سۈرە قارىئە

سۈرە قارىئە

سورة القارعة

ئومۇمى ئەھۋال
نازىل بولغان مەككە
ئايەت سانى 11
سۆز سانى 36
ھەرپ سانى 158

سۈرە قارىئە (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Süre Qarie ) بولسا قۇرئاننىڭ 101-سۈرىسى.

تېكستى ۋە مەنىسىتەھرىر

ئايەت: 1 ٱلۡقَارِعَةُ قىيامەت[1]،

ئايەت: 2 مَا ٱلۡقَارِعَةُ قىيامەت نېمىدۇر[2].

ئايەت: 3 وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡقَارِعَةُ قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]

ئايەت: 4 يَوۡمَ يَكُونُ ٱلنَّاسُ كَٱلۡفَرَاشِ ٱلۡمَبۡثُوثِ شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ[4].

ئايەت: 5 وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ ٱلۡمَنفُوشِ تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ[5].

ئايەت: 6 فَأَمَّا مَن ثَقُلَتۡ مَوَٰزِينُهُۥ تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ[6ـ7].

ئايەت: 7 فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ[6ـ7].

ئايەت: 8 وَأَمَّا مَنۡ خَفَّتۡ مَوَٰزِينُهُۥ تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].

ئايەت: 9 فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٞ تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].

ئايەت: 10 وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا هِيَهۡ ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟[10]

ئايەت: 11 نَارٌ حَامِيَةُۢ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر[11].

تەفسىرىتەھرىر

القارعة: قىيامەت كۈنىنىڭ باشقا بىر خىل ئاتىلىشى.

  • حَمى, يحْمي, حامٍ: ھىمايە قىلماق، قوغدىماق.

باشقىلارتەھرىر

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى شەيىخ مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان.ھىجىريە 1416- يىلى پادىشاھ فەھد قۇرئان كەرىم تەرجىمە مەركىزى نەشىر قىلغان.ئىزاھات: پىكىر ئەركىنلىكى، باھالاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەسلى تەرجىمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىشارەت قىلىنغان بەزى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى رۇۋۋاد تەرجىمە مەركىزىدە توغرىلانغان.

مەنبەلەرتەھرىر

سىرتقى ئۇلانمىلارتەھرىر

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
سۇرە مۇددەسىر
  سۈرە قارىئەنىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
سۇرە مەسەد
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31 · 32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 45

46 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61 · 62 · 63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 ·

  • 30-پارە

78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88
89 ·
90 · 91 · 92 · 93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114