىنېرۋا ( يۇقىرىقىلار ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن داڭلىق سەنئەتكارلار )نىڭ مۇزىكىسى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىمەن . ئۇنىڭدىن پرومىتۇس بىلەن ئاتلاسنىڭ زارى كېلىدۇ .

ئۇنىڭغا قانۇن ئىلاھى ئافىنا نېمىشقىدۇر پەرۋاسىز .

تەبىئەت قانۇنى، تەبىئىي ھوقۇق قانۇنى توغرىسىدا خىيال سۈرىمەن . سولۇن ۋە مانۇ سوتى ھەققىدە ئويغا چۆكىمەن .

پرومىتۇسنىڭ قانۇنى قاچان سامادىن چۈشەركى، ئۇنىڭسىز مۇسىي ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ .

29

مەن سۇمۇرغقا مىنىپ قەدىمكى بابىل ئۈستىگە كەلدىم .

قىزىل دېڭىزدا ئاسورىيىلىكلەرنىڭ تۇلۇم قېيىقلىرى جاھانكەچتىلىك غېمىدىكى ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ جاسارىتىنى كۆرسەتتى .

ئەنە ئورارتو . خورما يوپۇرمىقى ئاستىدىكى ئەرەبلەر ئىبراھىمنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىماقتا . بابىل خۇددى زېمىندىكى ياقۇتتەك تاۋلاندى . ھەشەمەتلىك بابى قەلئەسى بىر دەمدىلا كۆزدىن غايىب بولدى . ئۇنىڭ خارابىسىنى مىسۇپوتامىيە ئورمانلىرىنىڭ پاجىئەسى تېزلەتتى . قەيەردىندۇر يەھۋەنىڭ نىداسى كەلدى : پولات قورغانلارنىڭ ۋاقىت مىزانىدىكى مۆھلىتى نازۇك چېچەكلەرنىڭ قەرەلىدەكلا مەزگىللىك .

بىردىن غەمكىنلەشتىم . ئالدىمدا مىدىيىلىكلەر بىلەن پىرسىيىلىكلەرنىڭ تۆرەلمىگەن چېغىدىكى روھىي ئەۋرىشكىلىرى يالت قىلىپ قالدى .

30

مانا خارەزىم، مۇقەددەس «ئاتار خۇررا» ئوتى ( زاراتوئاستىرا دىنىدىكى مۇقەددەس ئوت )نىڭ ماكانى .

ئەنە زاراتوئاستىرا . مەن ئۇنىڭ «ئاۋستا» كىتابىنى ۋاراقلىدىم . زاراتوئاستىرا ھېلىمۇ ئىلگىرىكىدەك كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان كۈنگە قاراپ سۆيۈنۈپ سۆزلىمەكتە :

«ئېھ، قۇياش ! ئەي سەلتەنەت يۇلتۇز، ئاخرۇمازدا ( زاراتوئاستىرا دىنىنىڭ مەھبۇبى )نىڭ ئۇلۇغ سىيماسى ! نۇرۇڭنى چاچىدىغان زېمىن بولمىغىنىدا بەختىيار ھېسابلىنارمىدىڭ . ئەگەر سېنى ئۇلۇغلىغان مەن، مېنىڭ بۈركۈتلىرىم ۋە ھەسەن - ھۈسەنلىرىم بولمىغاندا، سەن ئۆز قامىتىڭ ۋە نۇرۇڭدىنمۇ بىزار بولاتتىڭ - ھە ! . . . »

زاراتوئاستىرا ئۆز غارىغا كىرگەندە قۇياشمۇ ئۇپۇق ئارقىسىغا پاتتى . قۇياش قىزىرىپ ھۈپپىدە زورايدى، ئۇ مۇلايىم كۈلۈپ : «خەير، ئوت دىنىنىڭ ئەنبىياسى . مەن ھارارەت تۈپەيلى ھالىمدىن كەتتىم، دېڭىزغا غەرق بولۇشۇم كېرەك . بۇنىڭسىز ھالىمغا كېلەلمەيمەن . . . خەير، خەير» دېدى .

دېڭىز شەلپەردەك قىزاردى، قۇلۇلىلەر ئىچىدىكى مارجانلار تاۋلاندى، ئۇلار قۇياش بىلەن تەڭ ئۆرلىيەلمەيدۇ، ئۇلارنى ئېغىر ئوكيان دولقۇنلىرى بېسىپ تۇرىدۇ .

زاراتوئاستىرا «ئاتار خۇررا» گۈلخانلىقىغا كەلدى . يېنىۋاتقان ئوت، سۇمۇرغنىڭ قايتا تۇغۇلىدىغان جايى .

