سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى

سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى 18 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭەيگەن بىر خىل ئەدەبىي ئېقىم، ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن جەمئىيەتتە كەسكىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، تۆۋەن قاتلامدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجادتىمائىي ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئاقارتىش مەسلىكى تەشەببۇس قىلغان ئەركىنلىك، باراۋەرلك، ۋادارلىق قاتارلىق غايىلەر كۆپۈكتە يوققا چىققانلىقى تۈپەيلىدىن قايغۇ ـ ھەسرەت كەيپىياتى كېلىپ چىققان. سېنتىمېنتالىزىمچىلار ئادەملەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئەقىل ـ ھېسسىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە ئايرىيدۇ، ئۇلار ئەقىلنىڭ نوپۇزى رېئال جەمئىيەتتىكى غايەت زور كۈچنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھېسسىيات جەھەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ شۇنداق قىلىپ، ئەدەبىياتتىكى ـ يېڭى پىكىر ئېقىمى ـ سېنتىمېناتالىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ تەبىئىي ھالدا كەلگەن.

ۋەكىللىك شائىرلار تەھرىرلەش

ئەنگلىيىدە سېنتىمېنتالىزىم ئەدەبىياتى شېئىر ۋە روماندىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ۋەكىللىك شائىرلاردىن جامېس تومسون، ۋەكىللىك ئەسىرى «تۆت پەسىل ناىشىلىرى» ، ئىدۋارد يوۋنگېر، ۋەكىللىك ئەسىر «شىكايەت ياكى ھايات ـ مامات، مەڭگۈلۈك كېچە توغرىسىدا» ، توماس گراي، گولدسمىت، ۋەكىللىك ئەسىرى «تاقىر كەنت»؛ رومانچېلاردىن: ساموئېل رىچاردسون، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «پارمېلا»، «كلارسىسا خاررو»، لاۋرېنس ستېرنى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «شاندى تەزكىرىسى»، «قايغۇ ھەسرەتلىك ساياھەت».

ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسسىياتنى مۇبالىغە قىلىش، پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە  ھەمنەپەسلىكىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. ئۇلار تولا چاغلاردا ھايات ـ ماماتلىق، قاراڭغۇ كېچە ۋە غېرىبلىقنى تېما قىلدۇ، ئەسەرنىڭ ئىستىلى قايغۇلۇق. تىلى تۇتۇق بولىدۇ. ئۇلار يەنە ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يۇمۇرلۇق قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. سېنتىمېنتالىزم  يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ قوللىنىدىغان ئەدەبىيات ژانىرى مەرسىيە، ساياھەت خاتىرىسى ۋە خەت ـ چەكلەر شەكلىدىكى رومانلاردىن ئىبارەت.

تارقىلىشى، تەرەققىياتى تەھرىرلەش

سېنتىمېنتالىزم فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە روسىيىگە تارقالغان، ئورنى، ۋاقتى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش تەرەققىيات ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئىنتايىن مۇرەكككەپ ئەھۋاللار ئىپادىلەنگەن. فرانسىيىدە ھەقىقىي سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىي ئېقىم ۋۇجۇدقا كىلمىگەن، لېكىن بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى قېنىق قايغۇ ـ ھەسرەت تۈسىگە ئىگە بولغان، مەسىلەن: ژان ژاك رۇسسوننىڭ «يېڭى ئېروكىس » ناملىق ئەسىرى شۇنداق، گېرمانىيىدىكى بوراندا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بەزىلىرىمۇ رىھارد سون، ستېرنى، تۇسسو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۈچلۈك سېنتىمېنتالىزم تەركىبلىرى بار، رۇسسىيىدە بولسا، بىر مەھەل سېنتىمېنتالىزم ئېقىمى پەيدا بولغان، بۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى ـ كارامزىن.

18 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 19 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئورنىنى ئاستا ـ ئاستا رومانتىزم ئەدەبىياتى ئىگىلىگەن.[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە تورى، 29 كۆنەك 2016 ئۇلانمىسى