سۇيجۇ شەھىرى
سۇيجۇ(خەنزۇچە: 隨州) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دېھقانچىلىق پىرى يەندىنىڭ يۇرتى ئىكەن.
سۇيجۇ شەھىرى ھەققىدە
تەھرىرلەشسۇيجۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، دېھقانچىلىق پىرى يەندىنىڭ يۇرتى ئىكەن. غەربىي جۇ سۇلالىسى مەزگىلىدە سۇي بەگلىكىنىڭ پايتەختى، چىن بەگلىكىگە قاراشلىق نەنياڭ ئايمىقى بولغان، تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ۋىلايەت تۇرۇشلۇق جاي قىلىنغان.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
تەھرىرلەشھازىر مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىش سېپىلنىڭ خارابىسى بار. قەدىمىي مەدەنىيەت خارابىلىرى، قەدىمىي قەبرىلەر كۆپ. شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان لېيگۇدۈن قەدىمىي قەبرىلەر توپىدىكى زېڭ بېگى يىنىڭ قەبرىستانلىقىدىن كۆپلىگەن ئاسارئەتىقىلەر چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن قىممەتلىك تىزما قوڭغۇراق، تىزما ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ قارلىق قەدىمىي چالغۇلار بار.