31

سۇمۇرغ بىلەن قەدىمكى ئارچا، مامونت، دۇپ دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچتۇم . نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر سۈرىدىغان بۇ دەرەخلەر ھىرىدۇتۇسنىڭ بوۋىلىرى ئىدى . سۇمۇرغ بىلەن سەيلە قىلىۋاتقىنىمدا مېنىڭ ئالدىمغا «تەڭرى كومېدىيىسى»دىكى دانتى ئالېگىرىغا ئوخشاپ شېئىرىيەت مۇرەببىسى ۋېرگىل ياكى سۆيگۈ ئىلھامچىسى بىدىلس رەھنەمالىق قىلغىنى يوق . مېنىڭ رەھنەمايىم تارىخنىڭ تۇنجى شاھىتى سۇمۇرغ ! ئۇ تۆۋەنلىدى، زېمىن ئۈستىگە چۈشتى . كەچقۇرۇنلۇقى، خورما يوپۇرمىقىدىن مەست بولۇپ خۇددى فائۇستەك چۈشەكەپ ئۇيقۇغا كەتتىم . چۈشۈمدە ئارچا، مامونت، دۇپ دەرەخلىرىنىڭ ياشارغان سالنامىچىلاردەك ئۆز پوستىلىرىغا تارىخ پۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .

تاڭ سەھەر . يەنە ئۇچۇپ كەتتۇق . سۇمۇرغ مېنى ھېلىمۇ ياشىرىپ تۇرغان بۇ مىڭ يىللىق «سالنامىچىلەر» ئۈستىدىن ئېلىپ ئۆتتى . ئۇلار ئۈچۈن جاۋلىن ۋاڭنىڭ ئاتلىق قوشۇن تۈزۈشى، ئىسكەندەرنىڭ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈشى، ھونلارنىڭ دونايدىن ئۆتۈشى مامونت دەرىخىنىڭ پوستىدا تېخى يېقىنقى ئىشلار . كۇڭفۇزىنىڭ جەسىتى قاچانلا توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ئەمما چۈيپۇدىكى كۇڭفۇزى ئىبادەتخانىسىدىكى ئارچىلار ھېلىمۇ ياشىرىپ : بىز ئۇنى كۆرگەن، دەپ كۈلمەكتە .

نۇھ كېمىچىلىك بىلەن كونا دەرەخلەرنى مېيىپ قىلدى، قالغانلىرىنى توپان ئېقىتىۋەتتى .

لى سى كىتابلارنى كۆيدۈرگەن، ھەقىقىي يىلنامىلەر رىۋايەت، ئەپسانىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىنسانىيەت پائالىيىتىنىڭ يورۇق سايىسى بولغان تارىخ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆيۈپ تۈگىگىنى يوق .

ۋالاقتەگكۈر تارىخ ياسىغۇچىلارنىڭ ساختا ھۈنىرىگە كەلگەندە بىز يەنە سۇمۇرغ بىلەن بىللە كىنايە قىلىمىز .

32

يەنە ھېلىقى ئافىنا قەلئەسى .

دار ياغىچى ئالدىدا سوقرات ( قەدىمكى گرېك پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ) ھېكىمنىڭ دەرغەزەپ ئاۋازى : . . . «ئافىنالىقلار ! سىلەر ئۆز مۇتەپەككۇرۇڭلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا قانچىلىك تەپەككۇر قاراڭغۇلۇقىغا پاتىدىغانلىقىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلمىدىڭلار . بۇ ئادىشىش دۈشمەنلىرىڭلارنىڭمۇ مەسخىرىسىنى قوزغايدۇ . مەن ئۆلۈم ئالدىدا سىلەرگە ئېچىنىمەن . چۈنكى، ئۇۋال قىلماق، ئۇنىڭغا دۇچار بولماقتىنمۇ ئېغىر ھەسرەتنىڭ توغىنىنى بۆسىدۇ . . . »

سوقراتنىڭ سۆزلىرى شىكايەتچى مىلېسىس ( گرېكلارنىڭ قەدىمكى تارىخىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى، تالانتلىقلارنى كۆرەلمەيدىغان، دائىم ئۇلارغا ھىيلە - مىكىر، سۇيىقەست ئويلايدىغان ئادەم )نى يەرگە قاراتتى . سوقرات يېنىك كۈلدى . ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى : «ئاق كۆڭۈل ئادەمگە داغ تەگكۈزۈشتە ھايات قانداق لاياقەتسىز بولسا، ئۆلۈممۇ شۇنداق ئىقتىدارسىز . خەير، ئافىنالىقلار» دېگەندىن ئىبارەت بولدى .

ئەفلاتون ئاگاسىن ئۆيىدىكى بىر قېتىملىق سوقراتنىڭ مەشھۇر سۆھبىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى .

سوقرات ئۆلمىدى، ئۇ ئۆلۈمنى تاللىۋالدى .

33

ساھىبخان مەشھۇر تراگېدىيە ئاكتيورى ئاگانىن ( قەدىمكى گرېك تارىخىدا ئۆتكەن تىياتىر ئاكتيورى ) ئىدى . مېھمانلار قاتارىدا تراگېدىيىچى ئارستۇفان، ئېرىشمۇك ( قەدىمكى گرېك تارىخىدا ئۆتكەن دراماتورگ )، سوقرات ۋە ئۇنىڭ مۇرىتى ئارستۇتىماس ( سوقراتنىڭ شاگىرتى ) بار ئىدى .

