سېرىق كۈدە تۈگرىسى

سېرىق كۈدە تۈگرىسى ئېتىش ئۇسۇلى:

خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گرام، لوق گۆشتىن 200 گرام، ئەبجەش ياغدىن 70 گرام، سېرىق كۈدىدىن 600 گرام، پالەكتىن 100 گرام؛ تۇز، ئاقمۇچ، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى يۇغۇرىمىز. 2. گۆش، سېرىق كۈدە، پالەكلەرنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرغا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ قىيما سېلىپ، تۈگرە تۈگۈپ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، قازان قايناپ تۈگرە ئۆرلەپ چىققاندا، پات ـ پات سوغۇق سۇ تېمىتىپ پىشۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش