ئەسسۈنەنۇل كۇبرا (بۈيۈك سۈنەن/ السنن الكبرى) ياكى سۈنەنى بەيھەقى (السنن البيھقي)، مەشھۇر مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئەلبەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 - 1066) نىڭ ئەھكام ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابە - تابىئىنلەردىن كەلگەن بايانلارنى جەملىگەن 10 توملۇق بۈيۈك ئەسىرى بولۇپ، 70 بۆلۈم ۋە يۈزلەرچە بابلاردا 30 مىڭغا يېقىن ئىسناد ۋە 26 مىڭ 490 مۇسنەد رىۋايەت بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىسنى، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بايانلىرىنى ۋە شەرئىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنەن ئېنسىكلوپېدىيەلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەدىس، ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى تەخرىج قىلىشتىكى مۇھىم ۋە ئەسل مەنبەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام بەيھەقىي بۇ ئەسىرىگە بىر تومدا «‹سۈنەنۇل كۇبرا› كىتابىغا كىرىش» (المدخل إلى كتاب السنن الكبرى) نامىدا مۇقەددىمە يازغان. يەنە ئۇ ئەسىرىدە ھەدىس ئىلمى بىلەن فىقھ ئىلمىنى جەملەش بىلەن بىرگە، ھەدىسلەردىكى ئىللەتلەرنى، مۇھەددىسلەرنىڭ باھالىرىنى بايان قىلغان ۋە بىر - بىرى بىلەن زىتتەك كۆرۈنگەن ھەدىسلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان.

ئەسەر ھ. 432 - يىلى 12 - جامادىيەلئاخىر / م. 1041 - يىلى 17 - فېۋرال تاماملانغاندۇر.

مەنبەلەر تەھرىرلەش