ئەنە يازغۇچىلار تراگېدىيە ۋە كومېدىيە ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەكتە . ھەممە نەرسىنىڭ مەنبەسى بولغاندەك، سۆھبەت ئۆز بۇلىقىغا _ گۈزەللىك، مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ مۇئەككىلى ئافرۇدىتاغا يۆتكەلدى . ئېرىشمۇك سۆزلىمەكتە .

مەن خىيالغا چۆكتۈم . گۈزىلىم، سەن مۇھەببەت شارابىنىڭ ھەقىقىي ساقىيسى . سەن مېنىڭ مۇئەككىلىم، مەن سېنىڭ شەيدالىقىڭ شاراپىتىدىن سېنى سۆيىمەن، سەن ئۈچۈن كۈلىمەن، يىغلايمەن . مەن ئۇلۇغ ھاياتنى مۇشۇ شەيدالىق بىلەن كۈيلەيمەن . چۈنكى، ئۇ مېنى شۇنداق ياراتقان، شۇنداق ئۆستۈرگەن، شۇنداق ئۆگەتكەن .

مەن خىيالدىن ئۆزۈمنى يىغدىم . كۈلكە _ ئەقىل چېچىكى، يىغا _ زېھىن شەبنىمى .

34

پاھ، غەمكىن ئىلاھ _ ئافرۇدىتا !

قايسى مەرتىۋە ھەققىدە ھەسرەت چېكىسەن، ئۇنى خالاش ھاماقەتلىك، ئۇنى كۈيلەش بىمەنىلىك . ئاگۇستۇسنى كۈيلەپ سپارتاكنى روھلاندۇرالمايسەن، كاتو ( يۇقىرىقىلار غەرب ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي قەھرىمانلار )نى مەدھىيىلەپ «يۈكسەكنامە»گە مۇئەللىپلىك قىلالمايسەن . ئۇ بارغانسېرى قېرىۋاتقان ھەم ھەمىشە ياشلىق ئۆركىشى بىلەن مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرغان چەكسىز ۋاقىت دەرياسى ئالدىدا ئۆز - ئۆزىگە قىلىنغان بىر مەسخىرىۋازلىق .

قايسى بايلىق توغرىسىدا غەمگە چۆكىسەن . ھاراق پىرى باللوسنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇتقانلىكى نەرسە ئالتۇنغا ئايلىنىدىغان ھېكمەتكە مۇيەسسەر بولغان مىراس ئېسىڭدىمۇ، ئاڭلا، ئۇنىڭ ئالتۇن دۆۋىسى ئىچىدىكى ئاچلىق نالىسىنى، ئاندالوشيا ( گرېك ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمان )نى خەتەرگە ئىتتەرگەن سەركەردە قاسىمنىڭ تىلەمچىلىكتە ئۆز مەھەللىسىدە ئۆلگەنلىكىنى ئۇنتۇدۇڭمۇ .

قايسى شۆھرەت خۇسۇسىدا ۋەسۋەسە قىلىسەن . ترۇيادىكى يانغۇن، كىرىت ئارىلىدىكى ۋابا، ھۈنەر ئۇستىسى دىدالوس ( گرېك ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمان )نىڭ سىڭلىسى قىزىدىن قىزغانغانلىقى تۈپەيلى ئۇچۇشتىن دېڭىزغا غەرق بولغان ئوغلى سېنى ئويلاندۇرمامدۇ . شۆھرەت شەخسنىڭ خەلقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ بېشارىتى . ئىشەنمىسەڭ تۆمۈرلەڭنىڭ ئادەم بېشىدا ياسىغان مۇنارىغا قارا .

ئىلاھىم، غەمكىنلەشسەڭ ئاشىق ۋە مەشۇقلىرىڭنىڭ پاجىئەلىرىدىن بىئارام بول .

مەن ھومېر داستانلىرىدىن، سافۇ لىرىكىسىدىن، سۇلايمان قەسىدىسىدىن، چۈييۈەننىڭ «توققۇز نەزمە»سىدىن، ئوۋىدنا سونىڭ «مۇھەببەت سەنئىتى»، «سۆيگۈ شىپاسى»دىن كۆز ياشلىرىنىڭ يەنە بىر قىزىل دېڭىزىنى ئۇچرىتىمەن .

سەن ياخشى كۆرۈشكەنلەر تەقدىرىنى قايتىدىن ئەش . . .

35

مەن مۇھەببەتكە ھامىيلىق قىلىمەن، مۇھەببەت بىلەن ھامىيلىق قىلىمەن . چۈنكى :

ئۇ تۇنجى ئەركىنلىك تۇغىنى تىكلىدى ! ئىختىيار مەشئىلى، قارشىلىق نەيزىسىنى كۆتۈردى !

