سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى

خاس پرىنسىپ
  9- باب سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى
  130- ماددا سېتىۋېلىش- سېتش توختامى ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، سېتىۋالغۇچى مال پۇلى تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  131- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12- ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىنىڭ ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلى، پرىيوم ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى، راسچوت ئۇسۇلى، توختام تۈزۈشتە قوللىنىدىغان يېزىق ۋە ئۇنىڭ كۈچى قاتارلىق ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ.
  132- ماددا سېتىشتا نىشان نەرسە ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى ياكى ساتقۇچى ئۇنى بىر ياقلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولۇشى كېرەك.
  نىشان نەرسىلەردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغانلىرى ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چەك قويۇلغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  133- ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ نەرسە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ يۆتكىلىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  134- ماددا ئالاقىدارلار سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىسا، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ساتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ پۈتۈشسە بولىدۇ.
  135- ماددا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا نىشان نەرسىنى ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇش ھەمدە نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  136- ماددا ساتقۇچى پۈتۈشكىنى ياكى سودىلىشىش ئادىتى بويىچە نىشان نەرسىنى ئېلىش تالونىدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنىمۇ سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
  137- ماددا قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق نىشان نەرسىلەرنى سېتىشتا، شۇ نىشان نەرسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سېتىۋالغۇچىغا تەۋە بولمايدۇ.
  138- ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشى كېرەك. تاپشۇرۇش سۈرۈكى پۈتۈشۈلگەن بولسا، ساتقۇچى تاپشۇرۇش سۈرۈكى ئىچىدىكى ھەر قانداق چاغدا تاپشۇرسا بولىۋېرىدۇ.
  139- ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى ۋە 62- ماددىسىنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  140- ماددا نىشان نەرسىنى سېتىۋالغۇچى توختام تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئىگىلىۋالغان بولسا، توختام كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت تاپشۇرۇلغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
  141- ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك.
  ئالاقىدارلار تاپشۇرىدىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ:
  (1) نىشان نەرسىنى توشۇشقا توغرا كەلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى تۇنجى توشۇغۇچىنىڭ سېتىۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.
  (2) نىشان نەرسىنى توشۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە نىشان نەرسىنىڭ مەلۇم جايدا ئىكەنلىكىنى بىلسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى شۇ جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ نىشان نەرسىنىڭ مەلۇم جايدا ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى توختام تۈزگەن چاغدىكى تىجارەت ئورنىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.
  142- ماددا نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ئۇ تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  143- ماددا سېتىۋالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تاپشۇرغىلى بولمىسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىنغان كۈندىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  144- ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىلەردىن توشۇغۇچىنىڭ توشۇشىغا تاپشۇرۇپ توشۇلۇۋاتقانلىرىنى ساتقاندا، ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى توختام پۈتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  145- ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسە تاپشۇرۇلىدىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولۇپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 141- ماددا 2- تارماق (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ساتقۇچى نىشان نەرسىنى تۇنجى توشۇغۇچىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  146- ماددا ساتقۇچى پۈتۈشكىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 141- ماددا 2- تارماق (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇلىدىغان جايغا قويۇپ قويغاندا، سېتىۋالغۇچى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئالمىسا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان كۈندىن باشلاپ سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  147- ماددا ساتقۇچىنىڭ نىشان نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك تالون ۋە ماتېرىياللارنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرماسلىقى ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
  148- ماددا نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغان ياكى توختامنى بىكار قىلغاندا، نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  149- ماددا نىشان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ساتقۇچىنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە قەرز تۆلىمەسلىكى سەۋەبلىك سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
  150- ماددا ساتقۇچى ئۆزى تاپشۇرغان نىشان نەرسىدە ئۈچىنچى كىشىنىڭ سېتىۋالغۇچىدىن ھېچقانداق ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  151- ماددا سېتىۋالغۇچى توختام تۈزگەندە ئۈچىنچى كىشىنىڭ سېتىلىدىغان نىشان نەرسىدە ھوقۇقى بارلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، ساتقۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 150- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  152- سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۈچىنچى كىشىنىڭ نىشان نەرسىدە ھوقۇق تەشەببۇس قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئېنىق دەلىل- ئىسپاتى بولسا، مۇناسىپ مال پۇلى تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ، لېكىن ساتقۇچى مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  153- ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن سۈپەت تەلىپى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتىگە ئائىت چۈشەندۈرمىنى بەرگەن بولسا، تاپشۇرغان نىشان نەرسە شۇ چۈشەندۈرمىدىكى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
  154- ماددا ئالاقىدارلار نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت تەلىپى توغرىسىدا پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 62- ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  155- ماددا ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىسا، سېتىۋالغۇچى ئۇنىڭدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 111- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  156- ماددا ساتقۇچى نىشان نەرسىنى پۈتۈشكەن ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك. ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ھەممىباب ئۇسۇل بويىچە ئوراش- قاچىلاش كېرەك، ھەممىباب ئۇسۇل بولمىسا نىشان نەرسىنىڭ بېجىرىملىكىنى ساقلايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئوراش- قاچىلاش كېرەك.
  157- ماددا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پۈتۈشكەن پرىيوم سۈرۈكى ئىچىدە پرىيوم قىلىشى كېرەك. پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ۋاقتىدا پرىيوم قىلىشى كېرەك.
  158- ماددا ئالاقىدارلار پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى ساتقۇچىغا پرىيوم سۈرۈكى ئىچىدە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئۇقتۇرۇش قىلىشتا سۇسلۇق قىلسا، نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ.
