زامانىۋى ئىلىم - پەندە ئۆلچەپ بېكىتىلىشىچە، 1 كىلوگرام سېرىق پۇرچاق2 كىلوگرام كالا گۆشى، 4 كىلوگرام چوشقا گۆشى ياكى12 كىلوگرام كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىغا تەڭ كېلىدىكەن. ئۇ چوڭ - كىچىك ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ يەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك. كىشىلەر يەپ ئادەتلەنگەن دۇفۇ، دۇفۇ قېقى، مايلىق دۇفۇ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى سېرىق پۇرچاقتىن تەييارلانغان. سېرىق پۇرچاق يەنە مۇھىم مايلىق دان زىرائىتى ۋە سانائەت خام ئەشياسى بولغاچقا، «پۇرچاق شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.

جۇڭگو ئەڭ بالدۇر سېرىق پۇرچاق ئۆستۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ4000 −5000 يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. مىلادىيە1873 - يىلى ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەللەر كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ سېرىق پۇرچىقى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ، ئېسىل بۇيۇم قاتارىدا ئەتىۋارلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ سېرىق پۇرچىقىنىڭ نامى دۇنياغا تونۇلۇپ، جۇڭگو «سېرىق پۇرچاق پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالغان.

ئەگەر سىز بىر تۈپ سېرىق پۇرچاقنى يىلتىزى بىلەنلا يۇلۇۋالسىڭىز، ئۇنىڭ يىلتىزىدا نۇرغۇن ئۇششاق مونەكچىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز، مانا بۇ يىلتىز تۈگۈنىكى بولۇپ، ئۇ مەلۇم باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدە شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل باكتېرىيە يىلتىز تۈگۈنىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ سېرىق پۇرچاقنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى سۇ، ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ. كىچىككىنە يىلتىز تۈگۈنىكى باكتېرىيىسى ھاۋادىكى ئازوتنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆسۈملۈك سۈمۈرەلەيدىغان ئاممىياك ھالىتىدىكى ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، سېرىق پۇرچاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. سېرىق پۇرچاق يىلتىزىدا يىلتىز تۈگۈنىكىنىڭ بولۇشى خۇددى سېرىق پۇرچاق تۈپىدە نۇرغۇن ئۇششاق «خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى» بولغاندەك ئىش.