ئۇ تۇنجى قېتىم پىداكارلىق _ باشقا بىرسى ئۈچۈن قۇربان بولۇش ئۈلگىسىنى تىكلىدى !

ئۇ تۇنجى ئەخلاق ۋە پەزىلەت پەردىسىنى ئورناتتى !

ئۇ نومۇس ۋە غۇرۇر، ئار ۋە پەخىرنى پەيدا قىلدى ! باشقا جايدا خارلىنىشقا، تىل - ھاقارەتكە تاقەت قىلغان ئىنسان ئۆز سۆيگىنى ئالدىدا تاقەت قىلالمايدۇ .

ئۇ تۇنجى قېتىم يۈكسەكلىك تۇيغۇسىنى ئوماقلىق تۇيغۇسىغا قوشتى !

مۇھەببەت ئەڭ گۈزەل، ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ نۇرانە قۇدرەت . ئۇ ئەڭ شېرىن، ئەڭ خۇشال، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارزۇ .

ئۇ ئەزەلدىن زوراۋانلىققا يۆلەنگەن ئەمەس !

ئۇنى زوراۋانلىق ئەزەلدىن ئۆزىگە قۇل قىلالىغان ئەمەس !

ئۇ بارلىق زوراۋانلىقنىڭ دەھشەتلىك تىغىنى قايرىغان، قۇدرەتلىك قوشۇننى چېكىندۈرگەن، شاھى تاجلارنى يەرگە رۇكۇ قىلدۇرغان، مەغرۇر قەلبلەرگە ھەسرەت دېغى سالغان، چەۋەنداز قولىغا قەلەم ئېلىشقا ئىلھام بەرگەن قۇدرەت !

ئۇ ئادالەتنىڭ كىنايىسى ! بارلىق تاقەتسىزلەر، تەكەببۇرلار، زورلۇق غالىبلىرى ئۈستىدىكى ئىنسانىيەت قەلبىنىڭ ئاچچىق مەسخىرىسى !

ئۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئىلھام مۇئەككىلى، شېئىرىيەت مەكتىپى، ئەڭ بىرىنچى شېئىرىيەتنىڭ تارىخىي خاتىرىسى !

ئۇ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى دوختۇر ! ئۇ ئىلىمشۇك، لوقمان، بەقىرات ( ھىپۇگرات )، گالىن، ئەررازى، ئىبىن سىنا ( يۇقىرىقىلار ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر دوختۇرلار )دىنمۇ ماھارەتلىك ھېكىم . ئۇ ئىنسان كۆزىدىن تىكەننى، يۈرەك قېنىدىن ئارماننى ئالىدۇ . كۆڭۈل قاينىمىغا چۆككەن گۆھەر سىرىنى ئاچىدۇ . ئۇنىڭ شەپقىتى ھايات دۇنياسىغا كېچە - كۈندۈز ئۈمىد چىرىغىنى يېقىپ تۇرىدۇ .

ئۇ بەخت قامۇسىنىڭ مۇئەللىپى، ھاراق ئىلاھى ۋە توققۇز مۇسېنىڭ ئۇستازى .

ئۇ ئادەم بىلەن ھاۋا ئېرەم بېغىدا يېگەن ئەقىل مېۋىسىنىڭ ھەقىقىي جەۋھىرى !

ئۇ تارتالوس غارى ( جۇغراپىيىلىك نام، ھازىرقى ئورال تېغىدا دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ )نىڭ تۆپىسىدە تاشلىق قىياغا زەنجىرلەنگەن پرومىتۇس ( ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ئوغرىلاپ چۈشكەن قەھرىمان )نىڭ ئۆلمەس يۈرىكى ! ئۇ ئەپسانە تونى كىيگەن ھەقىقىي ھايات ئېقىمىنىڭ زاھىر گەۋدىسى !

مۇھەببەت بولمىغاندا ئىدى، زىۋىس نەزىرىدە جازا لاگېرى ھېسابلانغان يورۇق زېمىن ماڭا مۇنچىلىك قەدىرلىك بولماس ئىدى . مۇھەببەت تۈپەيلى، پرومىتۇس جىگىرىنى چوقۇپ ھارمىغان قاراقۇشمۇ، ئاخىر زىۋىسقا قارشى ئىسيان ئىلھامى بىلەن چېنىقىدۇ .

مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار تېمىسى ۋە سەنئىتى !

36

قۇياش پۇت - قوللىرىمنى چارچىتىپ، ئاي ئۇيقۇلۇق ئارامى بەرگىنىدە مەن سېنى سېغىندىم .

تەۋرات سەھىپىلىرى قولۇمغا چىقتى . ئالەمنىڭ بىنا قىلىنىشى ؛ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن . نۇھنىڭ بىر يۈز ئەللىك كۈنلۈك توپانىدىن كېيىن تۇر تېغىغا چىققانلىقى، مۇسانىڭ پىر ئەۋىن بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى، سۇلايمان نەزمىسى كۆزۈمگە چۈشتى .

تەئەججۈپلەنمەڭ، مانا بۇ تەۋراتنىڭ ئۈزۈندىلىرى .