  ئالاقىدارلار پرىيوم سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سەزگەن ياكى سېزىشكە تېگىشلىك بولغان مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلمىسا ياكى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا، نىشان نەرسىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بولسا، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش توغرىسىدىكى شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانماي، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تەتبىقلىنىدۇ.
  ساتقۇچى ئۆزى بەرگەن نىشان نەرسىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش ۋاقتىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
  159- ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن سان بويىچە تۆلىشى كېرەك. مال پۇلى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى، 62- ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
  160- ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن جايدا تۆلىشى كېرەك. تۆلەيدىغان جاي پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمسا، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىنىڭ تىجارەت ئورنىدا تۆلىشى كېرەك، لېكىن مال پۇلى تۆلەشنى پۈتۈشكەندە نىشان نەرسىنى ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇش شەرتى قويۇلغان بولسا، نىشان نەرسە ياكى ئۇنى ئېلىش تالونى بار جايدا تۆلىنىدۇ.
  161- ماددا سېتىۋالغۇچى مال پۇلىنى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك. تۆلەش ۋاقتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسە ياكى ئۇنى ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك.
  162- ساتقۇچى نىشان نەرسىنى ئارتۇق تاپشۇرسا، سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى ئالسىمۇ ياكى رەت قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى ئالسا، مال پۇلىنى توختامدىكى باھا بويىچە تۆلەيدۇ؛ سېتىۋالغۇچى ئارتۇق قىسمىنى رەت قىلماقچى بولسا، ساتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
  163- ماددا نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى ھاسىلاتى ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھاسىلاتى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.
  164- ماددا نىشان نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن توختام بىكار قىلىنسا، نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قىسىمىغىمۇ توختامنى بىكار قىلىشنىڭ كۈچى يېتىدۇ. نىشان نەرسىنىڭ قوشۇمچە قسىمى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن توختام بىكار قىلىنسا، نىشان نەرسىنىڭ ئاساسىي قىسمىغا توختامنى بىكار قىلىشنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.
  165- ماددا نىشان نەرسە بىر نەچچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەرسە پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سېتىۋالغۇچى شۇ نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، لېكىن شۇ نەرسە باشقا نەرسىلەردىن ئايرىۋېىلگەندە نىشان نەرسىنىڭ قىممىتىگە زىيان يېتىدىغان بولسا، ئالاقىدارلار بىر نەچچە نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  166- ماددا ساتقۇچىلاردىن نىشان نەرسىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تاپشۇرىدىغانلىرى نىشان نەرسىدىن بىر تۈركۈمنى تاپشۇرمىغانلىقتىن ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىغانلىقتىن، شۇ تۈركۈمدىكى نىشان نەرسىدە توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى شۇ تۈركۈمدىكى نىشان نەرسىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  ساتقۇچى نىشان نەرسىنىڭ بىر تۈركۈمىنى تاپشۇرمىغانلىقتىن ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىغانلىقتىن، نىشان نەرسىنىڭ كېيىنكى باشقا تۈركۈمىنى تاپشۇرغان بىلەنمۇ توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ شۇ تۈرۈكۈمىگە ۋە كېيىنكى باشقا تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ بىر تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلماقچى بولغاندا، نىشان نەرسىنىڭ شۇ تۈركۈمى بىلەن باشقا تۈركۈملىرى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولسا، نىشان نەرسىنىڭ تاپشۇرۇلغان ۋە تاپشۇرۇلمىغان تۈركۈمىگە ئائىت توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  167- ماددا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان سېتىۋالغۇچىنىڭ مۇددىتى توشسىمۇ تۆلىمىگەن مال پۇلى سوممىسى ھەممە مال پۇلىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتكەن بولسا، ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىدىن ھەممە مال پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  ساتقۇچى توختامنى بىكار قىلغاندا، سېتىۋالغۇچىدىن شۇ نىشان نەرسىنى ئىشلىتىش ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  168- ماددا ئەۋرىشكە بويىچە سودىلاشقۇچىلار ئەۋرىشكىنى پېچەتلەپ ساقلىشى كېرەك ھەمدە ئەۋرىشكىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرسە بولىدۇ. ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسە بىلەن ئەۋرىشكە ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلگەن سۈپىتى ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
  169- ماددا ئەۋرىشكە بويىچە سېتىۋالغۇچى ئەۋرىشكىنىڭ يوشۇرۇن نۇقسانى بارلىقىنى بىلمىسە، تاپشۇرۇلغان نىشان نەرسە ئەۋرىشكە بىلەن ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ، ساتقۇچى تاپشۇرغان نىشان نەرسىنىڭ سۈپىتى يەنىلا ئوخشاش تۈرىدىكى نەرسىنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
  170- ماددا ئىشلىتىپ كۆرۈپ سودىلاشقۇچىلار نىشان نەرسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئۇنى ساتقۇچى بېكىتىدۇ.
  171- ماددا ئىشلىتىپ كۆرۈپ سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى ئىچىدە سېتىۋالسا بولىدۇ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىشلىتىپ كۆرۈش سۈرۈكى توشقاندا سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى سېتىۋېلىش- سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىسە، سېتىۋالدى دەپ قارىلىدۇ.
  172- ماددا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش يولى بىلەن سودىلاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
  173- ماددا كىمئارتۇق سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك كىمئارتۇق سودىسىنىڭ تەرتىپى قاتارلىقلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملادىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  174- ماددا قانۇندا باشقا ھەقلىق توختاملار توغرىسىدا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمە بولمىسا، سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.
  175- ماددا ئالاقىدار مال ئالماشتۇرۇش سودىسى قىلىپ، نىشان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەشنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەردىن پايدىلىنىدۇ.