كىشىلەر مىڭ يىللاپ ئىبادەت قىلغان ئېھرامدىن يەھۋە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئافرۇدىتانىڭ سۈرىتىنى، ھېلىمۇ سېنىڭ تار كوچاڭدىن كۈندىلا ئۇچرىتىمەن .

تەۋراتنى ۋاراقلايمەن، سېنى سېغىنىمەن .

37

مەن ئۇنى، ئۇنىڭ قەلبىنى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۇنىڭدىكى ۋىناسنىڭ ئىپادىسىنى سۆيىمەن .

مەن ئۇنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان كىرپىكلىرىگە، ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ چۈشكەن قىسمەتلىك كۆز ياشلىرىغا ئۆلىمالار مۇقەددەس كىتابلارغا، زەرپۇرۇشلار ئۈنچە - مارجانلارغا بېرىلگىنىدەك زېھىن ۋە ئېھتىيات بىلەن نەزەر سالىمەن .

ئايالنىڭ كۆز يېشىدا بېجىرىم بەدىنىم شىكەستىلىنىدۇ .

قىزنىڭ كۈلكىسىدىن ئۆز رەنجىمنىڭ شىپاسىنى تاپىمەن .

ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئالەم ھاياتىنىڭ چوغلۇق يۈرىكى يوشۇرۇنغان . ئۇلارنىڭ كۆز يېشى ياكى كۈلكىسىدە پەلەك رايىنىڭ سىرلىرى ئاشكارىلانغان .

ئاھ، ھاۋا ! پاھ، پاندورا ! ئېھ، ۋىناس !

38

يازنىڭ سالقىن كېچىسى . بۇلۇتلار زېمىنغا ئۈنچە تۆكتى .

تاڭ سەھەر . ئېتىز ئارىلاپ ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم . نەمخۇش، ئىزغىرىن شامالدا قىچىلىق ئېدىرغا چىقتىم . قىچىنىڭ ئالتۇندەك سېرىق چېچىكى مېنى مەھلىيا قىلىپ خۇددى زېمىندىن يىراقلاشتۇرغاندەك بولدى . مەن ساپسېرىق گۈللۈك، مىليون - مىليون گۈل پايىلىرى ۋە مىلياردلىغان گۈل تاجىلىرىدىن ئۆركەشلىگەن گۈللۈك دېڭىزغا غەرق بولدۇم . كۆكسۈمنى ئېچىپ، شامال ئۇرغان تەرەپكە يۈزۈمنى قىلدىم . يامغۇردىن كېيىنكى ئىزغىرىن شامالدا دولقۇنلىغان قىچا دېڭىزى ئۆزىنىڭ مىسلىسىز خۇش پۇرىقى بىلەن مېنى بىھوش قىلدى .

ئاھ ئىپار دولقۇنى ! كېپىنەكلەر قىچا چېچىكى رەڭگىگە كىردى، ئۇلارنىڭ قەلبى خۇش پۇراق بىلەن تولدى .

مەن كۆركەم مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندىم، ھۇزۇر لەززىتى مېنى ئىلھام بۇلاقلىرىدىن يىراقلاشتۇردى !

قەلبىمنى چېچەك، چېچەك ھىدى قاپلىۋالدى . سەھىپىلىرىم چېچەكسىز قالدى !

پەسىللەر ئالماشتى . بورانلىق كۈز كۈنلىرىدىن كېيىن ئەندىشىلىك قىش تەختكە چىقتى . مەن سوغۇق قېتىش بوراندا ھەيدىلىپ تاشلانغان ھېلىقى قىچىلىققا چىقتىم . كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى كەڭ كەتكەن ئاختامىلىق ! ئۇنىڭدا سېرىق چېچەك دېڭىزى، نە قىچا پۇرىقىنىڭ دولقۇنى . . .

يالغۇز بىر كېپىنەكنى ئۇچراتتىم . ئۇمۇ قىچىلىق دېڭىزىدىكى ئىپار دولقۇنىنى ئىزدەيدۇ، بوراندا قېقىلىپ، ئۆز قىسمەتلىرىگە ئىشەنمىگەندەك يەنىلا ئاختامىلىققا چۈشۈپ، سۇسىز دەريادا قالغان بېلىقتەك ئازابلىناتتى .

ئۇ بارغانسېرى چىلان تۇپراق رەڭگىگە كىردى . ئۇنى توپىدىن پەرق ئېتىش قىيىن ئىدى . ئۆز مەشۇقىدىن ئايرىلغان كېپىنەك بۈگۈن قەھرىمان ئىدى . ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئاختامىلىق تېگىگە سىڭدى .

ئۇنىڭ نەزمىسى _ كېلەر يىلى ئۆركەشلىنىدىغان ئىپار دېڭىزىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ھەممە كېپىنەكلەرنىڭ «ھايات قەسىدىسى» . دىلىمنى ئۇنىڭ قىسمىتى ئېرىتتى . ئىلھام شامى ئوت تاجىنى قادىغاندا، قەلبىمدە شامدىن چاچرىغان مايدەك سېنتىمېنتال ( ھەسرەتلىك، قايغۇلۇق ) يىغا دولقۇنى كۆتۈرۈلدى . ئەنە، قىچىلىق ئىپار دېڭىزى، ئەنە كېپىنەكلەر بەيگىسى . . .

سەھىپىلىرىم تېخىچە تېرىلمىغان قىچا ئۆركەشلىرى ئارىسىدا چېچەكلىدى .

39

يەھۋە _ «ھايات» دەرىخىدىكى ئۆلمەسلىك مېۋىسىنى يېگەن تەبىئەت .

ئەگەر ئۆلمەسلىك مېۋىسىنى يەھۋەدىن باشقا يەنە بىرى يېگەندە ئىدى، ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ خىيالىي ھەم ئىلمىي تەپەككۇرى، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر سەمەرىسى بولغان يەھۋەمۇ بولمىغان بولاتتى .

40

موھتاجلىق !

مەن ساڭا شىۋىرلاپ سۆزلەيمەن . سەن ماڭا سۈرەن سېلىپ قاقشايسەن .

مەئىشەتتە بەھرەم گۆردەك، راھەتتە جەمشىتتەك، كەيپ - ساپادا پىرئەۋىندەك، شۆھرەتتە ئىسكەندەردەك بولغىنىڭنىڭ ماڭا ھۇزۇرى يوق .

ئۆلمەسلىك دەرىخىدىن مېۋە ئۈزمىسەڭمۇ، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن كىيىم كىيىپ، پۇلنىڭ ئالتۇن ھارۋىسىغا چۈشۈپ مەغرۇرلانما ! مەن بۇنىڭغا قىزىقمايمەن .

مەن پرامىدانىڭ ئاستىدا ياتقان مىسىر پىرئەۋىنىنىڭ مۇمىياسىغا قىزىقمايمەن ؛ قىزىقىدىغىنىم، پرامىدانى ئىشلەشكە كەتكەن ئەقىل ۋە سەنئەت .

مەن ئۇلۇغ چىن سېپىلى قەلئەلىرىگە قىزىقمايمەن ؛ قىزىقىدىغىنىم، ئوغۇزخان ھەققىدىكى تەسىرلىك خەلق داستانى .

مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم ئورالتۇ شاھى ساردورى ئىككىنچىنىڭ تاش ماۋزۇلى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئابىدىنى قاپلاپ ئويۇلغان خەتلىك تارىخ .

موھتاجلىق !

گەرچە سەن ئۆلمەسلىك دەرىخىدىن يىراق تۇرساڭمۇ ئەقىل مېۋىسى بىلەن تويۇنغان ئىكەنسەن، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ تەنتەنىلىك ئىشلىرىغا مۇناسىپ سەن !

41

يېشىل زېمىن، گۈزەل سەييارە . سېنىڭ باغرى ھايات گۈلىستانى ؛ سېنىڭ ھەمراھىڭ چىرايلىق ئاي نىگارى . سەن كۈندۈزى قۇياشتىن، كېچىسى ئايدىن يورۇقلۇق ئالىسەن . سەن ھەمراھسىز سەييارىلەر، تۇمانلىق يۇلتۇزلار، يالقۇنلۇق ئاسمان جىسىملىرى، مۇزدەك پلانېتىلاردىن بەختلىك .

يېشىل زېمىن، گۈزەل سەييارە . مېنىڭ پېشانەمدىكى ئىروگىلىفلارغا قاراپ نېمىشقا قايغۇرىسەن . مەن نېمىشقا سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا يىغلايمەن .

42

ۋاھ، رەھىمسىز تارىخ ! ئالەمنىڭ شەپقەتسىزلىكىگە سېنىڭ رەھىمسىزلىكىڭ نېمىدېگەن تەققاس ! سەن سېنى رەھىمسىزلىكتە دەبدەبە قىلغان كىشىلەرگىمۇ خۇددى سېنى رەھىمسىزلىكتە مەسخىرە قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا رەھىمسىز !

سېنىڭ ۋاقىت توزانلىرىڭ شاھانە پرامىدالارنى، چويۇن ھەيكەللەرنى، زەر يوپۇق مۇمىيالارنى، شۆھرەتلىك قەلئەلەرنى غەرق قىلىدۇ .

سېنىڭ زامان توپانلىرىڭ ھەممىنى چىرىتىپ ئۇنتۇلدۇرىدىغان پايانى يوق تىلسىم .

سېنىڭ رەھىمسىزلىكىڭنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە دەرىجەڭنى راسا چۈشەنگەنلىرى ئاز .

سەن، ئەي ۋاقىت زومىگىرى، ھېچ نەرسىگە شەپقەت ئورنى قالدۇرمايسەن . مەئىشەتلىك دۇردۇن داستىخىنىدا پاقلان قۇيرۇقى بىلەن ياپىلاقلانغان جىگەر تائامىنى يەۋاتقان بەختىيار ئادەم قانچىلىك مەغرۇر بولمىسۇن ۋە ياكى گۈل دەستىلىرىنى ئوينىتىپ مەشۇقلار باغرىغا رەشك پەيدا قىلىپ يۈرگەن گۈزەل سەتەڭلەر قانچىلىك تەمەننالىق بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ خۇددى بوغۇزلانغان پاقلان ۋە ئۈزۈلگەن چېچەكنىڭ نام - نىشانسىز ئۇنتۇلغىنىدەك رەھىمسىز ۋاقىت دەرياسىدا غايىب بولىدۇ ! ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ، تىرىشچانلىقلىرىمۇ خۇددى بىر تال چۈمۈلىنىڭ ۋە ياكى بىر تال گىياھنىڭ ئالەمگە كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنىڭ ئېتىبارى بولمىغىنىدەك ئۇنتۇلىدۇ .

تارىخنىڭ رەھىمسىزلىكىنى سەن تېخى راسا چۈشەنمەيسەن . سەن پەقەت ئونلاپ ئەسىر ئىچىدە، ھەر قانداق تەنتەنىلىك سەلتەنەتلەر ياكى پاجىئەلىك ھېكايەتلەر بىردىنلا ئۇنتۇلغاندىن كېيىنلا، بۇنىڭدىكى رەھىمسىزلىكنىڭ ئىنتايىن ئاددىي، تولىمۇ تەبىئىي، ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلالايسەن .

ئۇنتۇلمايدىغانلار توغرىسىدا نېمە دېسەم بولار . . . ھېس قىلالىغىنىم شۇكى، ئۇلارنىڭ تولىسى ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۇنتۇلغان . . .

43

قەدىمكى ئافىنادا گراكلىت، سوقرات، ئەفلاتون، ئارستوتېل . . . بارمىدى . شۇنچە پاراغەتتىن رىمنى چۈشكۈنلۈككە پاتۇرغان، شۇنچە ھەسەت ۋە جەڭگى - جېدەللىرى بىلەن سېرىق دەريانى قانغا بويىغان، شۇنچە دەھشەتلىك سەلىپ يۈرۈشلىرى بىلەن ئالەمنى دەپسەندە قىلغان مەغرۇرلارنىڭ نام - نىشانى قېنى ؟!

ئۇلار ئۆز دەۋرىدىكى ئەرزىمەس ھايۋانات ۋە چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار بىلەن بىللە ئەسىرلەر ئۇپۇقىدا يوقالدى .

مەن ھەيرانمەن . نوپۇس تاشقىندەك تېشىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئەسىرلەر مابەينىدە ئىنسانىيەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىرى تولىمۇ ئاز . ئۇنتۇلماس كىشىلەردىن مىڭ رەقەمنى تولۇق ۋە ھەقىقىي تولدۇرۇش ئۈچۈن قېرى زېمىن ئون مىڭ قېتىم ھامىلىدار بولۇشى ۋە ھەر قېتىمى يۈز مىليون رەقەمگە ھامىلىدار بولۇشى لازىم .

تارىخ مىسلىسىز رەھىمسىز !

ئۇنىڭ تاللىشى ئىختىيارسىز .

44

مەن سېنى سۆيىمەن . سەن تېخى بۇنى چۈشەنمەيسەن . مەن ئۇنتۇلۇپ كېتىمەن .

مەن سېنى سۆيىمەن . سەن تېخى بۇنى چۈشەنمەيسەن . مەن يۈرەك - دىلىمنى قەغەزگە پۈتۈپ ساڭا تاشلاپ كېتىمەن .

مەن سېنى سۆيىمەن . سەن بۇنى چۈشەنگىنىڭدە، مەن ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس سېزىمەن . ئۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا ئىشقىمنى ئىزھار قىلىدىغان جىمىكى مۇشەققەت ياكى راھەتنى قەدىرلەيمەن .

45

تەئەججۈپ قىلىمەن . نەپەس دەرگاھىغا _ ھايات بوسۇغىسىغا چىرقىراپ چۈشكەن بوۋاق، نېمىشقا ئەقىل پەيدا بولغىنىدىن كېيىن موھتاجلىق ۋە پىرقەتچىلىك دەشتىدە قاقاقلاپ كۈلۈشنى ئۆگىنىۋالدى .

تەئەججۈپ قىلىمەن . چىرقىراپ تۇغۇلغانىدىم، ئەقىل شەربىتىنى ئىچكىنىمدىن كېيىن يىغلاپ كۆرمىدىم . كۈلكىلىرىمگە قاراپ مېنىمۇ بەختىيار دەيدىغانسەن - ھە !

46

گۈزىلىم چەش باغلىدى . مەن سول تارتتىم .

شادلىق ئىچىدە كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى : ئوتتەك ئاپتاپ، مۇزدەك بۇلاق سۈيى، ئالتۇندەك بۇغدايلىق، ئۇنىڭ تەبەسسۇملۇق كۆزلىرى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى . . .

ئۆزۈمچىلا غودۇڭشىدىم : ھەي بۇغداي ! مەن سېنىڭ تۈپەيلىڭ جەننەتتىن ھەيدەلگەن ئادەمنىڭ ئەۋلادىمەنغۇ . ئەمدى مېنى قاغجىراق ئالەمگە تاشلاپ قويۇپ نېمانچە كەم ھوسۇل بولۇپ كەتتىڭ ياكى مېنى تاشلاپ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتامسەنا ؟

گۈزىلىم چۆچۈپ كەتتى . ئەنە يىلان، ئەنە يىلان ! چۆپ ياقىلاپ قاچتى . . .

مەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم . ئۇ ماڭا ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر كوزا بۇلاق سۈيىنى كاھىش ئاھاڭىدا يەرگە تۆكتى - دە، غودۇڭشىدى : يىلان چېقىۋالسا مەيلىمىدى، نېمىدېگەن كۈلكە بۇ . . .

مەن تېخىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم . مۇشۇ بۇغداينى ئادەم بىلەن ھاۋاغا يېگۈزۈپ ئۇلارنى جەننەتتىن سۈرگۈن قىلدۇرغان بۇ چار يىلان _ ئىبلىسنىڭ بېشارىتى بولمىسۇن يەنە . ئۇنىڭ قېچىپ كەتكىنى ياخشى، كىم بىلىدۇ، ئۇ ھېلىمۇ بىزنى دوزاخ ئازابىغا سېلىشنىڭ قەستى بىلەن يۈرگەندۇ . . .

ئۇمۇ كۈلۈۋەتتى، ئارقىدىن قاقاقلاپ تەڭ كۈلۈشتۇق . ئۇ نېمىگىدۇر خىجىل بولغان چېغى ئارقىسىغا يېنىپ بۇلاقتىن ئۇرغۇپ چىققان يېڭى شەربەتتەك سۇ تولدۇرۇلغان كوزىنى كۆتۈرۈپ كەلدى . ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ قوشۇلغان شولىسى كىچىككىنە كوزا يۈزىدە ھاياجانلىقتا تىترەپ تۇراتتى .

47

قەلبىڭدە مەڭگۈ ھاياتلىق قىممىتى سۆيۈنىدىغان جفۋاھىر بولمىسا، سېنىڭ ھەر قانچە پاراغەتلىرىڭمۇ يەنىلا پاجىئەدىن ئىبارەت .

پاراغەتلىرىڭدىن مەغرۇرلانغۇچە، مەنىسىزلىكىڭدىن نومۇس قىل .

48

سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭ تاراملاپ چۈشكەن بۇ گۈل سېۋىتىدە مېنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىم ياشىرىپ تۇرۇپتۇ . بۇ مېنىڭ بەختىم . قەلبىمدىكى پۇچەكلىكلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرايمەن . ئۇنىڭسىز يۈرىكىمدە ھەقىقەت مەشئىلى يورۇمايدۇ .

پاكلانغان قەلبىم سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭنى بەخت ۋادىسىغا ئېلىپ بارىدىغان ئۈمىد سۇمۇرغى . . .

49

دۇئا قىلغانلارنىڭ ئالىقانلىرىغا زەن سېلىپ قارىدىم . قوللارنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئۇنىڭ ھالىدىن روشەن ئىدى .

دۇئا قىلغانلارنىڭ ئۈستىۋېشىغا زەن سېلىپ قارىدىم . قوللىرى قانچە قاپارغانلارنىڭ كىيىملىرى شۇنچە ۋەيرانە . . .

دۇئا قىلغانلارنىڭ رەڭگىرويىغا زەن سېلىپ قارىدىم . خاراباتلىرىنىڭ تەڭرىدىن تىلەيدىغانلىرى شۇنچە ئاز، شۇنچە تۆۋەن ئىدى .

نىجادىيەت ئۈمىدلىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، ھاياتلىق سەرگۈزەشتلىرىمىزنىڭ بىردەكلىكىنى سېزىۋاتىمەن . مۇشۇ تاپتا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈمدىن ئامەتلىكلەرگە خۇشامەت قىلىشنى ياكى ئۆزۈمدىن ئاپەتلىكلەرگە كىبىر كۆرسىتىشنى نومۇس بىلىمەن . بېشىمنى چۆكتۈرۈپ خىيال سۈرگىنىمدىن باشقا نېمە نېسىۋەم بولسۇن .

50

بارلىق شۆھرەت ۋە پاراغەت خاھىشلىرىم كۆيۈپ تۈگىدى . ئۇنى كۈل قىلغان سېنىڭ نۇرانە يۈكسەكلىكىڭ .

بارلىق نادانلىق ۋە تېڭىرقاشلىرىم نومۇس ئىچىدە ئۆلدى . ئۇنى نابۇت قىلغان سېنىڭ ئادالەتلىك ئۇلۇغلۇقۇڭ .